ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا-ئانا ۋە بالا تەربىيىسىدە ئويلىغانلىرىم

ۋاقىت : 2014-01-27 19:36 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


ئاتا-ئانا ۋە  بالا تەربىيىسىدە ئويلىغانلىرىم
ئاتا-ئانا ۋە  بالا تەربىيىسىدە ئويلىغانلىرىم

      ئاياللارنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ. ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى، مىللەتنى ھالاكەتكە - ئۈمىدسىزلىك، مۇھەببەتسىزلىك ۋە ئۆز-ئۆزىنى مەنسىتمەسلىككە ئاخىرى بېرىپ باشقا قەۋمنى چوڭ بىلىپ، ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىپ يوقىلىشقا يۈزلەندۈرىدۇ. مەرىپەتلىك تەقۋادار ئانىلاردىن بۇيۇك زاتلار توغىلىدۇ. ئاياللار كىيىم-كېچەككە بولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىغا ئىلىمگە، كىتابقا شەيدا بولغاندا، ئاندىن ئالىم دوكتۇرلارنى تەربىيىلەپ چىقالايدۇ. ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ مەجبۇرىيىتى، ھاياتىمىزنىڭ داۋامى بولغان يۈرەك پارىلىرىمىزنى جاپالىق ئەجىرىمىز، مىھنىتىمىز ئارقىلىق زېمىننىڭ خوجىلىرىغا ۋە قابىلىيەتلىك ئىز باسارلىرىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ قەلبىدە ئەۋلىيادۇر. ئۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئۇسۇلىنى قۇسۇرسىز، مۇكەممەل دەپ بىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ راستچىل، سەمىمى، ئىرادىلىك بولۇشى پەرزەنتلەر قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا، تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى، تەرتىپى، قانۇنىيىتى مۇشۇنداق بولىدىكەن دېگەن تونۇشقا كەلتۈرىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىغا ئاتىغان ۋاقتىنىڭ ئاز-كۆپلىگى، ئاتا-ئانىنىڭ پەزىلىتى، بالىغا بولغان مېھرى مۇھەببىتى، بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئاتا-ئانىسىنىڭ قانچىلىك كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە كۇپايە... ئاتا-ئانا بالىلارغا مېھرى مۇھەببىتىنى ۋە بارلىقىنى تەقدىم ئېتەلەيدۇ، بىراق ئۇلارنى ئارزۇ-ئارمانلىرنىڭ داۋامى قىلىپ ئۆز ئوي خىياللىرىنى پەرزەنتلىرىگە مەجبۇرى تېڭىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

       ئاتا-ئانىلار، بالىلارنىڭ ئۆز ئوقىدىن ئېتىلغان ساداق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ ئىلاھقا بولغان چۈشەنچىسى، ھەر قاچان ئاتا-ئانىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئادەمىلىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ كۆيۈملۈك، ئەپۇچانلىقى، بالىلارغا ياراتقۇچىنى شەپقەتلىك، سەۋرچان، مېھرىبان ھالەتتە تونۇتىدۇ. ئەكسىچە ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھرىبانلىقىغا ئىرىشەلمىگەن بالا ھاياتنى جاپالىق، دۇنيانى رەھىمسىز دەپ چۈشىنىدۇ. بالىلارنىڭ دۇنياسى مېھرى مۇھەببەتكە، ئەقىدىگە تولغاندا، دۇنيا ئۇلارغا شۇنداق سېھىرلىك، گۈزەل كۆرىنىدۇ. ئۇلارغا ئارزۇ ئۈمىد يۈك ئەمەس، بەلكى ماياك - ھايات مەنزىلىنى يورۇتقۇچى مەشئەل بولىدۇ. ئەي ئاتا-ئانىلار، پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى دۇنياسىنىڭ رەڭدارلىقى ئۈچۈن، كۆپرەك ۋاقتىمىزنى، زىھنىمىزنى چىقىرىپ ئۇلارنى ھەم ئۆزىمىزنى تەربىيىلەيلى....

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ