ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتائەت

ۋاقىت : 2013-10-25 17:31 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتائەت

ۋارىسجان ئەھمەد

ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتائەت

    خىزمەتدىشىم مەسئۇلىيەتچان ، كەمتەر، تۈز ئادەم ، خوتۇنىمۇ تىرىشچان، ئىقتىسادچىل، سەمىمىي ئايال ئىدى، ئۇلار تولىمۇ ئىناق ئۆتەتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە قايسىسىنىڭ ۋاقتى يەتسە، بالىلارنى مەكتەپكە يولغا سالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنت بولاتتى. بالىلار دادىسىغا يوللۇق تەلەپلەرنى قويسىمۇ، ‹‹ئاپاڭلارنىڭ سەمىگە سالاي›› دەپ، ئاپىسىغا ئارزۇسىنى ئېيتسىمۇ ‹‹داداڭلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاي›› دەپ، ئەر – ئايال بىر – بىرسىنىڭ بالىلار ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى قوغدايتتى. بالىلارمۇ ئاتا – ئانىسىغا كۆيۈنەتتى، ھۆرمىتىنى قىلاتتى، قولىدىن كېلىشىچە ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى.

    يەنە بىر قوشنام بولۇپ، بەزىدە خوتۇنى ئۇنى كىچىك بالىلارنى ئىشقا بۇيرۇغاندەك ئىشقا بۇيرۇيتتى، بەزى ئىشلىرى دىتىغا ياقمىسا، سىلكىشلەيتتى. بالىلىرى دادىسىنىڭ گېپىنى ئىلىك ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاپىسى ئۆزىنى بۇيرۇغان ئىشلارغا دادىسىنى بۇيرۇپ، تېلېۋىزوردىن باش كۆتۈرمەي، گاھىدا ئاچا – ئىنى ئىككىسى تىزگىنەك تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغىنىنى ئاڭلاپ قالاتتۇق. بۇ قوشنام خوتۇنىنىڭ ھازازۇللىقىنى سۆزلەپ قالسا، ئىچىمىز ئاغرىپ تەسەللى بېرەتتۇق. ئۇنىڭ گېپىچە ئۇمۇ بالىلىرىنى، ئائىلىسىنى دەپلا خوتۇنىنىڭ تەكەببۇرلۇقىغا چىداپ ېلىۋېتىپتۇ.

    ئائىلە ئەر – ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول ›› چىقىرىشى، بىر – بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش، ئورۇنلۇق ئىشلىرىنى قوللاش، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا مەدەت ھەم ئىلھام بېرىشى، بالىلارنى ئورتاق تەربىيەلەش ۋە پەرۋىش قىلىشى ئارقىلىق روناق تاپىدۇ. ناۋادا ئائىلىدە بىر تەرەپ ھۆكۈمران بولۇپ، ئىمتىيازلىق بولۇۋالسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتمىگەن ئىشلار سەۋەبلىك ماجىرا تۈگىمەيدۇ. يەنە كېلىپ بىر قىسىم ئائىلىدە بالىلارمۇ ئائىلىدە كىمنىڭ گېپى ئۆتسە، بالىلارنىڭ ئارزۇ – تەلىپىنى كىم قاندۇرالىسا، شۇنىڭ گېپىنى بەكرەك ئاڭلايدۇ ھەم ھۆرمىتىنى قىلىدۇ.

    ئائىلىدە ئەر – ئايالنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقسا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشسا، كۆيۈنسە، ئاتا – ئانىنىڭمۇ بالىلار ئالدىدا ئىناۋىتى بولىدۇ، بالىلارمۇ ئەدەپلىك، تەرتىپلىك، مەدەنىي چوڭ بولىدۇ ھەم ئاتا – ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىناۋىتى، قەدىر – قىممىتى ئالدى بىلەن ئائىلىدە تىكلىنىدۇ. ئائىلىسىدە ئىناۋىتى بولمىغان ئادەمنىڭ جەمئىيەتتە ئىناۋىتىنىڭ تىكلىنىشى بەكلا تەس.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(6)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ