ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا بولغۇچى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك

ۋاقىت : 2012-04-27 12:00 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئاتا بولغۇچى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك

 

ئاتا بولغۇچى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك
 

 ئاتىلار ئائىلىنىڭ تۆۋرىكى، يۆلەنچۈكى، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى كۆتۈرۈپ ماڭغۇچى،پەرزەنتىلىرىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن كەچكۈچى ئۇلۇغ ئىنسان. ئاتىلار پەرزەنتىلىرگە لەۋزىدە تۇرۇشنى، مەردۇ-مەردانىلىقنى، باتۇر، قەيسەرلىكنى، چىدامچانلىقنى، ئەجدادىنىڭ مەدىنىيىتى ۋە تارىخىنى پەرزەنتىلىرىگە يەتكۈزۈپ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇليەتنى ئۈستىگەئىلىشى كىرەك. ئاتىنىڭ قانداق بولۇشى ماھىيەتتىكى پەرزەنتلەردىكى قاننىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، بۇ دىگەنلىك ئاتىدا ئاتىچە خاسىيەت بولسا پەرزەنتتە چوقۇمكى ئۆزىگە ئىشىنىشتەك ئۈمۈد نۇرى بولىدۇ.

   ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا ئەخلاقى- پەزىلىتىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئاتا «ئالىم »تەربىيلىمەيدۇ «ئادەم» تەربىيلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلارنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى يارىتالىشى ئىنتايىن مۇھىم ئۆتكەل بولۇپ، ئائىلە يۇسۇنى پەرزەنت تەربىيەسىدىكى بىرىنچى ئۆتكەل بۇلۇپ، تەربىيەنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ، تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى،ئەنئەنىۋى يۇسۇن بىلەن ھازىرقى زامان ئەخلاقىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.

   ئاتا دىگەن شەرەپكە نائىل بولغان كىشى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تۆۋەندىكى پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم. لەۋزىدە تۇرۇش. بۇ ئاتىلارنىڭ پەرزەنتىلىرىگە مەردۇ-مەردانىلىق، ھەقىقى سۆزلۈك، خىيانەتسىزلىك،قىزىلكۆزلۈكتىن نېرى تۇرۇپ، قىزىلكۆزلۈككە قارشى تۇرىدىغان ئىسىل پەزىلەتنى يۇقتۇرۇشىدىكى پەزىلەتلىرىنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق ئاتا قولىدا تەربىيلەنگەن پەرزەنت ھەقىقى ئادىمىيلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا زور دەسمايىگە ئىگە بۇلىدۇ.

   كەڭ قورساق بولۇش. ئاتا-ئانىلارنىڭ كەڭ قوساق بولۇشى ماھىيەتتە پەرزەنتىلەرنىڭ ئەپۇچان، باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرۈپ ۋە باشقىلارغا ياردەم بىرىپ، توغرا يولغا باشلايدىغان مەزمۇت ئادەم بولۇپ چىقىشتىكى يەنە بىر پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق پەرزەنتىلەر ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇكى، قىزىققانلىق، كۆكەمىلىكتىن خالى بولۇپ تەربىلىنىدۇ.

   راسچىل بولۇش. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرى ئالدىدا راسچىل بولۇپ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈشى، ئۆزى قىلالايدىغان،قىلىپ بىرەلەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە بىرىشى، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە قىلماسلىغى لازىم. بۇنداق شارائىتتا تەربىيلەنگەن پەرزەنتىلەر سەمىمىيلىك، راستچىللىق پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈپلا قالماي يەنە ئائىلىسىگە باشقىچە تەلەپ قۇيۇشتەك ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنالايدۇ. «يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇش»نى بىلىپ، ھەرقانداق ئىشتا ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىشنى بىلىدۇ.

   ئائىلە ئىچىدىكى پەدىشەپكە ئاتا بولغۇچى چوقۇم قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ دىگەنلىك ئاتا قىز -ئوغۇل پەرزەنتلەرگە بولغان مۇئامىلىدىكى پەرىقنى بىلىپ، ئۇلارغا ئايرىم تەربىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم ئايرىم تەربىيە قىلىش، ئونۋىرسال تەربىيەلەرنى بىرلىكتە قىلىش، ئۆي ئىچىدە ھاياسىزلارچە گەپ -سۆز، ئۇرۇش- تالاش قىلىشنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئېلىپ، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك.

   ئاتىدا چوقۇم باشقىلارغا يۆلەك بولىدىغان، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان،باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز قىرىنى سالمايدىغان ياخشى خاراكتىر پەزىلىتى بولۇش كېرەك. ئاتىنىڭ بۇنداق خاراكتىر پەزىلىتى ئاستىدا چوڭ بولغان پەرزەنتلەرنىڭ كۆزى توق، باغرى ئىللىق چوڭ بولۇپ، نۇرغۇن دىللارنىڭ غەمخانىسى بولالايدۇ. ئاتىلاردا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىززەتلەش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولسا پەرزەنتىلەردە ئۆزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان ئىسىل خىسلەت شەكىللىنىدۇ. دوست- دۈشمەننى، ياخشى- ياماننى، ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش تۇيغۇسى يېتىلىدۇ.

   ئاتىلار پەرزەنتىنى «ئادەم» قىلىپ تەربىيلەيمەن دەيدىكەن يەنە پاسسىپ ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشى، شۇ ئاساستا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە چەك قويۇشى كېرەك. بۇنداق چەك قۇيۇش مۇۋاپىق ۋە دەل بۇلۇشى كېرەك. مەسىلەن: بالىڭىز كىچىك چېغىدا خوشنىڭىزنىڭ قۇغۇنلۇقىدىن ئىككى دانە قۇغۇن ئۆغرلاپ كىردى. سىزدە تۆۋەندىكىدە ئۈچ خىل ئىنكاس كۆرۈلىشى مۈمكىن. A:قوغۇننى تىلىپ يىيىشىڭىز مۈمكىن. B:بالا كىچىكلىك قىلىپتۇ دەپ ئىگىسىگە قايتۇرىشىڭىزمۇ مۈمكىن. C:بالىغا تەربىيە بىرىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىغىنى ئۇنىڭغا تۇنۇتۇپ،خوشنىڭىزغا قوغۇننى قايتۇرۇپ بىرىشىڭىزمۇمۇمكىن....

   بىز قايسى تىپتىكى ئاتىلاردىن بولىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭدا چوقۇمكى بىز ئۈچىنچى خىل ئۇسۇلنى تاللىشىمىز لازىم. ئەگرى نوتىنى ۋاقتىدا تۈزلىگەن ياخشى. ئەگەر داۋاملىق يول قويساق ئىشنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بۇ يامان ئىللەتلەرنىڭ پەرزەنتىمىزدە يىتىلىشىگە ئاساس بولۇپ قالىدۇ. بىز دەپ ئۆتكەن پەزىلەتلەر ئاتىلاردا يىتىلدى دىگەندىمۇ بۇ پەزىلەتلىرىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزگە سىڭدۈرەلىشىمىز ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. بىز ئاتا بولغۇچىلار تەربىيەنىڭ ئۇسۇلىنى تاللاپ، ئاساسسىز تەربىيە بىرىشتىن ساقلىنىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قايىللىغىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولساق، ئائىلىمىزدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ پەزىلىتىمىزنىڭ تەسىر قىلىش دائىرىسى چوڭ بولىدۇ. ئاتا بولغۇچىلار پەرزەنتىمىزگە ئۆزىمىزدىكى ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى ئۆگىتىش ، يۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە پەرزەنتىمىز ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلەرگىمۇ توغرا قارىيالايدىغان بولىشىمىز ھەم شۇ ئارقىلىقمۇ پەرزەنت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز، ھەرگىزمۇ زىددىيەتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزگە تۈگىمەس باش قېتىنچىلىقى تېپىۋالماسلىقىمىز لازىم.

   ئائىلىدە ئاتا تەربىيەسى سۇس بولسا پەرزەنتلىرى گەدەنكەش بولىدۇ، بالىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۈيۈنىشنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھىساپتا ئاتىنىڭ ئۆزىگە سالغان بويۇنتۇرۇق ياكى سىرتمىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈيىنىش بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ خاسلىقىنى يىتلدۈرۈشكە ئالاھىدە ياردەم بىرىشىمىز لازىم. چۈنكى كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن، ئاتا بولغۇچى بۇ ھەقىقەتنى مەڭگۈ ئىسىدە ساقلىشى كېرەك.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ