ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي

ۋاقىت : 2014-01-03 15:49 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي
ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي

ھايات مۈرەككەپلىكى تۈپەيلى تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئۇششاق - چۈشەك زىددىيەت ئەر بىلەن ئايال نىكاھلىنىپ بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئىلگىرى بايقالمىغان كۆز قاراش ۋە خاراكتېرلار بايقىلىشقا باشلايدۇ. بۇ مەسىلە توغرا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، زىددىيەت بارا - بارا كەسكىنلىشىپ، بىر - بىرىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش، ھالىغا يەتمەسلىك، كەمسىتىش، بويۇنتاۋلىق، مەنمەنچىلىك تۈپەيلىدىن ئورتاق پىكىرگە كېلەلمەي، ياتلىشىپ كېتىشلەر ئەدەپ، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت، مۇقەددەس ئائىلە بىرلىكى بۇزۇلۇپ، نىكاھتىن ئاجرىشىش پاجىئەسى يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئورۇنسىز كۈندەشلىك قىلىشمۇ ئەر - خوتۇن مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس ئائىلىنى نابۇت قىلىدۇ.
بەزى ئەر - خوتۇنلار ھەقىقەتەن ئۆزى قوبۇل قىلالمايدىغان زىددىيەت ۋە بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي نىكاھتىن ئاجراشسا، بەزىلەر تۈگمىدەك زىددىيەت - مەسىلىنى تۆگىدەك قىلىپ، يەڭگىلتەكلىك بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىپ، پەرزەنتلەرنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ماتېرىياللاردا ئېنىقلىنىشىچە، جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلەر ئىكەن. بۇ ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇنداق ئاقىۋەت ئاتا - ئانىغىلا ئەمەس، جەمئىيەتكىمۇ باش ئاغرىقى كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، ئەر - خوتۇن، بولۇپمۇ ياش ئاتا - ئانىلار ئىمكان بار تۇرمۇشتا سەۋرچان، ئەپۇچان، ئېغىر - بېسىق بولۇپ، مۇھەببەت، ئائىلە مۇقەددەسلىكىنى قوغداپ، پەرزەنتلىرىنى ئويلىشى كېرەك.
  «ھەر كىم ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆزى بېقىش» دېگەن بۇ سۆز ھەرگىزمۇ مۇنداقلا دەپ قويۇلغان سۆز ئەمەس. ئادەتتە ھايات، تۇرمۇش زىددىيەتلەرگە تولغان بولىدۇ ۋە شۇ زىددىيەتلەرنىڭ ئاقىلانە ھەل قىلىنىشى بىلەن راۋاج تاپىدۇ. زىددىيەت - توقۇنۇشسىز تۇرمۇشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئابباسىيلارنىڭ 10 - ئەۋلاد خەلىپىسى مۇتەۋەككىل ئىبنى جەففا(847 - 861) سەلتەنەت سۈرگەن زاماندا بىرسى ئۇنىڭدىن «ھۆرمەتلىك خەلىپەئى ئالەم، يەر يۈزىدە سىزدىنمۇ بەختلىك كىشى تېپىلماس» دېگەندە، خەلىپە «خاتا سۆزلىدىڭ، گۈزەل ئائىلىسى، ئىزگۈ خوتۇن - بالىسى، ياخشى مەئىشەتى بولغان ھەر قانداق ئادەم بىزگە قارىغاندا بەختلىكتۇر» دېگەن ئىكەن. دەرۋەقە، بەزى كىشىلەر ئائىلە ئۇقۇمىنى نەزەرىگە ئىلمايدۇ. ئائىلە دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسا، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كىچىككىنە قورۇ - جاي ۋە ئۇنىڭدىكى كىشىلەر كۆز ئالدىغا كېلىدۇ. ئائىلە مەسىلىسى شەخسى ئىشتەك بىلىنىدۇ. بۇ قاراش تولىمۇ يۈزەكى بولۇپ، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن «ئائىلە» دېگەن كىتابىدا «ئائىلە مىللەتنى تەۋەللۇت قىلىدىغان بۇلاق، ئائىلە جەمئىيەتنى كەلگۈسىگە ئېلىپ ئۇچىدىغان بۈركۈت قانىتى. ئائىلىسىز مىللەت، جەمئىيەت مەۋجۇت ئەمەس» دەپ قەيت قىلغان بولسا، تاتار ئالىمى رىزائۇددىن ئىبنى پەخرىددىن «نادانلىقنىڭ نېگىزى بىلەن كامالەتنىڭ قانىتى ئائىلىدە»، «مىللەتنى كۆتۈرۈپ تۇرغان نەرسە ئەسكەر ۋە باشقىلار بولماستىن، ئائىلىدىن ئىبارەت» دېگەن. شۇڭا، ئەر - خوتۇنلار ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئوبدان تونۇپ، پەرزەنتلەرنى، ئائىلىنى قەدىرلىشى، ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى تولىمۇ مۇھىم.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ