خەلقىمىزنىڭ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى
ئادەم بۇ دۇنياغا پەقەت بوۋاقلىق ھالىتىدە كۆز ئاچىدۇ. بوۋاق ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىش، كۈرەش قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ساق-سالامەت تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن نورمال تەرەققىي قىلالىشى ياكى بىرەر ئەزاسىدا مەلۇم كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپ ھاللاردا بوۋاقلىق دەۋرىدىكى بېقىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەر قانداق بىر بوۋاقنىڭ ئەقىل ۋە جىسمانىي جەھەتتە نورمال چوڭ بولۇپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشى شۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى، خۇشاللىقى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر مىللەتنىڭ بەدەن سۈپىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ بوۋاقلارنى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ بالىلارنى ساغلام چوڭ قىلىش، بەدەن سۈپىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، مۇئەييەن ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى دەل خەلقىمىز بالىلارنى ساغلام بېقىپ ئۆلتۈرۈشتە يەكۈنلەپ چىققان ھەمدە بۇرۇنقى زامانلاردىن تارتىپ كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەردىن بىرىدۇر. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ، بۇ خىل ئادەت بوۋاقلارنى ساغلام پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بوۋاقلار يۇيۇلىدىغان سۇغا ئالتۇن بۇيۇملارنى قوشۇپ يۇيۇش ئادىتى خەلق ئارىسىدا «بوۋاقنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۆرپ-ئادەت قەدىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. چۈنكى، كىشىلەر بۇرۇنلا تۇز ۋە ئالتۇننىڭ تازىلاش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش قاتارلىق رولىنى بايقاپ يەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە خەلق ئارىسىدا «بوۋاقنى ئالتۇن سېلىنغان سۇدا يۇيۇپ بەرسە خار بولماس، ئىناۋىتى زىيادە، دۆلەتلىك بولغاي» دەيدىغان قاراشمۇ مەۋجۇت.
ئۇيغۇرلاردا، بوۋاق تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم يۇيۇلىدىغان سۈيى ئۈچۈن ئىلمان سۇ تەييارلىنىدىغان، ئاندىن سۇغا ئازراق تۇز ۋە ھەر خىل دورا-دەرمەكلەر، يەنى ئالما قېقى، ئائدراسمان قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئالتۇن ئۈزۈك ياكى ئالتۇن ياپراقچىسى قوشۇلۇپ، بوۋاقنى شۇ سۇدا يۇيۇدىغان ئادەت بار. بوۋاق تۇغۇلۇپ 40 كۈن بولغاندا يەنە «قىرىق سۈيى» بىلەن يۇيۇندۇرۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبىلىك ئايال تەكلىپ قىلىنىدۇ. «قىرىق سۈيى» ئادەتتە ئىلمان سۇ، ئازراق تۇز ۋە ئالتۇن قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئالتۇن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مەدەن، نازۇك زىننەت بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئادەم ئورگانىزمىغا زۆرۈر بولغان ماددا ئىكەنلىكى بىلەنمۇ قىممەتلىك. ئالتۇندىكى ئۆزىگە خاس قىممەت ۋە رەڭ ئىپادىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بەستلىك قەددى-قامىتىگە ۋە گۈزەل چېھرىگە ھۆسىن قوشقىنىدەك، تەن ساغلاملىقىغىمۇ جور بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى تارىخىي پاكىتلاردىن مەلۇم.
ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلار بارماقلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقاشنىڭ رېماتىزىم ۋە سۆڭەك بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇلار ئالتۇن ئۈزۈك سالىدىغان 30 نەپەر رېماتىزىم بىمارىنىڭ قول بۇغۇمىنى رېنتىگېندە تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك تاقايدىغان بارمىقىنىڭ باشقا بارماق بۇغۇملىرىغا قارىغاندا رېماتىزىمنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىنى، ھەتتا ئۈزۈك تاقىغان بارمىقىنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا بۇغۇملارغىمۇ پايدىسى بولغانلىقىنى بايقىغان. ئالتۇننىڭ تېرە ياكى لىمفا ئارقىلىق مۇناسىپ بۇغۇملارغا تەسىر قىلىپ، سۆڭەك چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنىمۇ بايقىغان. نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، ئالتۇندىن دورا ياساپ رېماتىزىمنى داۋالاش ئۇسۇلى دۇنيادا خېلى بۇرۇنلا كەڭ قوللىنىلغان. ئېلىمىزدە تەركىبىدە ئالتۇن قوشۇپ ياسالغان بىر خىل دورا بولۇپ، ئۇ داۋا بولىدىغان بىردىنبىر كېسەللىك رېماتىزىم ئىكەن. شۇ دورا ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا، بوغۇملارنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە بوغۇملار شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەجدادلىرىمىز بۇ ئېلېمېنتنى بەدەن ئىچىدىنلا ئەمەس، بەدەن سىرتىدىنمۇ كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىپ كەلگەن. شۇڭا، «ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە، ھەتتا بارماقلىرىدا ئالتۇن زىننەتلىرى بولغان ئايال تەييارلىغان تائاملارنى يېسە، بەدەننىڭ ئالتۇن ئېلېمېنتىغا بولغان ئېھتىياجى مۇئەييەن دەرىجىدە قاندۇرۇلىدىغانلىقى» ئاساسسىز ئەمەس.يۇقىرىقىلاردىن ئالتۇننىڭ بەدەنگە كۆپلىگەن پايدىلىق تەسىرلەرنى بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە قەرەللىك يۇيۇش بېرىش بوۋاقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، بوۋاقلاردا كېسەللىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بوۋاقنى ساغلام، ئەقىللىق چوڭ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. خەلقىمىزنىڭ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتىگە تېبابەتچىلىك-ساقلىقنى ساقلاش قاراشلىرى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئالتۇننىڭ يۈرەك، مېڭە، جىگەر ۋە پۈتۈن بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى ساقلاش، مېڭە سېزىملىرىنى قۇۋۋەتلەش، زېھىننى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، تازىلاش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش قاتارلىق تەسىرلىرى بار، دەپ قارىلىدۇ. ئالتۇن ياپراقچىسى، داغمال سۇلىرى ۋە كۈشتىلىرى مەدەن دورىلار ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قىممەتلىك دورىلار ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى زامان خىمىيە ئىلمىدىمۇ ئالتۇن ھازىرغىچە بايقالغان 94 خىل تەبىئىي ئېلېمېنت ئىچىدىكى قىممەتلىك ئېلېمېنت بولۇپ، ئۇ ئاسانلىقچە باشقا ماددىلار بىلەن رېئاكسىيەلەشمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئەسلىي پارقىراق، ساپ ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى، خىمىيەۋى خۇسۇسىيەت جەھەتتە بىر قەدەر تۇراقلىق، نۇرغۇن فىزىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەپ تەرىپلىنىدۇ.
بوۋاقلارنى ئالتۇن سېلىنغان سۇدا يۇيۇپ تۇرغاندا، ئالتۇن ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەت ۋە تەسىرى ئارقىلىق شۇ بوۋاققا پايدىلىق تەسىر بېرىدۇ، يەنى ئالتۇننى ئىلمان سۇغا سالغاندا، ئالتۇننىڭ تەسىرى شۇ سۇغا ئۆتىدۇ. بۇ سۇدا بوۋاقنىڭ بەدىنىنى يۇيۇپ بەرگەندە، ئالتۇننىڭ تەسىرى بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاسانلىقچە بىرەر خىمىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئېلېمېنت ئىسسىقلىق ۋە توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئەڭ ياخشى بولغان مېتال ئېلېمېنت بولغاچقا، ئۇنىڭ تەسىرى قان تومۇرغا ئۆتۈپ، قاننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى ساقلايدۇ ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ-دە، بوۋاقنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. مىكروب ئۆلتۈرۈش، تازىلاش تەسىرى ئارقىلىق قاننى تازىلاپ، قان بۇزۇلۇشتىن بولىدىغان قىزىل چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى ئارقىلىق، بوۋاق بەدىنىگە كالتىسىي، تۆمۈر، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ، يود كەملىكتىن بولىدىغان قالقانسىمان بەز چوڭىيىپ كېتىش، تۆمۈر كەملىكتىن بولىدىغان قان ئازلىق، كالتىسىي يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان راخت، سۆڭەك غەيرىيلىكى، تىلى، چىشى كېچىكىپ چېىقىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئالتۇننىڭ مېڭە سېزىملىرىنى قۇۋۋەتلەش، زېھىننى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش تەسىرى ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ سېزىم ئەزالىرىنى قۇۋۋەتلەپ، كۆرۈش، ئاڭلاش، تېتىش، پۇراش سېزىملىرىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سېزىم قۇۋۋىتى تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، سېزىم قۇۋۋىتى ياخشىلىنىپ، ئەقلىي سېزىمىنىڭ تېزرەك تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئالتۇننىڭ يۈرەك، مېڭە، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بوۋاقنىڭ يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ بەدەن ھارارىتى نىسبەتەن تۆۋەن، قان ئايلىنىشى ئاستا، ئۆزى سوغۇققا چىدامسىز بولغاچقا، ئالتۇن ئۆزىنىڭ بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى ساقلاش تەسىرى ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ بەدەن ھارارىتىنى نورماللاشتۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بوۋاقلارنى ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن ئۆزىنىڭ ساپ ۋە تۇراقلىق ھالىتى بىلەن بەدەندىكى ھۈجەيرە-توقۇلمىلار خىزمىتىنى ياخشىلاپ، بەدەنكى مىكرو ئورگانىزمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. قان تومۇردا زەررىچىلەر ئارا ئېلېكتىر ياكى زەرەت يەتكۈزۈپ، غىدىقلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ قاننى جانلاندۇرىدۇ، جۈملىدىن بوۋاقلار بەدىنىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قىسقىسى، بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيانقى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا سىستېمىلىق توپلىغان، بوۋاقلارغا كۆپلىگەن پايدىلىق تەسىرلەرنى بېرىدىغان ياخشى ئادەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، بوۋاقلاردا كېسەللىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بوۋاقلارنى ساغلام، ئەقىللىق چوڭ قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : admin)
«خەلقىمىزنىڭ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش ئىقىتىدارىنى قانداق يىېتىلىدۈرگىلى بولىدۇ
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلا
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە ب
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇ
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولى
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىد
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- ئانا، بالىلارنى بۈركۈتتەك تەربىيەلەڭ
- بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە ق
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ي
- ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كەسىپ ئېڭىنى سىڭ
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-28 08:08
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- ئاتا مىراس نەسىھەتلەر
- بالىلار بىلەن ئوچۇق يورۇق مۇناسىۋەتتە بولۇڭ
- ئىللىق ئائىلە شارائىتى ھازىرىلاش
- ئاتا ئانىلار تەربىيە پوزىتىسىيىسى ۋە ئۇسۇلىن
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- دادا سەن يوق
- جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرپ دۆلەتلىرىدىكى ئا
- ئانا مىھرى(چوقۇم كۆرۈڭ)
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالىلارنىڭ كەلگۈسگە كۆڭۈل بۆلەيلى
- ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئ
- ئاتىلىق مېھرى بالىغا ئوزۇق
- ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلارنىڭ تاللىشىغىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ
- پەرزەنتلەر ئالدىدا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلايلى
- خەلقىمىزدە ئائىلە مەدەنىيىتى
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 خىل سەۋەن
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆس
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ
- بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىمالل
- بالىلار يەتتە ئادەت، ئاتا-ئانىلار تۆت ئىللەت
- بالىلار قانداق ئائىلىنى ياخشى كۆر
- ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى