ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا يول قويۇشى كېرەكمۇ؟

ۋاقىت : 2013-12-24 18:01 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا يول قويۇشى كېرەكمۇ؟

باھارگۈل مامۇت

ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا يول قويۇشى كېرەكمۇ؟

    كىشىلىك تۇرمۇشتا، كىچىككىنە خاتالىقلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق باشقىچە ھوسۇلغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. لېكىن بالىلارنىڭ ئىشىغا ‹‹چات كېرىۋالساق›› بالىلار چوڭ بولغاندا ئۇلاردا خاتالىققا يۈزلىنىدىغان جۈرئەت ۋە ئىقتىدار كەمچىل بولىدۇ.

   بىر دوستۇم چەت ئەلدە قوللىنىشچان پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقاندا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى قىزىنىڭ توي مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغان، توي مۇراسىمىدا ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قىزىنىڭ ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ھىندى تىلى ئۆگەنگەنلىكىنى، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىزىنى باسمىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن دوستۇم ئەجەپلەنگەن ھالدا ئۇستازىدىن نېمە ئۈچۈن قىزىنى تېخىمۇ ياخشى بىر يولغا يېتەكلىمىگەنلىكىنى، تېخىمۇ ياخشىراق كەسىپتە، ئوقۇتمىغانلىقىنى سورىغان. ئۇقۇتقۇچىسى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ‹‹ئاندىنچۇ؟›› دەپ سورىغاندا، ئۇ ئوقۇتقۇچىسىغا ئاندىن قىزىنى ياخشى يەرگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرالايدىغانلىقىنى، ياخشى يىگىتكە ياتلىق قىلالايدىغانلىقىنى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئۇقۇتقۇچىسى كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹لېكىن قىزىم ھازىر ئىنتايىن بەختلىك، ئەگەر مەن ئىلگىرى ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان كەسىپتە ئوقۇشقا زورلىغان، ھازىر توي قىلغان يىگىتى بىلەن ئارلىشىشىنى چەكلىگەن بولسام ئەلۋەتتە، ئۇ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىغان بولاتتى، تېخىمۇ ياخشى خىزمەتكە ئېرىشەتتى، مەرتىۋىلىك ئەرنى تېپىپ توي قىلاتتى. لېكىن، ئۇ مەلۇم بىر كۈنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن مەنىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ كېتەتتى، ئۇ بالدۇر توي قىلىشنى تاللىغانىكەن خوتۇن بولۇشنىڭ ۋە ئانا بولۇشنىڭ جاپاسىنى بالدۇر بېشىدىن كەچۈرىدۇ، لېكىن ماڭا مەلۇم، ئۇ ھەرگىز ئاغرىنمايدۇ، ئۇ ھەر قېتىملىق جاپادىن كېيىنكى بەختنى تاپىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ھاياتى ئىنتايىن مۇكەممەل. ئۇ مۇشۇنداق ھاياتنى بەختلىك دەپ تاللىغانىكەن، ئۇ توغرا يولدا ماڭغان بولىدۇ، ئەگەر ئۇ ئۆزىنى بەختسىز ھېس قىلسا تەبىئىيلا بۇ يولدىن قايتىدۇ، شۇڭا مېنىڭ بېھۇدە ئىش قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق›› دېگەن ئوقۇتقۇچىسى.

   شۇنداق، بالىلار ئۆزلىرى تاللىغان يولغا يۈزلىنىشى كېرەك، ئەگەر ئۇلار خاتا ماڭغان تەقدىردىمۇ قىممەتلىك تەجرىبىگە ۋە ساۋاققا ئىگە بولالايدۇ. ئەكسىچە، بالىلارنىڭ ‹‹ھاياتلىق يولى›› نى بەلگىلەپ بېرىدىغان ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرى بىلىپ – بىلمەي بالىلىرىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى ۋە خاتالىققا يۈزلىنىش جۈرئىتىنى تارتىۋالغان بولىدۇ.

   ئۇنداقتا ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەركىن تاللىشىغا يول قويۇشى كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! بالىلار پىسخىكا جەھەتتە تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان ئەھۋالدا ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى يېتەكلىشى ۋە ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ بېرىشى ئاتا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر. لېكىن بالىلار چوڭ بولۇپ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان ۋە مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولغاندا ئاتا – ئانىلار تەشەببۇسكارلىق ئورنىدىن پىكىر بەرگۈچى ئورنىغا ئۆتىشى كېرەك. ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يامان يولغا مېڭىشنى توسۇش ھوقۇقى يوق، لېكىن ئۇلار بالىلىرى يامان يولغا ماڭغاندا ئۆز مېھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنىڭ تولۇپ – تاشقان غەيرەت بىلەن توغرا يولنى تاللىشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.

   بىز دائىم نېمىشقا قىسمەن ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، مۇستەقىللىق ئىقتىدارى كەمچىل، تىرىشىچانلىق روھى يېتەرلىك ئەمەس دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئويلىنىپ قالىمىز. بۇ بەلكىم بالىلىرىمىزنىڭ ھەممە ئىشىغا ‹‹چات كېرىۋېلىش›› مىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

   شۇڭا، بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىن باشلاپ تاللاشنى، ئۆزىنىڭ تاللىشىغا مەسئۇل بولۇشنى، مۇستەقىل ياشاشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك، چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادچانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشىمىز، بۇنى بالىلارنىڭ ئازراق خاتا يولغا مېڭىپ، شۇ خاتالىقتىن تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، بەختكە ئېرىشىشىدىن باشلىشىمىز كېرەك.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ