ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ خىيالىغا ھۆرمەت قىلايلى

ۋاقىت : 2014-01-08 21:56 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلارنىڭ خىيالىغا ھۆرمەت قىلايلى

قۇربان ئابلىمىت
بالىلارنىڭ خىيالىغا ھۆرمەت قىلايلى

    بالىلار خىيالىغا كەلگەن ئىشنى قىلىشقا ئامراق. بەلكىم بالىلار ئاشۇ خىيالىغا كەلگەن ئىشنى قىلغاندىن كېيىن ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. مۇشۇنداق چاغدا بالىلار مۇۋاپىق ئىلھاملاندۇرۇشقا موھتاج.

    بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا ئامراق كىلىدۇ. بولۇپمۇ ئانىلارنى دورايدۇ. بۇ جەرياندا بالىلار بىرەر ئىشنى ياخشى قىلالىسا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. بۇنداق قىلغاندا بالىلار كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشىپ، قىلغان ئىشىدىن پەخىرلىنىپ، بىر خىل مەمنۇنلۇق ھېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەقىل تاپىدۇ، ئاتا – ئانىدىنمۇ رازى بولۇپ مېھىر – مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىدۇ. ئەكسىچە، بالىلارنى ھەممە ئىشتىن توسساق، بالا ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىمۇ باشقىلارنىڭ قىلىپ بېرىشى زۆرۈر دەپ قارايدىغان، باشقىلارغا كۆيۈنۈشنى بىلمەيدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ. يەنە تېخى قارشىلىق پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بالىلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى، جەمئىيەتتىكى شەيئىلەرگە، مەسىلىلەرگە ھەيران بولۇپ سوئال سورىغاندا ئاتا – ئانىلار چوقۇم ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشى لازىم. بالىلار خىيالىغا كەلگەن سوئالىدىن قانائەتلەنگۈدەك جاۋابقا ئېرىشسە، ئاندىن ئۇلارنىڭ دەسلەپكى تەپەككۇرى شەكىللىنىدۇ.

    ئىشەنچ ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئۇ بالىلارنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىلىكىنى قوزغىتىدۇ. ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ‹‹مەن چوڭ بولغاندا ئالىم بولىمەن، يازغۇچى بولىمەن، زۇڭتۇڭ بولىمەن...››دېگەندەك ساددا خىيالىنى ئۇچقۇنغا ئايلاندۇرۇپ، بالىلاردا ساغلام خاراكتېر، نورمال پىسخىك ھالەت شەكىللەندۈرۈپ، تالانت ئىگىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشكە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم.

    نەچچە يىل ئىلگىرى ماتېرىيالدىن مۇنداق ھېكايىنى ئوقىغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. بىر ئاخشىمى بىر ئانا ئاشخانا ئۆيدە قاچا – قومۇچ يۇيۇۋاتقاندا ئالتە ياشلىق ئوغلى ھويلىدا ئويناۋاتقانىكەن. ئانا ئوغلىنىڭ توختىماي سەكرەپ ئويناۋاتقىنىغا ھەيران بولۇپ، ئوغلىدىن نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغان. ئوغلى ۋارقىراپ تۇرۇپ: ‹‹ئاپا، مەن ئايغا سەكرەپ چىقىمەن!›› دېگەن، ئانا ئوغلىنى باشقا ئاتا – ئانىلاردەك، ياخشى ئوقۇماي خام خىيال قىلىشنىلا بىلىسەن، دەپ ئەيىبلىمەي، بەلكى: ‹‹ياخشىغۇ! بىراق قايتىپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالما – ھە!››دېگەن. مانا بۇ ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى ئايغا چىققان ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى نېل ئارمسترونگ ئىدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ھېكايە بار: بىر كۈنى بىر بالا ئۆيدە سىڭلىسىنى بېقىپ ئولتۇرۇپ، توساتتىن ئۆيدىكى بىر نەچچە قۇتا رەڭلىك سىياھنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ سىياھ ئۇنى بەكمۇ قىزىقتۇرىدۇ، تەلىيىگە ئاپىسى ئۆيدە بولمىغاچقا، ئۇ سىياھنى ئېلىپلا پولغا سىڭلىسىنىڭ رەسىمىنى سىزىدۇ. ئاپىسى قايتىپ كېلىپ، ئۇ پولنى بۇلغىۋەتكەن رەڭگارەڭ سىياھلارنى كۆرمەسكە سېلىپ خۇشاللىق بىلەن توۋلىۋېتىدۇ: ‹‹ئاھ، سالىنىڭ رەسىمىغۇ بۇ!›› ئارقىدىن ئېڭىشىپ ئوغلىنى سۆيۈپ قويىدۇ. مانا بۇ داڭلىق رەسسام بېنجامىن ۋىستىر، ئۇ دائىم مەغرۇرلانغان ھالدا: ‹‹ئاپامنىڭ بىر سۆيۈپ قويۇشى مېنى رەسسامغا ئايلاندۇردى››دەيدىكەن.

    تېخى گۈدەك ئەمما تەپەككۇرغا باي بالىلارنىڭ قانداق ئۇسۇل، قانداق يوللار بىلەن كەلگۈسىدىكى ئىنسانىي قىممىتىنى ۋە ئۆزىگە تەئەللۇق غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيمىز. بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغىنى پەقەتلا بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، يەنە رىغبەتلەندۈرۈش!

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ