ۋاقىت : 2012-02-16 00:10 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : قاراۋۇل | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
(1- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ،شۇنى بىلگىنكى سەن ئۈچۈن ئەڭ زور بايلىق ۋە ئەڭ ئۇلۇق
مەرتىۋە ،ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت _ ئىپپەتلىك بۇلۇشتۇر .
ئىپپەتلىك ئايال گەرچە كەمبەغەل بولسىمۇ ،بىراق مەنىۋى جەھەتتىن بەدۆلەت ھىساپلىنىدۇ .
ئىپپەتسىز ئاياللار ھەرقانچە بەدۆلەت بولسىمۇ ،كىشىلەر نەزىرىدە پەقىر ۋە ھۆرمەتسىز
سانىلۇر .بۇيۇنغا تاقىغان مارجانلار ،باش ۋە كۆكرەككە قادالغان ئەۆھەرلەر ،مىليۇنلىغان پۇل
پىچەكلەر بىلەنمۇ ئىپپەتنى سېتىۋالغىلى بولماس .ئىپپەت شۇنداق زور بايلىقكى ،ئۇنىڭ ئەسلا باھاسى
يوق .خوتۇن _قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىقلىقىغا ،پۇل _ ماللىرىغا ئەمەس ،بەلكى ئۆزلىرىدىكى ئىپپىتى
بىلەن قۇۋانماقلىرى لازىم .
(2- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ،شۇنى بىلگىنكى ،ياخشى تەسىل كۆرگەن ۋە ئىلىم نۇرى بىلەن
خۇلقىنى ياخشىلىغان ئايال ھەر يەردە ئىززەت تاپقاي ،ئىلىم _ ئايال ئۈچۈن زىننەت .ئەقلىنى
نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ھەر بىر ئايال نۇمۇس ، ئىززەت ، ئاياللىق قەدرىنى چۈشىنىپ يەتكەي .
ئىلىمسىز ئايال بولسا بالا تەربىيىسىدە تۈرلۈك كەمچىلىكلەرگە يول قۇيىدۇ ، ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زۈرۈر
نەرسىلەر _ نۇمۇس، ئىززەت ، ھايا قاتارلىق پەزىلەتلەر ئىلىم _ مەرىپەت ئارقىلىق كەسىپ قىلىنۇر .
بەدخۇلۇق ۋە تېتىقسىز ئەرگە ئۇچىرىغان ئايال ،بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ، ئىرىگە ئۇنىڭ ناتوغرا
يولدا كىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىشى ، ئۇنىڭغا ۋەز نەسىھەت قىلمىقى زۈرۈر .
(3- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئۆز ئەيىبىنى كۆرۈپ تىتەلەيدىغانلار
باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسە كۆرمەسكە سالىدۇ . ئاللاھ نىڭ تەقسىماتىغا رازى بولغان كىشىلا قۇلدىن
كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ يۈرمەيدۇ . تاجاۋۇزچىلىق قېلىچىنى سۇغارغان كىشى شۇ قېلىچ بىلەن
ئۆلتۈرۈلىدۇ . بۇرادىرىگە ئورا كولىغان كىشى ئۇنىڭغا چوقۇم ئۆزى چۈشىدۇ . كىمكى بۇرادىرىنىڭ
ھۆرمەت پەردىسىنى يىرتسا ، ئۆز ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەيىبىنى ئاچقان بۇلىدۇ . كۆپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ
خاتالىقى كۆپ بۇلىدۇ . خاتالىقى كۆپ كىشىنىڭ ھاياسى ئاز بۇلىدۇ . ھاياسى ئاز كىشىنىڭ تەقۋالىقى ئاز
بۇلىدۇ . تەقۋالىقى ئاز كىشىنىڭ ، قەلبى ئۆلگەن بۇلىدۇ . قەلبى ئۆلگەن كىشى دوزاققا كىرىدۇ .
كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ شۇ خىلدىكى ئەيىبىگە رازى بولغان كىشى ئەخمەقنىڭ دەل
ئۆزىدۇر .
(4- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، كىمكى تەپپەككۈر قىلىدىكەن ئىبرەت ئالىدۇ .
ئىبرەت ئالغان كىشى ناچار ئىش - ھەركەتلەردىن يىراق بۇلىدۇ . ناچار ئىش - ھەركەتلەردىن يىراق
بولغان كىشى كىلىشمەسلىكلەردىن سالامەت بۇلىدۇ . ئادەمنىڭ شان - شەرىپى باشقىلاردىن بىھاجەت
بۇلۇش بىلەندۇر . كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بۇلۇش پۈتمەس - تۈگمەس بايلىقتۇر . قانائەتچان بول ، تەما
قىلما ، تىرىشچان بول ، يېلىنما ، ئىسىڭدە تۇتقىنكى ، تۆۋەندىكى قولدىن ئۈستىنكى قول ياخشىدۇر .
بايلىقنىڭ ئەڭ ئالىيسى ئەقىلدۇر . يوقسۇللۇقنىڭ ئەڭ تۆۋىنى نادانلىق - ئەخمەقلىقتۇر . ئەخمەقلەر
بىلەن دوسلىشىشتىن ساقلانغىن ، ئۇ ساڭا پايدا يەتكۈزىمەن دەپ زىيان سالىدۇ . يالغانچىلار بىلەن
دوستلىشىشتىن ھەم ساقلان .
(5- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەملەر ئۈستىدىكى ھەقلەر ئىچىدە
كىشىلەرنىڭ مىننەتلىرىدىن ئېغىر نەرسە بولمايدۇ . مەيلى قانچىلىك چوڭ نەرسە بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر
يۈزۈڭنى تۆكۈپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭ بىلەن خوشال بۇلۇپ كەتمىگىن . مەيلى نىمىنىلا ئالغىن ،
يۈز - ئابرويىڭنى سېتىپ ئېرىشكەن نەرسە تولىمۇ قىممەت سېتىۋېلىنغان نەرسىدۇر . قانچىلىك سىناقتىن
ئۆتكەن كىشى بولىشىدىن قەتئىنەزەر سىرىڭنى بەرمە ، ئېھتىيات قىل ، ئېھتىيات دىمەك دانالىق
دىمەكتۇر . سىنىڭ سىرىڭ ناۋادا سەن ئۇنى چىڭ ساقلىيالساڭ ئۇ سىنىڭ ئەسىرىڭ بۇلىدۇ . ئەگەر
ساقلىيالمىساڭ سەن ئۇنىڭ ئەسىرى بولىسەن . ئاقىلنىڭ ھاۋايى -ھەۋىسى تەپەككۈرنىڭ ئارقىسىدا .
ئەخمەقنىڭ تەپپەككۈرى بولسا ، ھاۋايى - ھەۋەسىنىڭ ئارقىسىدىدۇر .
(6- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ۋاپادارلىق دوستلۇقنى مۇستەھكەملەيدۇ .
سەن دۇنيادا ئېرىشكەن ئەڭ ئىسىل نەرسە ئىشەنچىلىك دوستتۇر . ئۆزەڭدىن يۇقۇردىكىلەرنى ئىززەتلە ،
غەلبە قىلىشقا كۆزۈڭ يەتمىگەن ئىشقا ئالدىراپ ئۆزەڭنى ئۇرما . ئەيىبىڭنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كىشى بىلەن كۆپرەك
مۇڭدىشىپ تۇرغىن . يالغان ماختاش ،ساختا ھىجىيىشلارغا ئىشەنمە ، يەنە ئاياللارنىڭ دوستلىقى بىلەن
ئىقتىسادىنىڭ كۆپلىكىگىمۇ ئىشىنىپ كەتمە . سىنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭ ھەر قانچە كۆپ بولغان
تەغدىردىمۇ ئۇنى ئېتىبارغا ئالما ، كىشىلەرنىڭ ساڭا قىلغان ياخشىلىقى ھەر قانچە ئاز ، ئاددى بولغان تەغدىردىمۇ سەن
ئۇنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلما . بىھۇدە ئىشلارغا ئاچچىقلانما .
(7- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سىنىڭ دۈشمىنىڭ ساڭا قارمۇ - قارشىدۇر .
قارمۇ - قارشى ئادەملەر بىر - بىرىدىن يىراق تۇرۇشى ۋە بىر - بىرىگە يېقىن يوللىماسلىقى لازىم .
سەن دۈشمەن دەسسىگەن يەرگە ئېھتىيات قىلغان ، قاتتىق دىققەت قىلغان ھالدا دەسسىگىن .
دۈشمىنىڭنىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە يىراقلاشقانلىقى سىنى مەغرۇر قىلمىسۇن ،
بەلكى ئۇ ، ئۇ يەردە ساڭا قىلتاق قۇرۇپ قويغان بۇلۇشى مۇمكىن . دۈشمىنىڭنىڭ قېشىغا قۇرالسىز ،
ھېمايىچىسىز كىرمە ، دۈشمىنىڭنىڭ قۇرال تاشلىغانلىقى سىنى بېخۇدلاشتۇرۇپ قويمىسۇن ،
قۇرالنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ بولغىلى بولمايدۇ . سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدىكى ، دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ .
ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ئارلاشقان ئادەم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ ۋە ئۆزى
ئاڭلاشنى خالىمىغان نەرسىلەرنى ئاڭلايدۇ .
(8- نەسىھەت )
ئەگەر سەن سىنىڭ سۆھبەتدىشىڭنىڭ سەن ياختۇرمايدىغان بىرەر ئىشىنى بايقىساڭ ياكى ئۇنىڭدىن بىرەر ناشايان سۆز چىقىپسەن ياختۇرمايدىغان بىرەر ئىشىنى بايقىساڭ ياكى ئۇنىڭدىن بىرەر ناشايان سۆز چىقىپ كەتكەن بولسا ،ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ ، دوستلۇقۇڭنى بۇزىۋەتمىگىن . ئۇنىڭ خاتا كەتكەن سۆزىنى تۈزەتكىن ،ناشايان ئىشلىرىنى ياپ ، دوستلىقىڭنى ساقلاپ قال ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلما ، تەسىرگە ئۇچۇرغۇچى ئەمەس ،تەسىرگە ئۇچۇراتقۇچى بول.
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەگەر سەن سىنىڭ سۆھبەتدىشىڭنىڭ
كۆپ ئۇخلىغان ئادەم ئۆمرىگە بەركەت تاپالمايدۇ . كۆپ يىگەن ئادەم ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تاپالمايدۇ .
قوغلىغانلارنىڭ ھەممىسى تۇرىۋەرمەيدۇ . قاچقانلارنىڭ ھەممىسى قۇتۇلۇپ قېلىۋەرمەيدۇ .
دوست ساقلاش ، پۇل ساقلاشتىن ياخشىدۇر . پۇلنىڭ بىرىنى بىرىنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ ،
دوستنىڭ بىرىنى بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ .
(9- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بىز ئارزۇ - ئارماننىڭ بىر كۈندىلا ئەمەس ،
بەلكى مەلۇم جەرياندا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا كامىل ئىشەنگەن چېغىمىزدا ،
ئاندىن سەۋرىچانلىقنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىشكە باشلايمىز . سەۋرىچانلىقىنىڭ
جەۋھىرى - ئۇنى ئىنسانىيەت زورلاپ تاڭغان ۋاقىت جەدىۋىلىگە بېقىندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەمەس ،
بەلكى ھاياتلىقنىڭ تەبىئى رېتىمىنى قۇبۇل قىلىش ، خۇداغا شۈكۈر ، سەۋرىچانلىق مانا مۇشۇنداق نەرسە ،
بىز بۇنىڭدىن خوشال بۇلۇشىمىز كېرەك . بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەم خىزمەت ئورنىدا قالتىس ھەمكارلىشىش روھىغا ئىگە ،
ئەمما ئۇ ئۆيىنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپ كىرىشى بىلەنلا باشقىچە بىر ئادەم بۇلۇپ قالىدۇ .
قارىغاندا بىز تېخى شۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولساق كېرك ، بىزنىڭ جۆرىمىز ، بالىلىرىمىز بىزنىڭ تۇتقان ئەمىلىمىزگە زادىلا قىزىقمايدۇ .
(10- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سەن گەپنى قانچە ئاز قىلساڭ ،
شۇنچە قالتىس ھەم شۇنچە سالاپەتلىك كۆرىنىسەن . چۇنكى ، سىنىڭ سۈكۈتىڭ باشقىلارنى قورۇندۇرۇپ قويىدۇ ،
ئادەم ئەسىلىدىنلا باشقىلارنى چۈشۈنىشكە قىزىقىدىغان مەخلۇق ، ئۇلار سىنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ ،
ناۋادا سەن مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئېتىياتچانلىق بىلەن تىزگىنلىيەلىسەڭ ، ئۇلار سىنىڭ مەخسىدىڭنى بىلىشكە ئامالسىز قالىدۇ .
ھەقىقىي دانا كىشىلەر باشقىلارنى ئۆزىگە رەخمەت ئېتقۇزۇشقا ئەمەس ، بەلكى ئۆزىگە ھاجەتمەن قىلىۋالىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ .
چۇنكى ، باشقىلار ساڭا ھاجەتمەن بولسا ، سىنى ھەرگىز ئۇنتىمايدۇ ، رەھمەت - ھەسقاللا بولسا ھە دىگەندىلا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ .
(11- نەسىھەت )
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر كۈلۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى ئۇلار باشقىلارغا ئەخمەقتەك كۆرۈنۈپ قېلىشتىن قورقىدۇ ، ئۇلار ئۆز ھىسىياتىنى ئاشكارلاشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى ھەقىقىي قىياپىتىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار باشقىلارغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى باشقىلارغا چېتىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ . ئۇلار باشقىلارنى سۆيۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلمەي قېلىشىدىن قورقىدۇ . ئۇلار ئۈمۈد قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى ئۈمۈدسىزلىككە ئۇچۇراپ قېلىشتىن قورقىدۇ . ئۇلار يېڭىلىقنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ،
چۇنكى مەغلۇپ بۇلۇپ كىتىشىدىن قورقىدۇ .
ئون ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەگەر مال - مۈلكىڭدىن ئايرىلساڭ ئازراقلا نەرسەڭدىن ئايرىلغان بولىسەن . ئەر شان - شەرەپتىن ئايرىلساڭ خېلى كۆپ نەرسىدىن ئايرىلغان بۇلىسەن . ئەگەر باتۇرلۇقتىن ئايرىلساڭ ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلغان بۇلىسەن . سۈكۈت ھەرگىزمۇ گۆشۈيۈپ ئولتۇرۋېلىش بولماستىن ، بەلكى قۇرساقتا پىلان تۈزىگەچ تەمكىن قىياپەتنى ساقلاپ تۇرۇش ، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ، تەدبىرلىك قۇماندانلارغا خاس سالماق روھىي ھالەت بىلەن قارشى تەرەپنى تېرىكتۈرۈپ ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر . ناۋادا سەن ئىزىلىپ كەتكەن پەمىدۇردەك سۇلغۇن قىياپەتتە تۇرساڭ ، زىياننىڭ چوڭىنى تارتقىنىڭ تارتقان . سۈكۈت كىشىلەرنىڭ ئۆز كۈچى - قۇدۇرىتىنى ئىپادىلەشتىكى بىر خىل ئەپچىل ئۇسۇل .
ئون ئۈچۈنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سەن ناۋادا ئۆزەڭنىڭ قايسى جەھەتتە كۈچلۈك ، قايسى جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى ، باشقىلارنىڭمۇ قايسى جەھەتتە كۈچلۈك ، قايسى جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلەلىسەڭ ھەمدە ئاجىز تەرىپىڭ بىلەن روبىرو كېلىپ قېلىشتىن ئەپچىللىك بىلەن ساقلىنىپ ، كۈچلۈك تەرىپىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرىپىگە زەربە بېرەلىسەڭ ، مۆرىتى كەلگەندە ئۈچۈنچى تەرەپنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن بولغان كۈچلۈك - ئاجىزلىق پەرقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزەڭنىڭ «ئاجىز» لىقىڭنى تۇلۇقلىۋالالساڭ ياكى باشقىلارنىڭ «كۈچلۈك» ھۇجۇمىدىن ئۆزەڭنى ساقلىيالىساڭ ، ئۇ چاغدا سەن «ئاجىز» ئەمەس ، بەلكى «كۈچلۈك » ھېساپلىنىسەن !
ئون تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئىپپەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بىلمەك ئۈچۈن ، ئۇنىڭ تەركىبىگە كىرىدىغان ۋە ئاجىرالماس بىر بۆلىكى بولغان خىسلەتلەر بىلەن تونۇشماق زۆرۆردۇر . ھېكىملەرنىڭ يېزىشلىرىچە ، ئىپپەتتە ئون بۆلەك بار : ھايا ، سەۋىر ، تىزگىنلەش ، پاكلىق ، قانائەت ، ئېغىر بېسىقلىق ، ئۇچۇق يۈزلۈكلۈك ، ئىخلاس ، تەرتىپ ، ساخاۋەت . سەن ئۆزەڭنىڭ قايسى جەھەتلەردە ئاجىز ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋال ، چۇنكى سىنىڭ مۇداپىئە كۈچۈڭمۇ شۇ جەھەتلەردە ئاجىز بۇلىدۇ . ناۋادا سەن بۇ ئاجىزلىقلىرىڭنى تۈزىتەلمىسەڭ ، ئەڭ بولمىغاندا ئۇنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن يۇشۇرۇپ قالالمىساڭ ، ئۇ چاغدا رەقىبىڭ ئىككىلەنمەيلا ساڭا قول سالىدۇ .
ئون بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەمىلىيەتتە ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر سائەت ، ھەر بىر مىنۇت پۇرسەت بىلەن تولغان . مەكتەپتىكى ھەر بىر سائەتلىك دەرىسنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت . ھەر بىر قېتىملىق ئىمتىھاننىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت . گېزىتتە خەۋەر قىلىنغان ھەر بىر خەۋەر ، ھەر بىر قېتىملىق سودا - سېتىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر پۇرسەت . ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىنىڭ نازاكىتىڭ ۋە ئەدەپ - دىيانىتىڭنى ، كەسكىنلىكىڭ ۋە جاسارىتىڭنى نامايەن قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆزەڭنىڭ سەمىمي خارەكتىرىڭنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسەتلەردۇر . ئادەمدە ئىرادىلا بۇلىدىكەن ، ھەر قانداق مۇشكىلاتنى يېڭىپ كىتەلەيدۇ ، غەلبىگە ئېرىشەلەيدۇ ، كىشىلەرمۇ ئۇنداق ئادەمنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدۇ .
ئون ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم خىيال قىلىپ قالماستىن ، بەلكى خىيالغا ئىشەنچ باغلىشى ، ئۆزىنى خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك . ئادەم چىكىنىش يولى قويماسلىققا ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىرادە باغلىسىلا ، نى - نى قىيىنچىلقلارغا يولۇققان تەغدىردىمۇ ھەرگىز چىكىنمەيدۇ . ئەگەر مەخسەتكە يەتمىگۈچە ھەرگىز توختىمايمەن دەيدىغان نىيەتكە كەلسە ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ غەلبە قىلالايدۇ . ئىككىلىنىش ، قورقۇنچاقلىق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قوغلىۋىتەلەيدۇ . قەتئى ئىرادىگە كەلگەن ئەھۋالدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ كۈندەشلىرى يۇشۇرنۇشقا جان تاپالماي قالىدۇ . دەرھال ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇققاندا شۇ ھامان تەدبىر كۆرەلەيدۇ .
ئون يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم ئۆزىگە تايىنىپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرەلەيدىغان بولغاندا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ داغدام يولىغا مېڭىشقا باشلىغان بۇلىدۇ . ئادەمنىڭ باشقىلارغا تايىنۋىلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋاختى ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقدىدارىنى ئۇرغۇتقان ۋاختى بۇلىدۇ . ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقدىدارىنى نامايەن قىلالمىسا ، ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بايان قىلالمىسا ، ئەمىلىيەتتە بۇ كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ بەخىتسىزلىكتۇر . ئۆزىنىڭ ئوي - پىكىرى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ ، ئىشەنچ ئاشۇرۇپ ، تىرىشىپ ئىشلەش ، ئادەمنى تەبىئى يوسوندا مۇكەممەل نەتىنجىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ . نامىراتلىق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس ، ئەڭ قورقۇنۇچلىقى ئىدىيىدىكى نامىراتلىق ، جۈملىدىن ئۆزىنى تۇغۇلۇشىدىنلا نامىرات يارالغان دەپ قاراشتىن ئىبارەت .
ئون سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم يۈكسەك شىجائەتلىك ، ئىرادىلىك ، چىداملىق بولغاندا ، دۇنيا ئۇنىڭغا چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ . ئىرادىسى ۋە چىدامچانلىقى ئاجىز كىشىلەر بولسا ھەممىشە باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچىراپ ، ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . ئادەم ئۆزى بىلەنلا بۇلۇپ كەتسە ياكى ئۆزى ئۈچۈنلا چوت سوقسا ، بۇنداق ئادەمنىڭ ھېچقانداق خەلىپكارلىقى بولمايدۇ ھەمدە باشقىلار ئۇنىڭدىن زېرىكىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بېرىش - كىلىش قىلىشىنى خالىمايدۇ . مۇۋەپپەقىيەت يولىدا ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن سەمىمىيەت ۋە ئىناۋەتتىن تاپقان ئابروي ئەڭ ياخشى ئېلاندۇر . گۈزەللىكتىن ھوزورلىنالمىسا ، ئادەمدە ئېسىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرىدىغان بىر چوڭ ئامىل كەم بولغان بۇلىدۇ .
ئون توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، سەمىڭىزدە بولسۇنكى ، ھەقىقىي كۈلۈشنى بىلىڭ ، بىراق يىغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ، كەلگۈسىڭىزگە كۆز تىكىڭ ، بىراق ئۆتمىشىڭىزگىمۇ سەل قارىماڭ . باشقىلارغا ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ ، بىراق ھەددىدىن زىيادە سۈرلۈك قىياپەتكە كىرىۋالماي ، خۇشپېئىل ۋە كەمتەر بۇلۇڭ . بۇلار سىزگە ھەقىقىي ئۇلۇغلۇقنىڭ تۈز كۆڭۈللۈكتە ، ھەقىقى ئەقىل - پاراسەتنىڭ كەمتەرلىكتە، ھەقىقىي قۇدۇرەتنىڭ سىپايىلىكتە ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ . بۇ ئۇقۇملار ئىرادىڭىزگە كۈچ - قۇۋۋەت ، تەسسەۋۇرۇڭىزغا ھەقىقىي قىممەت ، ھېس - تۇيغۇلىرىڭىزغا ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ . غالىبلارنىڭ مەغلۇبىيەتچىلەردىن ئارتۇق يېرى شۇكى ، ئۇلار نىمە ئىش بىلەن شوغۇللانمىسۇن ، خىزمىتىنى ئويلىغىنىدىنمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىدۇ .
يىگىرمىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، نىكاھتا كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدىكى بەركەت بار ! خىراجەت ئازىيىپ ، مال - مۈلۈك كۆپىيىدۇ . ئەر - خوتۇن ئۆزى قىلالايدىغان ئەركىن كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ ھالال تۇرمۇش كەچۈرۈش كويىدا بۇلىدۇ ، باياشاتلىققا ئېرىشىدۇ . ۋاپادارلىق ساداقىتى كۈچىيىپ ، ئىپپەت نۇمۇسى ساقلىنىدۇ . ئىسسىقلىق ، مىھرى - مۇھەببەت پەيدا بۇلۇپ ، كۆڭۈللۈك ، ھوزورلۇق تۇرمۇش باشلىنىدۇ . كىشىلەرگە ياخشى نىيەتتە نەپ يەتكۈزەلەيدۇ . كىشىلەر يەتكۈزگەن نەپنى پاك ھالدا سەمىمىي قۇبۇل قىلالايدۇ . ھارامدىن ، تەمادىن يىراق تۇرالايدۇ . نىكاھتىن كىيىن بىر - بىرىگە ۋاپادار بولغان ئەر - ئايال ئۆزلىرىنى يالغۇز ، بىچارە ئەمەس ، بەلكى ئۆم ، كۈچلۈك ، قابىل ساناپ بىخەتەر ياشايدۇ . ھايات يولىدا قىيىنچىلىقنى بىرگە يېڭىپ ، توسقۇنلۇقنى يوق قىلالايدۇ .
يىگىرمە بىرىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ۋاقىت ئەڭ ئادىل ۋە لىللا كىلىدۇ . ئۇ ئۆزىنى ھېچكىمگە ئارتۇق بېرىشنى خالىمايدۇ . بۇ ئەڭ ئادىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئىشچانلار بىلەن ھورۇنلارنى پەرق ئىتىشنىڭ سىناق تېشى بۇلۇپ قالغان . ئىشچانلار ۋاقىتنى ئۆزلىرى ئۈچۈن مىۋە بەرگۈزەلەيدۇ ، ھورۇنلار ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈپ ، قېرىپ ئاخىرى ئارماندا قالىدۇ . كىمكى مەڭگۈ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، بوشاشماي ئىشلىسە ، ۋاقىتنىڭ خۇجايىنى بۇلالايدۇ . ھەقنى سائەت بۇيىچە ھىساپلايدىغان ئادەملەر ھەقنى ئاي بۇيىچە ھىساپلايدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا ، ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ چوڭغۇر ھېس قىلالايدۇ . چۇنكى ۋاقىتنى ياخشى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ، ئۆزىڭىزنى ھەقنى سائەت بۇيىچە ھىساپلايدىغان ئادەم دەپ قارىشىڭىز كېرەك !
يىگىرمە ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بىر كۈندە 24 سائەت ۋاقىتتىن توغرا پايدىلىنىش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى بىر قانچە نوختىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرماق لازىم : بىرىنچى ، ئەتىگەندە ئورۇندىن دەرھال تۇرۇش ، ئىزىلىپ ئۇخلاۋەرمەسلىك كېرەك . ئىككىنچى ، ھەر كۈنلۈك كۈرەش نىشانىڭىز ئېنىق ، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بۇلۇشى لازىم . كۈن بۇيى ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان بۇلۇشىڭىز كېرەك . ئۈچىنچى ، خىزمەتتە ، ئۆگۈنۈشتە ، ھەتتا كىشلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە يېڭى شەيئى ، يېڭى بىلىملەرنى بايقاشقا ۋە قۇبۇل قىلىشقا ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . تۆتىنچى ، ۋاقىتنى ئەھمىيەتسىز مىھماندارچىلىق ئۈچۈن سەرىپ قىلىۋەتمەسلىك كېرەك ، ۋاقىتنى جانلىق ئىشلىتىش ۋە ئىگەللەش لازىم ، تۇرمۇشنى بەك ئۆلۈكمۇ قىلىۋەتمەسلىك لازىم .
يىگىرمە ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەم خوش مۇئامىلىلىك بولغىنى بىلەن مىھرىبانلىقنى ، غەمگۇزارلىقنى بىلمىسە ، بىراۋنىڭ مۇشكۈلىنى ئاسان قىلماي ، پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلسە ، ئۇنداق ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ . ئائىلىدىكى ئېتىبارسىزلىق ئەر كىشىنىڭمۇ ، ئايالنىڭمۇ كۆڭلىنى سوۋىتىدۇ . ئۇ چاغدا ئەر كىشى ئۆيگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەي چايخانىدا ، يار - بۇرادەر ، دوستلىرىنىڭكىدە ۋە باشقا جايلاردا يۈرۈشكە ئادەتلىنىدۇ ، شۇ تەرىققىدە ئاتا ، خوتۇن ۋە پەرزەنتلەر بىر - بىرىدىن يىراقلىشىپ بارىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن باشباشتاقلىق ۋە يامان ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كىلىدۇ . بۇنداق ئائىلىدىكى پەرزەنتلەر لۈكچەك ، تەرتىپسىز ۋە مۇغەمبەر بۇلۇپ يىتىشىدۇ . ئاخىرىدا ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىك كۈچۈيۈپ ، ئادەم بەخىتسىز ھايات ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بۇلىدۇ .
يىگىرمە تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، تەغدىرچىلىك بىر خىل چىرىكلەشكەن ئېتىقاد ، كۈچلۈكلەر ئۇنى ھەرگىز قۇبۇل قىلمايدۇ . شۇڭا ، مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن ، ھەرگىز روھىڭنى چۈشۈرمە ، ئارتۇقچە ئەندىشە قىلما ، كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار روھىڭغا ۋە ئىرادەڭگە زىيان يەتكۈزمىسۇن . كۆز ئالدىڭدىكى ئازاپ ۋە بەخىتسىزلىكلەرنى كۆرۈپلا جاھاندىن تېزىپ كەتمە ، ئۇنىڭغا قەيسەرلىك بىلەن تاقابىل تۇرساڭلا ، تېخىمۇ پىشىپ يىتىلىسەن . ياشاش ئۈچۈن قەيسەرلىك ، ئىشەنچ بىلەن كۈرەش قىل ، شۇندىلا ھاياتتا ھەقىقىي خوشاللىقا ئېرىشەلەيسەن ، ئەكىسچە ، سەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىساڭمۇ ، لېكىن تەۋەككۈل قىلىشتىن ، ئۆلۈمدىن قورقساڭ ، ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن . ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە شەخسكە بۇ پىرىنسىپ باب كىلىدۇ .
يىگىرمە بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، جىدەل - ماجرا ئۆكسىمەيدىغان ئائىلىدە ئۆسكەن بالىلارمۇ ياخشى تەربىيە ئالالمايدۇ . ئەر - خۇتۇن كۈنلەپ ، ھەتتا ئايلاپ بىر - بىرىگە ماي تارتىشىپ يۈرسە ، بالىنى تەربىيلەش ، كۈتۈش ۋە باشقۇرۇش ئىشى بىر چەتكە قايرىلىپ قالىدۇ - دە ، بالىنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ ، زېھنى قۇۋىتى ئاجىزلاپ كىتىدۇ . ئاتا - ئانىلار بىر - بىرىنى ئەپسانە سۆزلەر بىلەن تىللىسا ، بالىلار بۇ ئەپسانە سۆزلەرنى ئۆگەنگەننىڭ ئۈستىگە ، « ئاتا - ئانام مۇشۇنداق كىشىلەر ئوخشايدۇ » دىگەن يامان تەسىراتنى ئېلىپ قالىدۇ - دە ، بالىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسىغا بولغان تۇنۇشى ئۆزگىرىپ ، مېھرى كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ . بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلار ئاغزى يامان ، ئەدەپسىز ، ئادەم تىللىغاق بۇلۇپ قالىدۇ .
يىگىرمە ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى مۇھەببەت بىلەن ئەدەپ - ئەخلاق قوشكىزەك بۇلۇپ ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئۇلار بىر - بىرىگە تايىنىپ كۆكلەيدۇ ۋە مىۋە بېرىدۇ . ھەر قانداق كىشىنىڭ قىلىۋاتقان سۆزىگە قاراپ ، ئۇ كىشىنىڭ روھى دۇنياسى ۋە ئەخلاق - پەزىلىتىگە باھا بەرگىلى بۇلىدۇ . چۇنكى ، تىل ئىنسان قەلبىنىڭ ساداسى بۇلۇپ ، ئادەمنىڭ روھى دۇنياسى ۋە ئەخلاق - پەزىلىيىتى تىلدا ئىپادىلىنىدۇ . روھى دۇنياسى ۋە قەلبى گۈزەل ، ئەخلاق - پەزىلىتى ئىسىل ئادەملەرنىڭ گەپ - سۆزلىرى مەدەنىي ، گۈزەل بۇلىدۇ . خۇشخۇي ھەم ئەخلاقلىق بۇلۇش ئىنساننىڭ مەنىۋى بايلىقى . ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى ئۆزىنىمۇ ۋە ئۆزگىنىمۇ قەدىرلەشتە .
يىگىرمە يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئائىلە ئايال ئۈچۈن ، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى پىلانىتتۇر . ئايال ئۆز ئائىلىسىدە ئۆز ئېرىنىڭ ھەيكىلىنى تاراشلايدۇ ۋە ئىزگۈ ئارزۇلىرى ئارقىلىق تەڭرىدىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىققىيەت تىلەيدۇ ، ئەينەككە قارايدۇ ، تاكى ئۇ قېرىپ موماي بۇلۇپ كەتكەندىمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە تەلپۈنىشىگە ئىلھامچى سىما بۇلۇپ قېلىۋېرىدۇ . ئەركەك ئايال جىسمىدىكى ئىككىنچى جان ، ھەتتا ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقا ئېلىپ كىلىش ئىقدىدارىدىكى جاندۇر . ئۇ قان ۋە تۇمۇردىلا ئەمەس ، بەلكى ، پىكىر - خىيال ، تەلپۇنۇش ۋە تەلمۈرۈش ، ئاڭلاش ۋە نەزەر سېلىش ، خوشال ياكى ناشادلىقتا ھەركەتلىنىپ تۇرىدىغان جاندۇر . مۇھەببەت ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە جاسارەت بەخىش ئىتىىش كۈچى بىلەن ھەر قانداق بايلىق ، ھوقوق ۋە شۆھرەتتىن قۇدىرەتلىك ، مۇستەھكەم ۋە لەززەتلىكتۇر .
يىگىرمە سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا كېرەكلىك بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار : ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىنى ، بۇلۇپمۇ قېيناناڭ ، قېيناتاڭنى ھۆرمەت قىل . ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ ئۆز ئاتاڭدەك كۆر . ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇققانلىرىڭ ھىساپلا ، قېينانا ، قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل . مۇشۇ يېڭى تۇققانلىرىڭنىڭ مىجەز - خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل . ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان . چۇنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ . سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار ، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار . بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىن قالار ۋە ئاخىرى كىسەل بۇلۇپ قالار . ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد ، تىنىچ بۇلۇشىغا مۇھتاجدۇر . ئائىلىسىدە ئازراق قايغۇ بولسا ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يىتەر .
يىگىرمە توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئېرىڭىدىن ھېچ قانداق سىرىڭنى يۇشۇرما ، ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما . باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارشى چىقما . چىرايىڭنى تۈرمە . ئەرلەر خوتۇنلىرى تەرەپتىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس . ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن كۆڭلۈكنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت . ئېرىڭ ياختۇرمىغان ئىشلاردىن ، كۆڭلىگە كىلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول . ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردىغان ئىشلارنى قىلما . ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسراپ تۇت ، ئىسراپ قىلما .
ئوتتۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئۆيۈڭ تەرتىپلىك ، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن . بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامراق، ئېرىڭنى بالىلىرىڭغا كۈيۈمچان قىلىشقا تىرىش . ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خوش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك ، بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بۇلىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خوشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ . ئەقىللىق خوتۇنلار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەن قىلالمىغان ئىشلارنى ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ . ئېرىڭدىن بىرەر نەرسىنى بىرەر قېتىم ، كۆپ بولسا ئىككى قېتىم سورىساڭ كۇپايە . ئۇنى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىينىما ، ئاۋارە قىلما .
ئوتتۇز بىرىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى خوتۇنلىرىنىڭ خوشال - خورام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر . ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خوشال كۆرۈنگۈچى خوتۇنلارنى ئەرلىرىگە يامان كۆرسىتىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ . ئېرىڭ ئىشقا ماڭغاندا ئۇزۇتۇپ قوي ، قايتىپ كەلگەندە كۈتىۋال . ئېرىڭدىن كەچ قالماي ئۇقلا ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇر . بەزى ۋاقىتلاردا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بۇلىدۇ . دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ ئۇنىڭ توغرا بولمىغان ئەيىپلىرى ھەققىدە ئازراق سۆزلە .
ئوتتۇز ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئائىلە ھەر ۋاقىت نىمە ئەمەستۇر ، بەزى چاغلىرىدا زەھىرى ، تىكىنى ، نەيزىلىرى ھەم بۇلىدۇ . ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغوقچىلىق چۈشسە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلە ، قىزىرىشما ، چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە . ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۇنتىما ، ھۆرمەت قىل ، ئۇ ھەر قانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما . ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر .
ئوتتۇز ئۈچۈنچى نەسىھەت
ھەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، خوتۇنلارنىڭ ئەقىللىق ، ساپ دىل ۋە ياخشىسى ئۆگەي بالىلار ۋە ئۆگەي كېلىنلەر ئارسىغا كەلگەندە مەلۇم بۇلىدۇ . شۇ چاغدا ئۇلار ئۆزىنى ئۆگەيلەرگە مۇھەببەتلىك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ . ئاستا - ئاستا ئۆيىنى تەرتىپكە سېلىشقا تىرىشىدۇ . نەتىنجىدە ئۆيدە بىر نىزام ياكى تەدبىرنى يولغا قويۇپ ئۆز ئارا قارمۇ - قارشىلىققا سەۋەپ بولغۇچى ئامىللارنى تۈگىتىدۇ . ئەگەر بىر خوتۇن باشتىلا تىرىشىپ ئىشلارنى تەرتىپكە سالسا ئۆمۈر بۇيى راھەتتە ياشاپ كۆپ خوتۇنلار ئۆز بالىلىرىدىن كۆرەلمىگەن خىزمەت ۋە راھەتنى شۇ خوتۇن ئۆگەيلەردىن كۆرىدۇ ، ھەتتا بەزى خوتۇنلار بۇرۇن نىزا ۋە زىددىيەت بولغان ئائىلىگە كىلىپمۇ شۇ نىزا ۋە زىددىيەتلەرنى تۈگۈتىپ ئۇنى تىنىچلىققا ئايلاندۇرىدۇ . بۇنداق خوتۇنلارغا راھەت يار بۇلىدۇ .
ئوتتۇز تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، تەجىربىلەرگە ئاساسلانغاندا ، خوتۇنلارنىڭ گۈزەل خۇلۇقلۇق بۇلۇش سەۋەبىدىن ئەرلەرمۇ گۈزەل خۇلۇقلۇق بۇلىدۇ . بۇنىڭ ئەكىسچە خوتۇنلار سەت خۇلۇقلۇق بولسا ئەلەرنىڭ خۇلقىمۇ بۇزىلىدۇ . ئەر بىلەن خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى تۇرمۇشتا كېلىشىش بولمىسا ھەر ئىككىسى ئۈچۈن زور ھەسرەت ۋە ئازاب بۇلىدۇ . روزىغارنىڭ لەززىتى تۈگەيدۇ ، راھىتى تۈگەيدۇ ، تەدبىرلەر بۇزىلىدۇ . جۈملىدىن ئۆي جامائىتى ئوتتۇرسىدا دۈشمەنلىك پەيدا بۇلىدۇ . بالىلار ئارامسىزلىنىدۇ . بۇنىڭدىن كۆپلىگەن زىيانلىق ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش ئالدى بىلەن خوتۇنلارنىڭ زېممىسىگە چۈشىدۇ .
ئوتتۇز بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەرلەر بىلەن گۈزەل تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن خۇتۇنلار تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك نەرسىنى ئېتىبارغا ئېلىشى لازىم . بىرىنچى : ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى ۋە خۇلقىنى ياخشى بىلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ قېتىم سىناق ئېلىپ بېرىش كېرەك . كىيىن شۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىش تۇتۇش لازىم ، يەنى ئەرلەر قانداق نەرسىدىن خوشاللىنىدۇ ۋە قانداق نەرسىدىن كۆڭلى قالىدۇ ياكى قانداق ئىشلاردىن كۆڭلى يېرىم بۇلىدۇ قاتارلىقلار . خۇتۇنلار ھەر ۋاقىت مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى ئېنىق بىلىپ ، ئۇلار ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى قىلىش ۋە ياختۇرمىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم . ئىككىنچى : ئەرلەرگە ئىتائەتمەن خوتۇنلار ھەققىدىكى ياخشى خەۋەرلەرنى ، ئىتائەتسىز خوتۇنلار ھەققىدىكى يامان خەۋەرلەرنى بىلىش لازىم .
ئوتتۇز ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، خوتۇنلار بەدەن ۋە كىيىملىرىنى غەيرى پۇراقلاردىن ، چاڭ - تۇزانلاردىن مۇمكىنقەدەر پاكىزە تۇتۇشى لازىم ، بۇ ئەرلەرگە ياراشنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر . يەنە خوتۇنلار ئەرلىرى چېچىلغان ۋە ئاچچىقلانغان چاغلىرىدا سەۋرچان بۇلۇش ، ئۆزىنى بېسىۋېلىشى لازىمدۇر . بىر ئەرەپ شائىرى ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا مۇشۇ ھەقتە نەسىھەت يۈزىسىدىن شېئىر يازغان بۇلۇپ مەزمونى مۇنداق : ئەگەر ساڭا ئاچچىقلانسام ، جاپا قىلسام مىنى كەچۈر . مەن سىنى ھەر ۋاقىت سۆيىمەن. ئاچچىقىم تۇتقان ۋاقىتتا ماڭا قارشى تۇرما ، مەن بىلەن جاۋابلاشما ، ناغرا چالغاندەك ۋاقىراپ - جاقىرما . بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن . بىر كۆڭۈلدە مۇھەببەت بىلەن غەزەپ جەم بولسا شۇ مۇھەببەت شۇ زامان غايىپ بۇلىدۇ .
ئوتتۇز يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ياخشى خوتۇنلار ئەرلىرىنىڭ كۆزلىرى چۈشسە ئۇچۇق چىراي بىلەن شادلىنىدۇ . بۇيرىغان ئىشلىرىنى ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ . ئەرلەر سەپەرگە چىقسا ئۆزىنى ، ئېرىنىڭ مال - دۇنياسىنى ياخشى ساقلايدۇ . ئۆزىلىرىنى ھارام ۋە ئەدەپسىزلىكلەردىن پاكىز تۇتىدۇ . قىلغان خىزمىتى بىلەن ئەرلىرىگە مىننەت قىلمايدۇ . ئەرلىرىگە ئاش - تائام ھازىرلايدۇ ، كىيىم - كىچەكلىرىنى يۇيىدۇ . ئەرلىرىگە ۋاقىراپ سۆزلىمەيدۇ ، ئۆيىنى تاشلاپ چىقىپ كەتمەيدۇ ، ھەتتا ئاتا - ئانىلىرى ۋە باشقا يېقىن قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا بارغاندا ئەرلەردىن سوراپ رۇخسەت ئېلىپ بارىدۇ .
ئوتتۇز سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەسكى ۋە ناچار خوتۇنلارنىڭ ئادىتى ياخشى خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بۇلىدۇ . ئەسكى خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئېرى بىلەن ۋاقىرىشىدۇ . ئەرلەر بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە شۇ ھەقتە ئۇزۇنغىچە سۆزلەيدۇ . ئۆز سۆزىنى راست قىلىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى سەرىپ قىلىدۇ . ئېرى توختىمىسا ياكى چىقىپ كەتمىسە ئۇلار داۋاملىق سۆزلەيدۇ ، ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە خىزمەتلىرىنى ئۇلۇغ ساناپ مىننەت قىلىدۇ ، گويا دۇنيانى شۇلار ئوڭشايدىغاندەك سۆزلەيدۇ . ئېرىدىن كۆرگەن ياخشىلىقلارنى يوققا چىقىرىدۇ ، ھەتتا « مەن سەندىن ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرمىدىم » دەيدۇ ، « ئۆمرۈم سەن بىلەن زاياغا كەتتى » دەپ ئاجىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ھالبوكى بۇنداق خوتۇنلار لەنەتكە دۇچاردۇر .
ئوتتۇز توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەقىللىق ، نۇمۇسچان ئايال ئېرىنىڭ خوشلىقىغىمۇ ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ . ئېرى ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ، ئۇنى شېرىن سۆز ، خۇش مۇئامىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ . ئېرىنىڭ كىيىم - كىچەكلىرىنىڭ ۋاختى - ۋاختىدا يۇيۇلۇپ ، پاكىزە تۇرۇشىغا دىققەت قىلىدۇ ، تاماقنى دەل ۋاختىدا تەييارلاپ ، ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ خوشال - خورام غىزالىنىدۇ . تاماق ۋاقتىدا قاپىقىنى تۈرۈپ ، بالىلىرىنى ئۇرۇپ ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيدۇ .
قىرىقىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، « ئەرلەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن ، يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن » دىگەندەك ، ئەدەپلىك ، ئەخلاقلىق ئايال ئېرىنىڭ تاپقىنىنى تىجەپ ئىشلىتىدۇ . بەتخەجلىك قىلمايدۇ ، قانائەتلىك بۇلىدۇ . بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىگە كۆپ كۆڭۈل بۈلىدۇ . ئېرىنىڭ مەسلەھەتىسىز بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلمايدۇ . ئەرزىمەس نەرسىلەرنى باھانە قىلىپ ، ھە دىسىلا ئېرى بىلەن جىدەللەشمەيدۇ . ئېرىدىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتىلسە ، مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ، ئۇنى شۇ ئىشىدىن قايتۇرىدۇ . ئېرىگە دائىم مۇھەببەت ۋە سادىقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . ئېرىنىڭ ئاتا - ئانا ، ئاكا - ئۇكا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ . ئېرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنى ياكى دوستلىرى كەلسە ، ئۇچۇق چىراي بىلەن قارشى ئالىدۇ . مانا شۇنداق پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان ئۆي خۇجايىنى - ئايال ئېھتىرام ۋە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ .
قىرىق بىرىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بالىلارغا ئەدەپ - ئەخلاق ، تەرتىپ - قائىدىلارنى ئۆگىتىشتە ئۇلارنى ئۇرۇش ، ئەيىبلەپ سۆكۈش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىشقا بولمايدۇ . ياخشى ئىش قىلسا ، ئۇنى ماختاڭ ، ئەركىلىتىڭ . ئۇلاردىن بىرەر يامان ئىش كۆرۈلسە ، ئۇنداق ئىشقا ئۆزىڭىزنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ ، نەسىھەت قىلىڭ . قىلغان ئىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ . كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئەيىبىنى ئېچىپ بالىنى ئىزا تارتقۇزماڭ . نەسىھەتنى خالىي جايدا قىلىڭ . بالا ئاتا - ئانىدىن ئۈلگە ئالدىدۇ . قائىدە - يوسۇنلۇق ئاتا - ئانىنىڭ بالىلىرىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بۇلۇپ ئۆسىدۇ . ئائىلىدىكى جىدەللەر بالىلارنىڭ روھىغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ . شۇڭا ئائىلە ئەزالىرى جىدەلدىن ساقلىنىپ ، تىنچ ، ئىناق ئۆتىشى كېرەك .
قىرىق ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ھەقىقىي توۋا - ئۆزىنىڭ يارىماس ، يامان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ ، ناتوغرا ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتماقتۇر . توۋا گۇناھكارنى ئىسىيان پاتقىقىدىن تازىلايدۇ . توۋا - ياۋۇزلۇق يولىنىڭ ئاخىرلىشىشى ، ياخشىلىق كوچىسىنىڭ باشلىنىشىدۇر . توۋا مەنمەنلىك غەپلىتىدىن يىرگىنىش ،ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى چۈشىنىپ ، نالايىق ، بولمىغۇر ئىشلاردىن پۇشايمان يىيىشتۇر . بۇ ئەڭگۈشتەر كىمنىڭ قولىغا چۈشسە ،ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ناتوغرا ئىشلىرىدىن خىجىل بۇلۇپ ، خىجىللىق تۈتۈنى ئۇنىڭ دىماغلىرىدىن چىقىدۇ . ئۆزىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرىنى ئەسلەپ ئەپسۇسلىنىدۇ . ئۇ يامان ئىشلارنى قايتا قىلماسلىققا بەك باغلايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنداق يامان ئىشلارغا چەك قويىدۇ . ئەگرى بولدىن ۋاز كېچىپ ، توغرا يولغا قەدەم تاشلايدۇ .
قىرىق ئۈچۈنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، كەمتەر ۋە ئەدەپلىك ئادەم خەلىقنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ ، دوستلۇق گۈلشىنىدە نۇرانە گۈللەر ئېچىلىدۇ ۋە گۈللەردىن يېقىملىق ، مىھرىبانلىق ۋە دوستلۇق بەزمىسىدە ھەرخىل خۇش پۇراقلارنى چاچىدۇ . تەكەببۇر ئادەمگە مۇلايىملىق يولىنى كۆرسىتىدۇ . كەمتەرلىك ۋە ئەدەپ يېشى كىچىكلەرنى چوڭلارنىڭ ماختىشىغا ئىگە قىلىدۇ ، چوڭلارنىڭ كۆڭلىگە كىچىكلەرنىڭ مىھرى - مۇھەببىتىنى سالىدۇ . ئەدەپلىك ۋە كەمتەر ياشنى خەلىق قەدىرلەيدۇ . تەككەببۇر كىشى پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىگۈچىدۇر . تەلۋە ۋە نادانلار ئەدەپ ۋە كەمتەرلىك نۇرىدىن مەھرۇمدۇر .
قىرىق تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەدەپ - ئەخلاقلىق ، تىجەشلىك ئايال بىر تال ئوتۇن ، بىر چىمدىم ئۇن چاغلىق ئائىلە ئىقتىسادىنى تىجەپ ، ئائىلىنىڭ كىيىنكى پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئاسان سالىدۇ . ئېرى كەيپى - ساپا يولىغا ئاياغ باسسا سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ، يامان يولدىن قايتۇرىدۇ . ئولتۇرسا - قوپسا ئائىلىسىنىڭ بەختىنى ئويلايدۇ ، ئورۇنسىز كۈندەشلىك قىلمايدۇ . مانا مۇشۇنداق پەزىلەتكە ئىگە ئاياللار ئائىلىنىڭ نۇرلۇق چىرىغى ، ئەرلەرنىڭ بەختىدۇر .
قىرىق بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ياشلىقتىن باشلاپ قوپال ، ئورۇنسىز ، زەردىلىك سۆزلەرنى تىلغا ئالماسلىققا ئادەتلەنگەن ياخشى . چىرايلىق ، مەنالىق ، كىشىنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن پىكىر ئىزھار قىلىشقا ، باشقىلارغا ئەدەپ بىلەن سۆزلەشكە ئادەتلەنىسڭىز ، ھاياتتا ئۆز ئورنىڭىزنى تېپىپ كىتىسىز . مۇئامىلىسى يېقىملىق ئايالنى كىشىلەر « دىلبەر ئايال » دىيىشىدۇ . ئىشىنىڭكى ، شۇنداق نامغا سازاۋەر بولغان ئايال ، ئەلىۋەتتە بەخىتلىك بۇلىدۇ . مۇئامىلىنى بىلمەسلىك ، تىلنى تىزگىنلىيەلمەسلىك ، ئويلىماي سۆزلەشنىڭ ئاقىۋەتلىرى كىشىنى يامان ئاقىۋەتلەرگە ، ھەتتا پاجىئەلەرگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن .
قىرىق ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئانىغا ئوخشىغان ، ئەينى چاغدا دوست ۋە خىزمەتداش بولغان خوتۇن ھەقىقىي چىرايلىق ۋە يېقىملىق خوتۇن بولالايدۇ . ئانىغا ئوخشىغان دىگەندە شۇنداق چۈشۈنىش كېرەككى ، ئانىلار ھەر دائىم ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىن بۇلۇشىنى خالايدۇ ، بالىلىرى ئۈچۈن رەنج ۋە جاپا چىكىشنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچى ۋە شەرىپى دەپ بىلىدۇ ، خوتۇن كىشى ئۆز ئېرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق خىسلەتكە ئىگە بولغان بولسۇن . دوست دىگەندە شۇنداق چۈشۈنۈش كېرەككى ، ئۇ ئېرىنىڭ ئېيتقانلىرىغا رازى بۇلۇشى ، بىرەر ئىشتىن چەكلىسە خاپا بولماسلىقى ، بىساتىدا بارىنى ئېرىدىن ئايىماسلىقى ، ئۇنىڭدىن سىر يۇشۇرماسلىقى ، ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارلىماسلىقى ، ھەر ئىشتا خۇددى دوستلاردەك كىلىشەلىشى لازىم .
قىرىق يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، قىز - ئاياللاردا ، بىرىنچى نۆۋەتتە ئەقىل - پاراسەت ، ئىدراك ، نازاكەت بۇلۇشى كېرەك . ئەنە شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىگىز - پەسنى ، ئاچچىق - چۈچۈكىنى ، بار - يوقنى ، ئائىلە شارائىتىنى ، ئىمكانىيەتلەرنى پەملىيەلەيدۇ . ئەقىلى - ھۇشى بىلەن ئىش تۇتۇپ ، كەم - كۈتىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ . ئائىلىنىڭ بېشىغا بىرەر تەشۋىش چۈشكەندە دەرھال ھەمدەمدە بۇلىدۇ ، ئەتىراپتىكىلەرگىمۇ ھەمدەم ، ھەمپىكىر بۇلىدۇ . بۇلۇپمۇ ئاياللارغىلا خاس بولغان ئۆلمەس نازاكەت ئەتىراپتىكىلەرگە ھەممىشە قانات بېغىشلاپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ھاياتتا مىسساللار كۆپ . نازاكەت ھەمىشە مېھىر بۇلىقىدىن سۇ ئىچىدۇ . مېھىر بولسا ئۆزىنىڭ ئاياللىقىنى تونىغان ، زىممىسىدىكى ۋەزىپە ۋە بۇرۇچلارنى شەرەپ دەپ بىلگەنلەردە تىنماس بۇلاقتۇر .
قىرىق سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، دىلىدا مېھرى يوقنىڭ نازاكىتىمۇ بۇلمايدۇ . ئايال كىشى ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنى ، ئائىلىنىڭ ، تۇرمۇشنىڭ ، ئەرنىڭ ، بالا - چاقىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسە تۇرمۇشتىن ھېچ قانداق لەززەت تاپالمايدۇ . ئەلىۋەتتە ئەر - ئايال بىرگە شادلىنىپ ، بىرگە قايغۇرۇپ ، بىر مەخسەت يولىدا جانداش بۇلۇشى كېرەك . دىلى پاڭ ئايال ئۆز يولدىشىغا ئەبەدىي ساداقەتلىك ، ۋاپادار ، مېھرى - مۇھەببەتلىك بۇلىدۇ . نازاكەتلىك ئايال ھەر قانداق شارائىتتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىدۇ . نۇمۇس ۋە ئىپپىتىنى ، قەدىر - قىممىتىنى ، شەرمى - ھاياسىنى ساقلاپ قالىدۇ . ئايالىنىڭ نازاكىتى ئۇنىڭ نازۇك مىجەز - جۇلقىدا ، ئەدەپ ، تەربىيە ۋە ساداقىتىدە نامايەن بۇلىدۇ . بۇنداقلار جەمىيەتتىمۇ ، ئائىلىدىمۇ نازۇك گۈل كەبى ئەزىزلىنىدۇ ، شەرەپلىنىدۇ .
قىرىق توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلىڭكى ، ئىچكى ئالىمىڭىزنى ھېچ نەرسە كىتاپچىلىك بېيىتالمايدۇ . چۇنكى كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەربىيلىشىدە كىتاپ مۇھىم بىلىم مەنبەسى . ئۇ يەنە ئۆزىڭىزنى كۆرۈش ، سېلىشتۇرۇش ، تەقلىد قىلىش ، مۇنازىرە يۈرگۈزۈش ، بەسلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەينەك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدۇ . ھاياتتا ئادەم ئۆزى يالغۇز ياشىيالمايدۇ ، مۇھىت ، تەبىئەت بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردە بۇلىدۇ . ئەنە شۇ مۇناسىۋەتلەردە توغرا يول ئىزدىگەن پەيىتتە سۆيگەن كىتابىڭىزغا ، روھىيىتىمىزگە يېقىن بولغان قەھرىمانلارنىڭ كەچمىشلىرىگە مۇراجەت قىلىمىز . بەزىدە ئۇلاردىن قۇۋەت ئېلىپ ، ھازىرچە بىزگە ئېغىر كەلسىمۇ ، ئۇلار تۇتقان يولنى تۇتىمىز . دىمەك بىز ئۇنىڭدىن ئىرادە ، چىدام ، مەلۇم دەرىجىدە ئەپۇچان بۇلۇشنى ، چىكىنىشنى ئۆگىنىمىز . شۇنىڭ بەدىلىگە روھىي مۇۋازىنىتىمىزنى تەڭشەيمىز .
ئەللىكىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئىنسانىي ئىززىتىنى قوغداپ نىكاھدىن ئايرىلغۇچىلارنى جامائەت ئەيىبلىمەيدۇ ، قوللايدۇ ۋە ھېسىداشلىق قىلىدۇ ، ئەلىۋەتتە . شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى ، ئىپپەتلىك بويتاق ئۆز ئىپپىتىنى ساقلىشى لازىم بولغىنىدەك ، ھەر بىر نىكاھدىن ئايرىلغان ئىپپەتلىك تۇل ئايال قايتا نىكاھلىنىشنى ئىزدىگەندە ئىككى جەھەتكە قەتئى ئەمەل قىلىشى لازىم . بىرى ، ئۆزىنىڭ ئىقدىدارىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشى ، پەرزەنتىنى تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن ( ھەتتە قىساسكار روھىدا ) تەربىيلىشى ، نەتىنجە قازىنىشى . يەنە بىرى ، بىرىنچى نىكاھ ئالدىدىكى قىزلىق دەۋرىدىنمۇ قەتئى ئىپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ،نۇمۇس ۋە جامائەت پىكىرى ھەر ئىككى جەھەتتە ئۆز پىكىر ، قەدەم ، ھەركىتىنى ساغلام ۋە كاپالەتلىك ئېلىپ بېرىشى لازىم . بۇ دەۋر ئۇنىڭ كەلگۈسى بەخىتلىك ياكى تۈگۈشۈپ كىتىشىنى بەلگىلىشى مۇمكىن .
ئەللىك بىرىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەڭ يېقىملىق ۋە زۆرۆر بولغان مۇھەببەت ئەر بىلەن ئايال ئارسىدا بولغان مۇھەببەتتۇر ، چۇنكى بىر - بىرلىرىگە مۇھەببەتلىرى بولغان ئەر بىلەن ئايال دۇنيانىڭ راھەتلىرىدىلا ئەمەس ، ھەتتا مىھنەتلىرىدىمۇ ئۆمۈرلىرىنى سائادەتلىك ئۆتكۈزىدۇ . مۇھەببەت پاك ۋە ساپ بۇلۇش شەرتى بىلەن ئەر - ئايالنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ خۇلقىنى گۈزەللەشتۈرۈپ ، ئەقىللىرىنى تەربىيلەيدۇ ، بىر - بىرىگە مۇھەببەتلىك بولغان ئەر بىلەن ئايال ئائىلىسىنى ، ھەتتا خوشنىلىرىنىمۇ نارازى قىلمايدۇ . لېكىن ، مۇھەببەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئەر بىلەن ئايالنىڭ شەخسەن بىر مۇنچە ئۈلۈشلىرى بۇلۇشى كېرەك . ئەگەر بۇ ئىككى يۈرەك بىر - بىرىگە ئىنتىلدىغان بولسا يوق مۇھەببەتنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ ، ئەسلىدىن بار بولغان ، مۇستەھكەملىنىدۇ .
ئەللىك ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئىنسانىي دۇنيادا كۆڭۈلدىكىدەك مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىشى ، بىزنىڭ ئىنسانىي مۇھەببىتىمىزنى تولۇقلاش ۋە ئۇنى ياخشىلىق تەرەپكە يىتەكلەش ، تۇرمۇشتىن زېرىكىش ياكى نەپىرەتلىنىش ئەمەس ، ئۇنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرشكە پايدىلىق ، ئەلىۋەتتە . ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەك دەپ ئويلىغان مۇھەببەت بىزگە خاپىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىك كەلتۈرۈپ بېرىدىغان بولسا ، بۇنداق مۇھەببەتتىن ۋاز كەچسەكمۇ بۇلىدۇ . بىز مۇھەببەتنىڭ كەينىدىن قوغلاشقاندا ، ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويىمىز ، مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكەن ۋاقتىمىزدا ، ئۇ يەنە پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا ، ئەڭ لازىملىقى غۇۋغاسىز ئاددى ھايات .
ئەللىك ئۈچۈنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، مىھمان چاقىرماقچى بولساڭ قولۇڭ ئۇزۇن ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىك ياخشىراق بولسا ئاندىن ياخشى تەييارلىق قىلىپ مېھمان چاقىر ، چاقىرماقنىڭ ئېتى ئۇلۇغ بۇلىدۇ . ياخشى تەييارلىق قىلىپ مىھمانلارنى ئوبدان ، ئۇچۇق - يورۇق كۈتسەڭ دىلىڭمۇ يورۇق بۇلىدۇ . ئەگەر يىتىشەلمىگۈدەك بولساڭ مېھمان چاقىرىمەن دەپ زورۇقما ، بولمىسا ئۆزەڭ ئوڭايسىزلىنىپ قالىسەن ، مېھمانلىرىڭنى كۆڭۈلدىكىدەك كۈتەلمەي ئۇلارنى رەنجىتىپ قويۇشىڭمۇ مۇمكىن . مىھمان چاقىرغان بولساڭ ئاش - تامىقىڭنى كەڭرى قىل ، لېكىن ئىسراپ بولمىسۇن . ئىسراپچىلىق بەك يامان ئىش . چاقىرساڭ يېقىن - يورۇقلىرىڭدىن ، ساڭا قەلىبداش ، دىلكەش دوسلىرىڭدىن بىرەرسىنىمۇ ئايرىپ قويما .
ئەللىك تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، مىھمان چاقىرىشتا كىمنى تەكلىپ قىلىش ، كىمنى تەكلىپ قىلماسلىققا دىققەت قىلىش زۆرۆر بولغانغا ئوخشاش ، زىياپەتكە بېرىشتىمۇ نەگە بېرىش ، نەگە بارماسلىققىمۇ ئوبدان ئەھمىيەت بېرىش زۆرۆر . ئۆلۈم - يىتىم ئىشلىرىغا ئالدى بىلەن بار . باشقا مىھماندارچىلىق بولسا دوست - بۇرادەرلەرنىڭكىگە ، خوشنا - خۇلۇملارنىكىگە ئاۋال بېرىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئال . چاقىرمىغان جايغا بارما ، بولمىسا قىسىلىپ ، قورۇلۇپ قالىسەن ، كۆڭلۈڭ ئازادە بولمايدۇ . نامۇناسىپ كىشىلەر چاقىرغان بولسا ئۆزەڭنى تارتقىنىڭ ياخشى . نورمال بولمىغان ، ئەدەپسىز ئادەملەر ئولتۇرغان سورۇندا ئاداۋەت ساقلىغۇچىلارنىڭ جىدەل - غۇۋغالىرى بولماي قالمايدۇ . ئۇنداق ئولتۇرۇشلارغا كۆڭلۈڭنى يىشىمەن دەپ بېرىپ ، دىلىڭ چىگىلىدۇ .
ئەللىك بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ھەر قانداق سورۇنغا بارساڭ ، تائامنى ئەدەپ - قائىدە بىلەن يىگىن ، مۆتىۋەر كىشىلەر تائامغا قول ئۇزاتماستىن بۇرۇن ھەرگىز تائامغا قول ئۇزاتما . چوڭلار بىلەن بىرگە بولغان سورۇنلاردا چوڭلارغا ئەگىشىپ ئەدەپ بىلەن ئوڭ قۇلۇڭ بىلەن تاماق يىگىن . نەپسىڭ بالاسى سىنى جەھەننەمگە ئۇزىتىشقا ھازىر بولغان بولسىمۇ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى لوقمىغا قول ئۇزاتما ، ئالدىڭدا نىمە بولسا شۇنى يىگىن . داستىخاندا ئورنۇڭ نەگە توغرا كەلسە شۇ يەردە ئولتۇر ، ھەرگىز سۈرۈلۈپ يۇقۇرى چىقىۋالما ، قوپۇپ كەت دىسە ئۆزەڭگە سەت بۇلىدۇ . تائام يىگەندە ئالدىراپمۇ كەتمە ، نازلىنىپمۇ ئولتۇرما ، تاماقنى ماختاپ ئىشتىھا بىلەن يىگىن . ھەر قانچە قوسىقىڭ توق بولسىمۇ ، ئازراق ئېغىز تەككۈز ، بولمىسا ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆڭلى رەنجىيدۇ .
ئەللىك ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، زىياپەت سورۇنلىرىدا بولسۇن ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا بولسۇن ، ئەدەپ ساقلاشنى بىلگەيسەن . چوڭلارنىڭ قېشىغا كەلسەڭ ۋە ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە بولساڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۈرەڭلەپ ، قوللىرىڭنى سېلىپ كىرمىگىن ، باشقىلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئال ، ئۆزەڭمۇ تازىم بىلەن سالامنى بىجا كەلتۈرگىن . ھەرگىز غاپىل بولما ، ئورنۇڭنى بىلىپ ئولتۇر . جەمىيەتتە ھەر قانداق ئادەمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ، بىلىملىك - بىلىمسىزلىكى ، جامائەت ئالدىدىكى قەدىر - قىممىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ۋە مەرتىۋىسىگە قاراپ بەلگىلىك ئورنى بۇلىدۇ . شۇڭا ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلىپ ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇندا ئولتۇرغىنى تۈزۈك .
ئەللىك يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سورۇندا قاقاقلاپ قاتتىق ئۈن بىلەن كۈلمىگىن . بۇنداق كۈلكە ، مەستلەرگە ، ساراڭلارغا خاس ، ئانچىكى گەپلەرگە قاقاقلاپ كۈلۈش تېتىقسىزلىق بۇلىدۇ . ھەر قانداق ئىشنىڭ ئورنى تەرتىپى بولغانغا ئوخشاش ، كۈلكىنىڭمۇ ئورنى ۋە چىكى بۇلىدۇ . يەنە بىرى ، ياسالما ، سىپايە كۈلكىنى كۈلمە ، ئۇنداق كۈلكە خوشامەتچىلىكنى ئىپادىلەپ قويىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تىرناق ئېلىش ، پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەپسىزلىك بۇلىدۇ . ئۆزەڭدىن چوڭلار گەپ قىلىۋاتقاندا تىلىڭنى تارت ، قۇشۇق سېلىپ گىپنىنى بۆلمە . ئاۋازلىق ۋاقىراپ - جاقىراپ گەپ قىلما ، ئەدەپ بىلەن شىرىن ، يۇمشاق گەپ قىل ، بولمىسا شاللاق ئەدەپسىز ئاتىلىسەن ، قەدىر - قىممىتىڭ بولمايدۇ ، بەخىت - سائادەت سەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ .
ئەللىك سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، مىھماننىڭ ئالدىدا ساھىپخان ئەر - خۇتۇن بىر - بىرىنىڭ ئابىرويىنى تۆكىدىغان ، بىر - بىرىنى كەمسىتىدىغان ، بىر - بىرىنى يەرگە قارىتىدىغان سۆز - ھەركەتلەرنى قىلىشتىن قەتئى ساقلىنىشى كېرەك . چۇنكى ، كەمسىتىلگۈچى مىھمان ئالدىدا خىجىل بۇلىدۇ ، ئۇنىڭ ئىناۋىتى تۆكىلىدۇ . مىھمان ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن ئەر - خۇتۇن ئوتتۇرسىدا ماجرا تۇغۇلىدۇ ، ھەتتا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مىھماننىڭ ئالدىدا ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ گىپىنى ئاڭلىشى ، بىر - بىرىگە يول قۇيۇشى ، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك . بۇ ، ئۆز نۆۋىتىدە ، مىھماننى ھۆرمەتلىگەنلىك بۇلىدۇ .
ئەللىك توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئۆيىڭىزگە مەيلى يار - بۇرادەرلىرىڭىز ، مەيلى تەڭتۈشلىرىڭىز ياكى ئۆزىڭىزدىن كىچىكلەر كەلسۇن ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىغاندەك ھاكاۋۇرلۇق قىلماسلىقىڭىز ، كىبىر كۆرسەتمەسلىكىڭىز ياكى ماختانچاقلىق قىلماسلىقىڭىز كېرەك . ئەگەر ئانداق قىلسىڭىز ، مىھمانلار سىزدىن رەنجىيدۇ ياكى سىزنى ئەيىبلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆيىڭىزگە ئىككىنچىلەپ كەلمەيدىغان ، سىزدىن قاچىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . شۇڭا ، سىز ئۆيىڭىزگە كەلگەن مىھماندىن ھەر قانچە ئۈستۈن تۇرسىڭىزمۇ ، مىھمانلار ئالدىدا كەمتەر ، مۇلايىم ، سىلىق - سىپايە ، ھۆرمەتچان بۇلۇشىڭىز كېرەك .
ئاتمىشىنچى نەسىھەت
ھەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئۇيات ئەڭ شەپقەتسىز قانۇندىنمۇ كۈچلىكرەك ، قۇدىرەتلىكتۇر . قانۇن پەقەت كۆزى چۈشكەندە ، شۇبھە پەيدا قىلغاندىلا ، ئاندىن جىنايەتچىنىڭ قۇلىنى باغلاپ ، يولىنى توسىيدۇ ، ئۇيات بولسا ھەمىشە ئەدەپسىز ، ئەخلاقىسز ، جىنايەتچىنىڭ تۆھپىسىدە تۇرۇپ ، ئەدەپ - ئەخلاق دائىرسىگە سىغمايدىغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنىشقا قول كۆتەرگىلى بولمايدۇ . ئادەملەر ھەر قانداق قانۇندىن ئۆزىنى قاچۇرالىشى مۇمكىن . لېكىن ئۇياتتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ . چۇنكى قانۇن ئادەمدىن تاشقىرىدا ، ئۇيات بولسا ئادەمنىڭ ئۆزىدە - قەلبىدە بۇلىدۇ .
ئاتمىش بىرىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، دۇنيادا يارىتىلغىنىچە قالغان ئادەملەرمۇ بار .... بۇ خىل ئادەملەر ئۆز ۋاختىدا يا ئوقۇپ بىلىم ئالمايدۇ ، يا بىرەر ھۆنەر ئۆگەنمەيدۇ . ئۇلار بىر چاغدا كۆزىنى ئېچىپ قارىسا ، قانداقتۇر ھەممە كىشىنىڭ بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ھېچ بىر ئىش قىلمايدىغان ئادەملەرگە كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ . ئۇلار مانا شۇ نەزەردىن قېچىپ بىرەر ئىشىككە كىرىشكە ، ئۇ يەردە ئادەملەرنى چاشقاندەك قىرىشقا ، ئۇلارنىڭ ئەمگىكى ھىسابىغا مال - دۇنيا تېپىشقا ، شان - شەرەپ قازىنىشقا ئۇرىنىدۇ .
ئاتمىش ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئىنسان ئۈچۈن پايدىسىز بولغان مۇنداق ئۈچ نەرسە بار : بىرى ، كاجلىق ۋە قىلىقتا ياۋۇزلۇق ، بىرى ، سۆزدىكى يالغانچىلىق ، يەنە بىرى . بېخىللىق . بۇ خىل ئىللەتتىكى كىشىلەر ھاياتلىقىدا خارلىق تارتىدۇ ، چۇنكى كىشى كاج بولسا ، قىلىقى يامان ، ئىشى تەتۈر بۇلىدۇ . كىمكى يالغانچى ئاتالسا ، بۇ ئەسكى نام ئۆلگۈچە پىشانىسىدىن كەتمەيدۇ . بېخىل بولسا ، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بۇلىدۇ - ئۆزى يىمەي مال - دۇنياغا يىغىدۇيۇ ، ئاخىرى ئۆزى ئۈلۈپ تۈگەيدۇ ، تاپقان مال - دۇنياسى خەققە قالىدۇ .
ئاتمىش ئۈچۈنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، نەپىس ساڭا قانچە ئۈستۈنلۈك قىلغانسىرى ، سەن ئۇنىڭدىن ئۆزەڭنى تۆۋەن كۆرسەڭ ، ئۇنىڭ قۇلى ئاستىدا قۇل بۇلۇپ قالىسەن . نەپسىڭنىڭ پەرمانسىز بىر تىنىقىمۇ تىنالمايدىغان ، ئۇ نىمىگە ھەۋەس قىلسا ، سەن ئۇنى بەجا كەلتۈردىغان بۇلىسەن . ئۆمۈرۈڭنى ئۇنىڭ پەرمانى بىلەن سەرىپ قىلىسەن . ئۇنىڭ ئارزۇسى تەرىپىگىلا قەدەم باسىسەن . ئاخىرى نەپسىڭ سىنى ئىشەك قىلىپ ، بېشىڭغا نوقتا سالىدۇ . سەنمۇ ئۇنى ئۈستىڭگە مىندۈرۈپ ، ئۇ قاياققا باشلىسا ، شۇ ياققا قەدەم بېسىپ يۈرىسەن . قەيەردە « توختا » دىسە ، شۇ يەردە ئارام ئالىسەن .
ئاتمىش تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغا ئايال، شۇنى بىلگىنكى ، بىر ئادەمنىڭ كەمچىلىكى خۇددى مايمۇننىڭ قويرىقىغا ئوخشايدۇ ، مايمۇن زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا قويرىقى كۆرۈنمەيدۇ ، لېكىن دەرەخكە ياماشقاندا ھەممە يېرى ئاشكارلىنىدۇ . بىراق ئۇنىڭ قىزىل كاسسى ، ئۇزۇن قويرىقى يۇقۇرغا ئۆرلىگەنسىرى كۆرۈنىدىغان يېڭى ئالامەت بولماستىن ، ئەزەلدىنلا بار نەرسە . دۇنيادا مۇنداق ئىككى خىل ئادەم بار : بىر خىلى ، ساپاق ئۈزۈمنى ئېلىپ ، ئاۋال ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ يەيدۇ . يەنە بىر خىلى بولسا ئەڭ ياخشىلىرىنى ئەڭ ئاخىرىدا يەيدۇ . قائىدە بۇيىچە ئېيتقاندا بىرىنچى خىل ئادەم ئۈمۈتۋار كىلىدۇ ، چۇنكى ئۇ قۇلىدىكى ئۈزۈملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ يەيدۇ . ئىككىنچى خىل ئادەم چۈشكۈن كىلىدۇ ، چۇنكى ئۇ قۇلىدىكى ئۈزۈملەرنىڭ ئەڭ ناچارلىرىنى تاللاپ يەيدۇ .
ئاتمىش بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار دائىم باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتىدۇ . ئۆز پىكىرىنى ئۆز لايىقىدا ، ئۈنۈملۈك ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ . باشقىلارنىڭ پىكىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ . ھەممە نەرسىدىن باشقلار بىلەن تەڭ بەھرى ئېلىشنى خالايدۇ ، ھەتتا كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنىمۇ خالايدۇ . بىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ بۇنداق قىلىدىغانلىرىنى كەمدىن كەم ئۇچۇرتىمىز . مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار داۋاملىق ئالغا باسىدۇ ، ئۆسۈپ يېتىلىدۇ . بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇنيا ناھايىتتى تىز تەرەققى قىلىپ ، بىز بىلىدىغان ، چۈشۈنىدىغان ئىشلار ، جۈملىدىن رەھبەرلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئۇسوللىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتتى تىز شاللىنىپ قالدى . مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرغۇچىلار مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كىيىن تۈرلۈك لېكسىيە ۋە كورسلارغا قاتناشمايدۇ .
ئاتمىش ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەگەر ھاياتىلىق دەرەخ بولسا ، قەدىر - قىممەت ئۇنىڭ يىلتىزى . ئەگەر ھاياتلىق سۇ بولسا ، قەدىر - قىممەت ئۇنىڭ ئېقىنى . ئەگەر ھاياتلىق ئوت بولسا ، قەدىر - قىممەت ئۇنىڭ يىقىلغۇسى . ئەگەر ھاياتىلق قارچۇغا بولسا ، قەدىر - قىممەت ئۇنىڭ قانىتى . مەيلى باي ئادەم بولسۇن ، مەيلى ئادەتتىكى ئادەم بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا قەدىر - قىممىتى بۇلىدۇ . بايلىقنىلا ئۆلچەم قىلىدىغان بايلارنىڭ قەدىر - قىممىتى بولسا پۇل بىلەن ئېرىشكەن ساختا قەدىر - قىممەت بۇلۇپ ، ھامان بىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۇمران بۇلىدۇ ، ئۇلار ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇپ يەتكەندە ، ئىززەت - ئابىرويىمۇ تۆكىلىپ بولغان بۇلىدۇ .
ئاتمىش يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، قەدىر - قىممەتكە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن ، ئاەمدە يۈكسەكلىك بۇلىشى كېرەك . چۇنكى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئالىيجاناپبلىق قەدىر - قىممەت مۇقەددىمىسىدۇر . قەدىر - قىممىتىنى يوقاتقان ئادەم روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن ئادەمدۇر . ئۇلار باشقىلارنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرلىشىنى كۆرەلمەيدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ . قەدىر - قىممىتىنى يوقىتىشنىڭ ئۆزى سەرگەردانلىقنىڭ بىشارىتى . چۈشكۈنلۈك بولسا قەدىر - قىممەتنى دەپسەندە قىلىدىغان گۆر . ئۇ ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ . بەزىلەر ئۆزى خالىغان ھالدا قەدىر - قىممىتىدىن ۋاز كىچىدۇ . بۇنداقلار ۋۇجۇدىنى قۇلچىلىق ئىدىيىسى چىرماپ كەتكەن ئادەملەردۇر . ئەگەر ، ھوقوقنىڭ ، پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ، روھىي يىتەكچىنى ئۆزگەرتىۋەتكەندە ، قەدىر - قىممەت ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ .
ئاتمىش سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، قەلىبنىڭ ئۆزىگە خاس چىرايلىق زىننىتى بار ، ئۇ بولسىمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدىغان روھى جەھەتتىكى ئەركىن - ئازادىلىق . ھەممىلا ئادەم شۇنداق قەلىبكە ئىگە ئەمەس ، چۇنكى قەلىب مەردانە روھنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇنىڭدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان ھەركەت - ھەتتا رەقىبنىمۇ ماختاشتىن ئايانماسلىق ، ئۇنىڭغا ، ھەركەت جەھەتتە تېخىمۇ كەڭچىلىك قىلىش . ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش پۇرسىتى تۇغۇلغاندا ، بۇنداق قەلىب تېخىمۇ پارلاق نۇر چاچىدۇ . كەڭ قۇساقلىق بۇنداق ئەھۋالدىن ئۆزىنى قاچۇرماي ، بەلكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئېھتىمالغا يېقىن ئۆچ ئېلىش ھەركىتىنى كۈتۈلمىگەن مەردانە ھەركەتكە ئايلاندۇرىدۇ .
ئاتمىش توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئادەمنىڭ ئەڭ يۇقۇرى مەنىۋىلىك ساپاسى بىردەملىك ھاياجانلىنىش كەيپىياتىنىڭ نېرى - بېرى قىلىشىغا ئۇچۇرمايدۇ . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايىپ بۇلىدىغان چاكىنا تەسىراتلارنىڭ نېرى - بېرى قىلىشىدىن سەن ئۆزەڭنىڭ ھاياجانلانغان كەيپىياتىنى يېڭىپ چۈشەلەيدىغان ھېچقانداق ئۇلۇغ غەلبە بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈنكى ، ئۇ بىر خىل ئىرادىنىڭ غەلبىسىدۇر . ئىشتىياقىڭ ساڭا تەسىر كۆرسەتكەن ھالەتتىمۇ ، مەرتىۋەڭگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولسۇن ، بۇلۇپمۇ مەرتىۋەڭ سەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بۇلۇپ تۇرغاندا . مانا بۇ ئاۋارچىلىقلاردىن خالى بۇلۇشنىڭ يولى ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلۇشنىڭمۇ ھەممىدىن ئەپچىل يولىدۇر.
يەتمىشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئامەتنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنىيىتى بۇلىدۇ ، ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر قانداق ئىشتا پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرۇشى ناتايىن . تەلەي تىرىشچانلىقنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئۈنىمىنى كۆرسىتەلەيدۇ . بەزىلەر تەغدىر - قىسمەت دەرۋازىسىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېقىنلىشىدۇ - دە ، ئامەتنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ . بەزىلەر سەل جانلىقراق ئىش كۆرىدۇ . ئۇلار تەغدىر دەرۋازىسىدىن ئېھتىياتچان ، ئەمما يۈرەكلىك ھالدا مەردانە قەدەملەر بىلەن كىرىپ كېتىۋېرىدۇ . ئۇلار گۈزەل ئەخلاق ۋە باتۇرلۇقتىن ئىبارەت قانىتىنىڭ خاسىيىتىدىن ھەممىدىن ئۈستۈن جاسارىتى ئارقىلىق ئامەت بىلەن ئېلىشىدۇ . ئاخىرىدا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ مەقسەت - مۇدداىئاسىغا يەتەلەيدۇ .
يەتمىش بىرىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، گالۋاڭ ئادەم بىلەن ئەقىللىق ئادەمنىڭ قىلغان ئىشى ئوخشاش بولسىمۇ ، ۋاختى ئوخشاش بولمايدۇ . ئەقىللىق ئادەم مۇۋاپىق پەيىتتە قىلىدۇ . گالۋاڭ ئادەم نامۇۋاپىق پەيىتتە قىلىدۇ . ئەگەر سەن ئەقلىڭنى باشتىلا جايىدا ئىشلىتەلمىسەڭ ، باشقا ھەر قانداق ئىشنى تەتۈر قىلىپ قويىسەن ، يەنى بېشىڭغا كىيىدىغاننى ئايىقىڭ بىلەن دەپسەندە قىلىسەن . ئوڭ بىلەن سولنى ئالماشتۇرۇپ قۇيىسەن - دە ، سول قۇلۇڭنى ئوڭ قول ئورنىدا ئىشلىتىپ سالىسەن . ئەقىللىق ئادەم قايسى ئىشنى ئاۋال قىلىش ، قايسى ئىشنى كىيىن قىلىش كېرەكلىكىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ چىقىپ ، ئاندىن كۆڭۈللۈك ھالدا قىلىشقا كىرىشىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئابىرويىنى ئۆستۈرىدۇ .
يەتمىش ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، كۆزلىگەن نىشانىڭىزنى قەغەزگە ئېنىق يېزىپ قويسىڭىز ، ئۇنىڭ ئۆز نىشانىڭىزغا يىتىشىڭىزگە ياردىمى بۇلىدۇ . كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ نىشانىغا يىتەلمەسلىكىدىكى سەۋەپ ، ئۇلارنىڭ ئېنىق كۆزلىگەن نىشانىنىڭ بولمىغانلىقىدا . ئۇلار بۇ نوختىنى ئەزەلدىن ئويلىشىپ باقمىغان . نىشانى بولغان تەغدىردىمۇ ، ئۇنى ئىشەنچىسىز ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولمايدىغان نەرسە دەپ قارىغان . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇلار نىشانىنى زادىلا بېكىتىپ باقمىغان . ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىشى ئۆز پىلانى بۇيىچە ئىش قىلمىغانلىقىدا . مۇۋاپپەقىيەت قازانغۇچىلار سىزگە ئۆزىنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ، تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىت كىتىدىغانلىقىنى ، ئۇ يەرگە نىمە ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى ، كىملەر بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ .
يەتمىش ئۈچۈنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ھايات يولى تولىمۇ قىسقا ، ئۇنى غەم - ئەندىشە ، قايغۇ - ھەسرەت بىلەن زايا قىلىش ئەزىز جاننى زايا قىلغان بىلەن باراۋەر . باشقىلارنى ئەپۇ قىلىڭ . ئەپۇ قىلىش سىزگە تىنىچ - ئاراملىق بەخىش ئىتىدۇ . تۇرمۇشتا ۋە خىزمەتتە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىگە كەڭ قۇساق بۇلۇشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ ، چۇنكى دۇنيادا نۇخسانسىز ئادەم يوق . سىز بەلكىم بىرەرسىنى ئۆزىڭىزگە ھۆرمەت قىلمىدى دەپ ئەيىپلەپ ، قوسىقىڭىزدا ئۆچمەنلىك ساقلىشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن ئىنچىكە ئويلىغاندا ، بەلكىم ئۆزىڭىزنىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم دەپ ئويلىماڭ . ئۆزىڭىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىزنى كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋېرىپ ، ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلىپ ، ئاندىن كىيىن قىممەتكە ئىگە ھايات نىشانىڭىزنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇڭ .
يەتمىش تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئىپپەتنىڭ پەردىسى ، ۋىجداننىڭ نىقابى ھايادۇر . ھايا پەردىسى بىلەن ئورالغان ئىنسانلارنىڭ ئىپپەت پەردىسى يىرتىلماس . ئەقىلنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ھەر بىر ئايال نۇمۇس ، ئىززەت ، ئاياللىق قەدىرىنى چۈشۈنىپ يەتكەي . بۇنداق ئايال ھېچ بىر ئىشتا ئاداشمىغۇسى . ئىلىمسىز ئايال بولسا بالا تەربىيىسىدە تۈرلۈك كەمچىلىكلەرگە يول قۇيىدۇ . ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زۆرۆر نەرسىلەر - نۇمۇس ، ئىززەت ، ھايا قاتارلىق پەزىلەتلەر ئىلىم مەرىپەت ئارقىلىق كەسىپ قىلىنۇر . ئاياللارغا خاس بولغان ئەڭ گۈزەل ۋە قەدىرلىك بولغان بېزەك ئىپپەتتۇر . ئىپپىتى يوق ئايال نۇرسىز ، يالىڭاچ بىر گەۋدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئىپپىتىنى ساقلاشقا تىرىشمىغان ئايال ھېچقاچان مۇھەببەت ۋە ئىلتىپاتقا سازاۋەر بولالماس .
يەتمىش بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، كىشىدە ئىككى خىل گۈزەللىك بار بۇلۇپ ، ئۇلار ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىككە بۈلىنىدۇ . تاشقى گۈزەللىككە كىشىنىڭ ھەممە ئەزالىرى ، مەسلەن : كۆز ، قۇلاق ، چىش ، قاش ، يۈز ، لەۋ ، ئېغىز ، قول ، ئاياغ، قامىتى كىرىدۇ . ئىچكى گۈزەللىك بولسا كىشىنىڭ يېقىملىق خۇلقىلار بىلەن بېزىنىشىدۇر . بۇ خۇلقلار مۇلايىملىق ، ساخاۋەت ، شىجائەت ، ئىلىم ، كەمتەرلىك ، ئىپپەت - نۇمۇس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلاردۇر.
يەتمىش ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، « سۆيگىنىڭ بىلەن بىللە بولساڭ ، كەپىدىمۇ جەننەتىكىدەك ياشايسەن » دىگەنگە ئوخشاش دەبدەبىلىك سۆزلەرگە ئىشىنىپ كەتمە . نىكاھ پەقەت مەنىۋى بىرلىشىشلا ئەمەس ، يەنە ماددىي بىرلىشىشتۇر . ئائىلە قۇرۇشقا ئىنتىلگەنىكەنسەن ، ماددىي جەھەتتىن قانچىلىك تەمىنلىيەلىشىڭنى ، ئائىلەڭدىكىلەرگە باشپاناھ بۇلۇش - بولماسلىقىڭنى ئويلاپ قوي . ياش ئايالنىڭ قېرى ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشى نامۇۋاپىق ئىش . چۇنكى ، بۇ ھال چوڭ كېمىگە باغلاپ قۇيۇلغان كىچىك قىيىققا ئوخشايدۇ . كىچىك قېيىق چوڭ كېمىنىڭ ھەركىتىگە ماس ھەركەت قىلالمايدۇ ۋە سۇ ئاستىدىكى لەڭگەر تاشمۇ ئۇنى ساقلىيالمايدۇ . شۇنىڭدەك ، ئۇ ئارقاننى ئۈزۈپ ، كىچىلىرى كۆپۈنچە ، باشقا پورتلاردىن قۇنالغۇ تاپىدۇ .
يەتمىش يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، نىكاھ خۇددى پۈتۈنلەي تەنھا ئىككى دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك . نىكاھ ئىككى روھنىڭ بىرلىشىشى بۇلۇپ ، بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىشنى مەخسەت قىلىدۇ . بۇ جاپا - مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار گويا زەھەرلىك يىلاندەك ، ھەر كۈنى كىشىنىڭ قەلبىنى چاقىدۇ . نىكاھ ھەرگىزمۇ رومانتىك كىشىلەر تەسسەۋۇر قىلغىنىدەك بولماستىن ، بەلكى ئىقتىدار ئۈشتىگە قۇرۇلغان تۈزۈمدۇر . ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلىشىنىڭ شەرتى جىسمانىي جەلىپكارلىقنىلا ئەمەس ، ئىرادە ، سەۋرىچانلىق ، ئۆز - ئارا قۇبۇل قىلىش ۋە يول قۇيۇشتۇر .
يەتمىش سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سەن يەر بولساڭ ، ئۇ ئاسمان بۇلىدۇ . دېمەك ، سەن ئۇنىڭ ئالدىدا يەر كەبى كەمتەر بولساڭ ، ئۇ ئاسمان كەبى ئالىيجاناپ بۇلىدۇ . ئاسمان شىپالىق يامغۇرى بىلەن يەرنى كۆكەرتكىنىگە ئوخشاش، ئۇمۇ ئۆز مىھرى - شەپقىتى بىلەن سىنى مەمنۇن قىلىدۇ . يەنە سەن ئۇنىڭغا تۆشەك بولساڭ ، ئۇ ساڭا ياستۇق بۇلىدۇ ياكى سەن ئۇنىڭغا كىنىزەك بولساڭ ، ئۇ ساڭا قۇل بۇلىدۇ . ئېرىڭدىن ئۇنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ياكى سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلما . ئەگەر شۇنداق قىلساڭ ، ئوتتۇردىكى ئىناقلىق بۇزۇلۇپ ، جىدەل - ماجرالار يۈز بېرىدۇ . ئۆزەڭگە خۇشبۇي نەرسىلەر بىلەن زىننەت بېرىپ ، يېقىمسىز ھېدلاردىن ساقلان . پاكىزلىق دائىما يولدىشىڭ بولسۇن .
يەتمىش توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئاچچىق ۋە ياپتا گەپلەرنى قىلىشتىن نېرى بول ، ئېرىڭ ھەممىشە سەندىن يۇمشاق ۋە تاتلىق گەپلەرنىلا ئىشىتسۇن . ياراشمىغان ، ئەسكى كىيىملەرنى كىيىپ ياكى چاچلىرىڭنى تەرتىپكە سالمىغان ھالدا ئۇنىڭغا كۆرۈنمە ! ئەقىللىق ۋە ئەس - ھۇشلۇق ئايال ئۆز ئېرىنىڭ غەزەپ ئېتىغا مىنگىنىنى كۆرسە سەۋرى قىلىدۇ ، ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغۇيىشىغا يول قويمايدۇ . ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ، ئېرى پەس كويغا چۈشكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەققىلىق ئايال ئېرىنىڭ ئاچچىقىنى ئۆزىنىڭ تەببەسۇمى ۋە چىرايلىق مۇئامىلىسى بىلەن يۇمشىتىدۇ . ئېرى ئۈستىدىن ھېچكىمگە ، ھەتتا ئاتا - ئانىسىغىمۇ شىكايەت قىلمايدۇ . مانا شۇنداق پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئايالغا ئۆيلەنگەن ئەركەك ھەقىقىي بەختىيار ئەركەك ھىساپلىنىدۇ .
سەكسىنىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەگەر ئەر - خۇتۇن ئوتتۇرسىدا مەنىۋى ئورتاقلىق بولمىسا ياكى مەنىۋى ئېھتىياجى كەمچىل بۇلۇپ ، پەقەت ياخشىچاقلىق ۋە ھىسىيات مۇناسىۋىتى بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولسا ، ھەر قايسسسىنىڭ پىسخىك خارەكتىرىدىن كەلگەن بەزى ئالاھىدىلىكلىرى مەلۇم پەيىتكە بارغاندا ، ئۇلارنىڭ ئورتاق تۇرمۇشىدا شىددەتلىك تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ . تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلۇش - بولماسلىقى ئەر - جۇتۇن ئىككى تەرەپتنىڭ بىر - بىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشەنگەنلىكى ، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قانچىلىك ئىچكىرلەپ كىرگەنلىكى ، بىر - بىرىنىڭ ئالاھىدە تەلىپى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى قانچىلىك بىلگەنلىكىگە باغلىق .
سەكسەن بىرىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، قىز بالىنىڭ تەربىيىسى ئالاھىدىدۇر . ئەگەر قىز بالاڭ بولسا ، ئالدى بىلەن ئۇنى ئىپپەتلىك ، ئوقۇمۇشلۇق بىر تەربىيىچىگە تاپشۇر . ئاندىن كىيىن بىر مۇئەللىمگە ئوقۇتۇشقا بەر . زۆرۆر ئىلىملەرنى ئۆگەنسۇن . ھالال - ھارامنى پەرق ئەتسۇن ، ھەق - ناھەقنى بىلىۋالسۇن . قىز بالاڭ ئۆيىڭدە ، يېنىڭدا بولغاندا مىھرى - شەپقەت ۋە مەرھەمەتنى ئايىما . تولۇق بالاغەتكە كىچىكتۈرمەي ، ياخشى تەربىيلەنگەن بىرىگە نىكاھلاپ بەر ...... نادان - ئەقىلسىز پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمايدۇ ، قۇبۇل قىلمايدۇ . تېخى ئۆزلىرىچە « بىزنىڭ بىلگەنلىرىمىزنى قېرى ئاتا - ئانىلىرىمىز بىلمەيدۇ » دىيىشىدۇ . بۇنداق قاراشتا بولغان پەرزەنتلەر ئەقىلسىز نادانلاردۇر .
سەكسەن ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەقىللىق بولغىن . ياخشى ئىشلارنى قىلغىن . ئىنساندىكى ئەقىل ئىككى تۈرلۈك بۇلىدۇ . بىرى ، تەبىئى ئەقىل . مۇنداق ئەقىل ھەممە ئادەمگە نىسىپ بۇلىۋەرمەيدۇ . ناھايىتتى ئاز ساندىكى ئادەملەرگە نىسىپ بۇلىدۇ . يەنە بىرى ، كەسپىي ئەقىل . بۇ ئوقۇش ، ئۆگۈنۈش يولى بىلەن ھاسىل بۇلىدۇ . ئەگەر تەبىئى ئەقىل ساڭا نىسپ بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا مەرىپەت يولى بىلەن ھاسىل بولغان ئەقىل قوشۇلسا ، سەن ئۈچۈن نىمە دىگەن بەخت - سائادەت -ھە ! بۇ ئىككى كامالەت ساڭا يار بولسا ، زامانەڭدە مىسلىسىز تەڭداشسىز ئادەم بۇلىسەن . مۇبادا ساڭا تەبىئى ئەقىل نىسىپ بولمىسا ، كەسپى مەرىپەت ئەقلىنى ئىلىم - بىلىم ، ھۈنەر -سەنئەت ھاسىل قىلىشقا ئىجتىھات قىل . ئىلم -پەن ، ھۈنەر ئۆگۈنىشكە تىرىشمىساڭ ، ھەر ئىككى كامالەتتىن مەھرۇم قالىسەن .
سەكسەن ئۈچۈنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، تەمەخورلۇق بىر خىل ناچار ئەخلاق بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئادەمنىڭ روھى ۋە ئىش - ھەركىتىدە ئىپادە تاپسا ، شۇ كىشىنى جەمىيەتتىكى ئەڭ نەپىس ، ئەڭ خار يۆلىنىشكە قاراپ ئىتتىرىدۇ . ئەگەر بىر قەۋم بىر مىللەت ، بىر ئەل ۋۇجۇدىدا ئەكىس ئەتسە ، بۇ شۇ قەۋم - شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسىل ئەخلاق مىزاملىرىدىن ، ئالغا بېسىش نىشانىدىن ئايرىلىپ يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەگەر بىر قەۋم ، بىر مىللەت تەمەخورلۇق كىسىلىگە مۇپتىلا بولسا ، پالانى مىللەتتىن ، پۈكۈنى دۆلەتتىن ياردەم كۈتسە ، ياردەم قۇلىنى ئۇزارتارمىكىن دەپ تەما قىلسا ، ئۆزىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىپ بېرەرمىكىن دىگەن ئارزۇدا بولسا ، بۇنداق مىللەت ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقاتقان بۇلىدۇ . تىلەمچىگە باققان باغرى تاشنىڭ قاراشلىرىدەك سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچىرايدۇ .
سەكسەن تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ،كىشىنىڭ ئىقتىدار كۈچى ھەقىقىي كۈچلۈك بولسا ، تۈرلۈك ھادىسىلەر ئىچىدىن تاسادىپى « ئامەت » ئېلىپ كىلىدىغان نەرسىلەرنى بايقاپ ، ئۇنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ . ئىقتىدارى تۆۋەن بولسا ، ئامەت يېنىدا تۇرسىمۇ ئۇنى كۆرمەي ئۈتۈپ كىتىدۇ . ئىقتىدار - ئادەمنىڭ بىلىمى بىلەن ئەقىل - ئىدىراكىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمىلىيەتتىكى ئۈنىۋېرسال پايدىلىنىشى . ئامەت بىلەن ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتىدە ، ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئادەمنىڭ ئىقتىدارىدۇر . بىز ھەر قايسى سەپلەردە ۋە ئوخشاش بولمىغان سەپلەردە ، ئىجتىمائىي ئەمىلىيەت جەريانىدا جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئىلىم - پەن ئۆگۈنۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرسەك ، ھەر خىل ئامەتلەر كۆز ئالدىمىزدىن ئۈتۈپ كىتەلمەيدۇ ، ئېرىشىدىغان نەتىنجىلىرىمىزمۇ كۆپ بۇلىدۇ .
سەكسەن بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، تۇرمۇشتا سۈكۈت كەم بولسا بولمايدۇ . قۇياش سۆزلىيەلمەيدۇ ، چۇنكى ئۇ نۇر ۋە شولا . تاغلار سۆزلىيەلمەيدۇ ، چۇنكى ئۇ سەلتەنەت . ئاسمان سۆزلىيەلمەيدۇ ، چۇنكى ئۇ يۈكسەكلىك . سۈزۈك سۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ ،چۇنكى ئۇ جىلۋىدارلىق . ئالتۇن سۆزلىيەلمەيدۇ ، چۇنكى ئۇ قىممەت . قارغاي سۆزلىيەلمەيدۇ ، چۇنكى ئۇ يېشىللىق . گۈللەر سۆزلىيەلمەيدۇ ، چۇنكى ئۇلار گۈزەللىك ..... ئىنسانمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ، ئالىيجاناپلار ماختانسىمۇ ، كىشىلەرنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلىدۇ . پەيلاسوپلار سۈكۈت قىلىشپ پىشىپ يىتىلىش دەيدۇ . مۇتەپپەككۇرلار سۈكۈت قىلىش ئېسىل پەزىلەت دەيدۇ . مائارىپشۇناسلار سۈكۈت قىلشى ئەقىل - پاراسەت دەيدۇ . سەنئەتكارلار سۈكۈت قىلىش سېھرىي كۈچ دەيدۇ . شۇنداق سۈكۈت قىلىش ئېرىشمەك تەس بولغان جاھاندارچىلىق يولى .
سەكسەن ئالتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ھاياتنى سۆيۈش ، قەدىرلەش ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشلا ئادەمگە ھەقىقىي كۈچ - قۇۋۋەت ، خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ . سىز ھاياتنى قىزغىن سۆيۈڭ . شۇندىلا ھايات تەرىپىدىن سۆيىلىسىز . سۆيۈلۈش - سۆيۈشتىنمۇ لەززەتلىكتۇر . ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى قەدىرلىسىڭىز ، باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ھاياتىي كۈچىڭىزدىن بەھرىمان بۇلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ . دۇنيادا ئادەملەر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل ، شۇنچە سۈيۈملۈك . يەنە شۇ ئادەملەر بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە يىرگىنىشلىك ! ئادەم دۇنيادا ياشىغان ئىكەن قىيىنچىلىق ، ئوڭۇشسىزلىققا ھامان ئۇچىراپ تۇرىدۇ . قىيىنچىلىق ، مەغلۇبىيەت ، دەرد - ئازاپ مەۋجۇت بولغاچقىلا ، مۇۋەپپەقىيەت ، غەلبە ، شادلىق شۇنچە قىممەتلىك ۋە شىرىن بۇلىدۇ .
سەكسەن يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بالىلار ئىلھاملاندۇرۇش ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە ، ئۆزىگە ئىشىنىشنى ، ماختاش ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە ، تەكەببۇرلۇقنى ، مۇۋاپىق تەغدىرلەش ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە ، ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاشنى ،ئىزا - ئاھانەت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە ، ئۆزىنى تۈۋەن كۆرۈشنى ، باراۋەرلىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە ، ئادىللىقنى ، سەۋرى - تاقەت ئىچىد تۇرمۇش كەچۈرسە ، سەۋرىچانلىقنى ۋە قانائەتچانلىقىنى ، ئۇرۇش - جىدەل ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە ، كاززاپلىقنى ، بەك ئامراقلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە ، ھەسەتخورلۇقنى ، تاپا - تەنە ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە ، باشقىلارنى ئەيىبلەشنى ، مېھرى - شەپقەت كەمچىل مۇھىت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە ، باشقىلارغا سوغاق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگۈنىپ قالىدۇ .
سەكسەن سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ھاياتلىققا پايدىلىق بولغان « ئون كۆپ ، ئون ئاز » نى بىلىشىڭ سىنىڭ ئۆز ھاياتىڭنىڭ قەدىرىنى بىلگەنلىكىڭنىڭ دەلىلىدۇر . ئون كۆپ : بەدەننى كۆپ چېنىقتۇرۇش ، جەمىيەت بىلەن كۆپ ئارلىشىش ، ياخشى كىنو - تىياتىرنى كۆپ كۆرۈش ، كۆپ ساياھەت قىلىش ، مىۋە - كۆكتاتلارنى كۆپ يىيىش ، كۆپ كۈلۈش ، مىڭىنى كۆپ ئىشقا سېلىش ، ساپ ھاۋادىن كۆپ بەھرىمان بۇلۇش ، جىسمانىي ئەمگەكنى كۆپ قىلىش ، يىرىك ئاشلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلىش . ئون ئاز : تاماكىنى ئاز چىكىش ، ھاراقنى ئاز ئىچىش ، ماي ۋە تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلش ، پارچە - پۇرات يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش ، ئاز خاپا بۇلۇش ، ئەر - خۇتۇن ئاز بىللە بۇلۇش ، دورىنى ئاز ئىشلىتىش ، خىمىيىلىك دورا ۋە رىنتىگىن نۇرى بىلەن ئاز ئۇچۇرىشىش ، باشقىلارغا ئاز ھەسەت قىلىش .
سەكسەن توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، كىشلىك ھاياتتىكى چوڭ زىيانلار ئىچىدە ، ئىنسانىي قەدىر - قىممىتىنى يوقىتىشنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، ئۆزىگە ئىشىنىش روھىنى يوقىتىشتىن باشقا چوڭ زىيان يوق . ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ھېچقانداق توسالغۇ ۋە چەكلىمىگە ئۇچۇرمىغان ، ھېچكىممۇ بوتۇلكىغا قاچىلىۋالالمايدىغان شۇ پارىغا ئوخشاش نەرسە . قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئادەمدە ئۆزىگە قەتئىي ئىشىنىش روھى بۇلىشى كېرەك . ھەر قانچە نامىراتلىشىپ كەتسىڭىز كىتىڭكى ، ئەڭ قىممەتلىك نەرسىڭىزدىن - ئۆزىڭىزگە ئىشىنىش روھىڭىزدىن مەھرۇم قالماڭ ! قەددى - قامىتىڭىزنى روسلاپ ، مەيدىڭىزنى كېرىپ يۈرۈڭكى ، غۇربەتچىلىك ئالدىدا باش ئەگمەڭ . قەتئىي ئىرادىلىك بۇلۇڭكى ناچار مۇھىت ئالدىدا بەل قويىۋەتمەڭ . مۇھىتنىڭ خۇجايىنى بۇلۇڭكى ، ھەرگىز ئۇنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالماڭ !
توقسىنىنچى نەسھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس ، تىرىشماسلىق ئەيىب . تىلسىزلىق ئەيىب ئەمەس ، بىلىمسىزلىك ئەيىب . سەتلىك ئەيىب ئەمەس ، قىلىقسىزلىق ئەيىب . بۇيى پاكارلىق ئەيىب ئەمەس ، كۆڭلى پەسلىك ئەيىب . كەمبەغەللىك ئەيىب ئەمەس ، نادانلىق ئەيىب . تېرە قارىلىقى ئەيىب ئەمەس ، كۆڭۈل قارىلىقى ئەيىب . ياسىنىش ئەيىب ئەمەس ، چاكىنىلىق ئەيىب . ياۋاشلىق ئەيىب ئەمەس ، ئىقتىدارسىزلىق ئەيىب . قەتئىلىك ئەيىب ئەمەس ، جاھىللىق ئەيىب . ئۆزىگە ئىشىنىش ئەيىب ئەمەس ، تەككەببۇرلۇق ئەيىب . ئۆزىگە تايىنىش ئەيىب ئەمەس ، شەخسىيەتچىلىك ئەيىب . جانلىقلىق ئەيىب ئەمەس ، شاللاقلىق ئەيىب . سەگەكلىك ئەيىب ئەمەس ، گۇمانخورلۇق ئەيىب . سۆزمەنلىك ئەيىب ئەمەس ، مۇغەمبەرلىك ئەيىب .
توقسان بىرىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، « ئىقتىدارلىق بۇلۇش » نىڭ مەنىسى ئۆزەڭ قىلماقچى بولغان ئىشنى ئەڭ ياخشى ئۇسول بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداشنى بىل دىمەكتۇر . ئىش ئورنى ئاز ، ئىش ئىزدەۋاتقانلار كۆپ بۇلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك جەمىيەتتە ، سەن جەمىيەتتە بىر كىشلىك خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ، تىگىشلىك ئەمەلىي ئىقتىدار ئىگەللىشىڭ شەرت . مائاشى يۇقۇرى ، شارائىتى ياخشى ئىش ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ، باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر قەدەر ئىقتىدارنى ئىگەللىشىڭ كېرەك . ئۇ ھالدا ، ئىمكانىيىتىڭنىڭ يىتىشىچە تىرىشىپ ئۆگۈنىشىڭ شەرت . ئۆزەڭنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىڭنى كۈچەيتمىسەڭ ، دىپلومىڭ ھەر قانچە كاتتا ، چىرايىڭ ھەر قانچە مەپتۇنكار ، ئۆزۈڭ ھەر قانچە گەپدان بولغىنىڭ بىلەنمۇ ، ئۆز ساھەڭدىكى رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقالمايسەن .
توقسان ئىككىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، چۈشۈنىش زورمۇ زور بولسا بولمايدۇ ، بىراق ئۇ خوشامەت ئەمەس . خوشامەت چۈشۈنىشكە قارىغاندا رەڭدار ۋە يېقىملىق بۇلىدۇ ، چۈشىنىش خوشامەتكە قارىغاندا ئاددى ھەم تەسىرلىك بۇلىدۇ . چۈشىنىش غەرەزسىز بۇلىدۇ ، لېكىن خوشامەتكە ھەر خىل غەرەزلەر يۇشۇرۇلغان بۇلىدۇ . چۈشىنىش شەكىل تاللىمايدۇ ، پەقەت بىر سەمىمىي ، سېخى يۈرەك بولسىلا ، ھەر ۋاقىت ھەر جايدا چۈشىنىشكە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ . خوشامەت ھەر خىل توزاقلارنى قۇرۇپ ، بەزىلەرنى شۇنىڭغا دەسسەتمەكچى بۇلىدۇ ، ئەمما ئادەمنىڭ توساققا دەسسىشى ناتايىن . ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، باشقىلارنىڭ خوشامەت قىلىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ باشقىلارغا خوشامەت قىلىدىغان ئادەمدۇر . دائىم باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە مۇيەسسەر بۇلالايدىغان ئادەم چوقۇم باشقىلارنىمۇ دائىم چۈشىنىدىغان ئادەمدۇر .
توقسان ئۈچىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ھاياتلىق سىنىڭ پايدىلىنىشىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن پۇرسەت . لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ سىنىڭ ئىلكىڭدىكى نەرسە ئەمەس . سەن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز قۇدىرىتىڭنى ئاخىرقى چەككە يەتكۈچە ئىشلىتىشىڭمۇ ياكى مەنىسىز ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىپ تۈگۈتىۋىتىشىڭمۇ مۇمكىن . لېكىن مەيلى قانداق ئۆتكۈز ، ساڭا بېرىلگەن ۋاقىت چەكلىك بۇلىدۇ . ئۇنى ھەر قانچە قىلىپ تىجەيمەن دىسەڭمۇ بەرىبىر تۈگەپ كىتىدۇ . بىر كۈنلۈك ۋاختىڭنىڭ ئۆتكىنى سىنىڭ ھايات دەرىخىڭندىن بىر تال يۇپۇرماقنىڭ تۈكۈلگىنىگە باراۋەردۇر . ئۇ گەرچە ئۈمۈر دەرىخىڭدە ھېچ قانچە ئورۇن تۇتمىسىمۇ ، بىراق بىر تال بىر تالدىن تۆكۈلۈپ سىنىڭ ھاياتىڭنى خورىتىۋىتىدۇ . شۇڭا ،سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەڭسىتمىگەن ئاشۇنداق بىر كۈنلىرىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ چوڭقۇر ئويلىنىپ قوي .
توقسان تۆتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بىر قىسىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرسىڭىز ، تۇرمۇشنى چۈشۈنىشىڭىز بىر قېتىم چوڭقۇرلىشىدۇ . بىر قېتىم خاتالاشسىڭىز ، كىشلىك تۇرمۇش ئېڭىڭىز بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ . بىر قېتىم بەخىتسىزلىككە ئۇچۇرسىڭىز ، مۇۋاپىقىيەتنىڭ مەزمونىنى بىر قېتىم مۇكەممەللەشتۈرىۋالىسىز . مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، تۇرمۇشىمىزنى شاد - خوراملىق ئىچىدە ئۈتكۈزىشنى ئويلىساق ، ئالدى بىلەن مەغلۇبىيەت ، بەخىتسىزلىك ، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازاپ - ئوقۇبەتنى چۈشۈنىشىمىز كېرەك .
توقسان بەشىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز ھېچ قاچان خۇسوسىي ئېھتىياج - ئارىمىزدىكى مەلۇم بىرسىنىڭ ئېھتىياجى ئەمەس . بىز شان -شەرەپكە ، ئۆز نەپسىمىزنى قاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئەمەسمىز . بىز ھەممە بىر نىيەتتە بولغان قوزغاتقۇچ كۈچكە ئېھتىياجمىز . ئۇ بولسىلا ، بىز ئۇلۇغ ئىنسانىيەتنى ، شەخسى ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆر مىللەتنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز ..... بىر ئادەم يېپيېڭى بىر مىللەتنى يىتۈلدۈرەلمەيدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور كۆپچىلىككە تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ . مەخسەتكە يىتىش ئۈچۈن ، مۈرىنى - مۈرىگە تېرەپ ، بىرلىكتە ئىنتىلىشىمىز كېرەك . مۇشۇنداق گۈزەل بىر نىشاننى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە ، ئاجايىپ شادلىنىپ كىتىمىز ، شۇ مەخسەتكە يەتكەندە ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئىككى قۇلى بىلەن ئاسارەتنى بۇزۇپ تاشلايدۇ ، بارلىق كىشەن - بۇيۇنتۇرۇقلارنى پاچاقلىۋىتىدۇ
توقسان ئالتىنىچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ساغلام بۇلۇش ۋە ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرۈشنىڭ ئون خىل سىرى : 1) ئىدىيىدە ئۇچۇق - يۇرۇق بۇلۇش ، ئۈمۈتۋار - ئاكتىپ بۇلۇش ، كەيپىيات مۇقۇم بۇلۇش . 2) تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بۇلۇش . 3) ئەمگەك قىلىپ تۇرۇش ۋە چېنىقىپ تۇرۇش . 4) يىتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش . 5) يىمەك - ئىچمەك تازلىقىغا دىققەت قىلىش ، زىيادە ئىچىپ ، زىيادە يەپ كىتىشتىن ساقلىنىش . 6) ئىچىملىك - چىكىملىكتىن قاتتىق ساقلىنىش . 7) ناچار ئادەتلەرنى تۈزۈتۈش . 8) ئۇششاق كىسەلگە سەل قارىماسلىق . 9) مۇھىت تازلىقىغا دىققەت قىلىش . 10) ئەمگەك مۇھاپىزەتىگە دىققەت قىلىش .
توقسان يەتتىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، كەيپىيات جەھەتتە ئۆزىنى تەڭشەپ تۇرۇش تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيەگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ھەممىشە ئۆزىدىن ئىلھاملىنىپ ، كەيپىياتنى ئوبدان تۇتۇش كىشىنى ئۈمۈدۋار ، ئالغا ئىنتىلىشچان ، ساغلام بۇلۇشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ . كەيپىياتى ياخشى بولمىغاندا ، چۈشكۈن ، پاسسىپ ، ئىرادىسىز ، ھېچنىمىگە بېرىلمەيدىغان بۇلۇپ قالىدۇ - دە، نەتىنجىدە كىشىدە ھارغىنلىق روھى ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەتتا كىسەل پەيدا قىلىدۇ . ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن ئىبارەت كىچىك ماكانغا قامىۋېلىپ ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن ئۆزىڭىزنى غەلەت قىلىپ ، باشقىلارنىڭ گەپ - سۆزىدىن ئەندىشە قىلىپلا يۈرمەڭ . ئېچىنىپ ، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز خاپا بۇلۇپ كەتمەڭ ، ئۆز پايدا - زىيىنىڭىزنىڭ غېمىدىلا بۇلۇپ قالماڭ .
توقسان سەككىزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئاتا - ئانىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلمىگەن ، ھەققىنى ئادا قىلمىغان ئادەم باشقىلارنىڭ قەدىرىنى ھەم بىلمەيدۇ . ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ياخشىلىق قىلىش دۇرۇس ئەمەس . شۇڭا سەن ھەم ئۆزەڭگە دۇرۇس بولمىغان ئىشنى ئىزدىمە . پەرزەنتلىرىڭدىن ھۆرمەت تەما قىلساڭ ، ئالدى بىلەن ئاتا - ئاناڭغا ھۆرمەت قىل . چۇنكى پەرزەنت تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاتا - ئانىنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ ئۆگۈنىدۇ . مىسالى ، ئاتا - ئانىنى بىر مىۋىلىك دەرەخكە ئوخشاتساق ، پەرزەنت شۇ دەرەخنىڭ مىۋىسىدۇر . دەرەخنىڭ تەربىيىتى قانچىكى كۆپ بولسا ، شۇنچە ياخشى مىۋە بېرىدۇ . ئوخشاشلا ئاتا - ئاناڭنى قانچە كۆپ رازى قىلساڭ ، ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن تەلەپ قىلغان نەرسەڭگە شۇنچە تىز ئېرىشەلەيسەن . ئاتا - ئاناڭ سەندىن رازى بولسا ، تەڭرىمۇ سەندىن رازى بۇلىدۇ .
توقسان توققۇزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، مىراسنى دەپ ئاتا - ئاناڭنىڭ ئۆلىمىنى تىلىمە . ئاتا - ئاناڭ ئۆلمىسىمۇ ساڭا قىسمەت بولغان رىزىق ھامان ساڭا يەتكۈزىدۇ . رىزىق ( مىراس ) ئۈچۈن مۇشەققەتنى ئۆزەڭگە لازىم تۇتما . ناۋادا شۇ رىزىق تەغدىر - قىسمەتتە ساڭا پۈتۈلگەنىكەن ، ئۇ ئارتۇق ياكى كام بولماي ساڭا تەكگۈسىدۇر . ھەر قانچە ھەركەت قىلغىنىڭ بىلەنمۇ كۆپىيىپ قالمايدۇ . شۇنداق دىيىلىدۇكى : قىسمەتتە پۈتۈلگەن رىزىق ئۆزگىرىپ قالماس ۋە ھەركەت قىلغان بىلەنمۇ كۆپىيىپ قالماس . ئەگەر تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشنى ئىرادە قىلساڭ ، سەھەر تۇرۇپ ئۆزەڭدىن تۈۋەن مەرتىۋە ، تۈۋەن تۇرمۇشتىكىلەرنىڭ ھالىغا قارا. شۇندىلا ئاللىقاچان تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەنلىكىڭنى بىلىسەن .
يۈزىنچى نەسىھەت
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، گەرچە دۇنيا ( پۇل - مال ) نىڭ يوقلىقىدىن كەمبەغەل بولساڭمۇ ، ئەقىل - پاراسەتكە باي بولغىن . چۇنكى ئەقىل - پاراسەت ، بىلىم -- مال - دۇنيادىن كۆپ ياخشىدۇر . ئەقىل - پاراستنى پۇل - مال دۇنياغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ . مالدار ( پۇل - مال ئىگىسى ) نادان ، ئىلىمسىز بولسا ، پات پۇرسەتتە مۇھتاج ۋە گاداي ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ . ئاقىل ( ئىلىم ئەھلى ) نىڭ مېلىنى ئوغرى ئالالماس ، ئوتتا كۆيمەس ، شۇ ئاختۇرۇپ كىتەلمەس ! پەم - پاراسەتلىك ۋە ساھىبى ئاقىل بولساڭ ، ھۆنەر ( ئىلىم ) ئۆگەنگىن . چۇنكى ھۆنەرسىز ( ئىلىمسىز ) « دانا » گويا كىيىمسىز تەن ۋە جانسىز سۆرەتكە ئوخشايدۇ . بۇنى « ئەدەپ - ئەقىلنىڭ سۆرىتى » دىگەن ئىبارىدىن چۈشەن .
مەنبە : ئاياللارغا 100 نەسىھەت
(تەھرىر : admin)