ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچى›› لىكىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

ۋاقىت : 2013-09-17 20:13 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچى›› لىكىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

ئىسمايىل مۇھەممەد

بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچى›› لىكىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

   نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئامالنىڭ بارىچە بالىلىرىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇنداق قىلسا بالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ. تەڭ بەھرىمان قىلغۇزۇشنىڭ بالىلارنىڭ ھەمراھلار چەمبىرىكى ھاسىل قىلىشىغا پايدىسى بولامدۇ؟

   تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، يېشى چوڭ بالىلار نىسبەتەن سېخىيراق بولىدىكەن. يېشى كىچىك بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچىلىك›› ئېڭى كۈچلۈك بولىدىكەن، شۇنداقلا بەھرىلىنىش ھەرىكەتلىرىمۇ ئاز بولىدىكەن. دۆلىتىمىزدىكى بەزى ئالىملارتەجرىبە ئارقىلىق ئىككى ياشلىق بالىنىڭ ‹‹شەخسىيەتچىلىك›› ھەرىكەتلىرىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقىنى، ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەشنىڭ روشەن بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. سەۋەبى ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتى بالىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەرىكەتلىرىنى بەلگىلەيدىكەن. بۇ مەزگىلدىكى بالىلار ھەممە نەرسە مېنىڭ دەپ قاراپ، باشقىلارنىڭ چېقىلىشىغا يول قويمايدىكەن. شۇڭا بالىلاردا ماددىي نەرسىلەرنى ئىگىلەش ئېڭى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاستا – ئاستا باشقىلارنىڭمۇ ماددىي نەرسىلەرگە ھوقۇقى بارلىقىنى چۈشىنىدىكەن.

   تەڭ بەھرىمان بولۇش ئىنسانلاردىكى بىر خىل يېقىنچىلىق ھەرىكىتى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالاپ باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ھەم ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ۋە قانائەتكە ئېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئورنىتىش ۋە ساغلام پىسخىكا شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى. شۇڭا شەخسىيەتچىلىكتىن خالىي بولۇشنىڭ ئۈچ ئاساسى شەرتى بولىدۇ. مۇددىئادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوقۇم ئۆزى خالىشى كېرەك. شەكىلدىن قارىغاندا، بالىلار نەرسىلىرىنى باشقىلار بىلەن تەڭ ئىشلىتىشى كېرەك. ھېسسىيات نۇقتىسىدىن، بالا ھەم بەھرىلىنىش ئارقىلىق خۇشاللىق ۋە قانائەتكە ئېرىشەلىشى كېرەك. مۇشۇ ئۈچ شەرتنى ھازىرلىغاندا بالىلاردىكى شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تۇرمۇشتا، بالىنىڭ مۇستەقىل ھەرىكىتىگە قارىتا، ئائىلە باشلىقى دائىم بالىنى ‹‹ساختا بەھرىلەندۈرۈش›› ھەرىكىتىنى چىقىرىشقا يېتەكلەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، ئائىلە باشلىقى بالىنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ھوقۇقى، خالىشى ۋە ھېسسىياتى قاتارلىقلارغا سەل قارايدۇ ياكى چۈشەنمەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىنى خالاپ بەھرىلىنىشكە يېتەكلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ساختا بەھرىلىنىش بالىنىڭ بەھرىلىنىش تونۇشى ۋە ھەرىكىتىنى قوزغىيالمايلا قالماي، بەلكى بالىدا بەھرىلىنىش تونۇشى ۋە ھەرىكىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە مەلۇم دەرىجىدە توسالغۇ بولىدۇ.

   بىلىشىمىز كېرەككى، ‹‹شەخسىيەتچىلىك›› بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا بولىدىغان ھەرىكەت ئەمەس، ھەم ئوتتۇرىغا چىقسىلا، مەڭگۈ يوقالماي داۋاملىشىدىغان ھەرىكەتمۇ ئەمەس. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ پىسخىكا تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىشى، بالىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشقا قارىغۇلارچە زورلىماستىن، مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا بالىنىڭ تەڭ بەھرىمان بولۇش تونۇشى ۋە ھەرىكىتىنى تەربىيەلەش زۆرۈر.

 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ