ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
ئاتا-ئانىنى ئەزىزلەش، چوڭ كۆرۈش، ھۆرمەتلەش ئەخلاق-پەزىلىتىمىزدىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلىگەن، ئەزىزلىگەن ئادەم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقە-مىنۇتلىرىغىچە ھۆرمەت-ئىززەتتە ياشايدۇ. ئەرەب يازغۇچىسى ئابدۇقادىر نۇرى ئەلى بەزەنجىي «ئاتا-ئانا پەرزەنت بىر ئۆمۈر قەرز بولۇپ ئۆتىدىغان زاتلاردۇر» دېگەن. ئاتا-ئانا مېھرى چەكسىزدۇر. بۇ مېھىرنى پەقەت مېھىر بىلەنلا قايتۇرۇش مۇمكىنكى، بۇ مۇبارەك بۇزرۈكۋارلارغا نارازىلىق كۆزلەر بىلەن كىرپىك كۆتۈرۈپ قاراشمۇ پەرزەنت ئۈچۈن ئېغىر جازادۇر. بۇنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇدۇم-نەسىھەتلىرىدىن كۆرگەنمىز، ئەمەلىيەتتىمۇ كۆرىۋاتىمىز.
رېئال تۇرمۇشتا، ھەر خىل پەرزەنتلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋاپادار، كۆيۈمچان، بەزىلىرى بولسا ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل. ئاتا-ئانا ياش، بەقۇۋۋەت ۋاقتىدا پەرزەنتنى يۆلەيدۇ، مېھىر-مۇھەببىتىنى، جاپادا تاپقىنىنى بېرىدۇ. قېرىغىنىدا بولسا، پەرزەنتىنىڭ مۇھەببىتىگە مۇھتاج بولىدۇ.
بىر نەچچە يىل بۇرۇن ياشانغان ئانىلارنىڭ بىر سۆھبىتىگە داخىل بولۇپ قالدىم . ئېرىدىن ياشلا تۇل قالغاندىن كېيىن بالىلىرىنى چېچىنى سۈپۈرگە، بېلىكىنى كۆسەي قىلىپ بېقىپ قاتارغا قوشقان بىر ئايال ياشانغاندا يالغۇز قاپتۇ. ئوغلى ۋە كېلىنى پۇزۇر كىيىنىپ يۈرىدىغان بۇ ئايال 70 يېشىدا يالغۇز ئۆيدە تۈگەپ قاپتۇ.
ـــ شۇ بىچارە ئايال دائىم گۆشسىز تاماق يەيتتى، ــ دەپ گەپ باشلىدى بىر ئايال، ــ چۈشلىكى تاماقنى بۇرۇنلا يەپ يىغىشتۇرىۋېتەتتى. چۈنكى، ئۇ قولۇم-قوشنىلارنىڭ گۆشسىز تاماق ئەتكىنىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن خىجىل بولاتتى. ئوغلۇم مېنى يوقلاپ كەلسە، ماڭا مەستلىكى كېلىپ، ئوغلۇمغا دۇئا قىلىپ كېتەتتى، ئوغلىنىڭ ئىشىكىدە پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئوغلۇم ماڭا بىر نەرسە ئەكەلسە ئۇ ئايالغىمۇ بېرەتتى. بۇنداق چاغلاردا تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ كېتەتتى. بىچارە ئايال بالىغا زار بولۇپ تۈگەپ كەتتى، كۆزى ئوچۇق كەتتى، بالىلىرى ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ.
ـــ توۋا قىلدىم، بالا دېگەننىڭ ئىنسابى بولمىسا بىكار، ئاتا-ئانىنى قەدىرلىمىسە بالا ئەمەس، بالا-قازاغۇ، لەنەت ئۇنىڭغا...
يەنە شۇنداقمۇ بالىلار باركى، ئاتا-ئانىسى ساق چېغىدا ئۇلارنىڭكىنى يەيدۇ، ئىچىدۇ. ئورنىدا يېتىپ قالغاندا يېقىن يولىمايدۇ، بىتاب بولۇپ قالغاندا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، پەپىلەپ كۈتمەيدۇ. بىر كۆيۈمچان ئاتىنىڭ مېڭە سەكتىسى بولۇپ قالغىنىنى بىلەتتىم. بۇ بىچارە ئادەم كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا چوڭ-كىچىك تەرىتى جايىدىلا بولۇپ قالدى. نەچچە ئوغلى بار بۇ ئاتا ئەسلى ئوغۇللىرىغا مۇھتاج ئىدى. ئەمما، بۇ ئاتىنىڭ قېشىغا ۋاپاسىز ئوغۇللار يېقىن كەلمىدى، بىر قىزى دادىسىنىڭ تازىلىقىنى ئوبدان قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى.
ئەي پەرزەنتلەر، ئاتا-ئانىمىز ھاياتىمىزنىڭ قوياشى، ئۇلار ئۆمرىمىزنىڭ نۇرلۇق چېرىغى. ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى بېغىشلايلى، ئاتا-ئانىمىزغا قەلبىمىزدىن ھەقىقىي ئورۇن بېرىپ، ئۇلارنى بىر ئۆمۈر ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغۇزايلى.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەي
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈ
- پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك ق
- بالىڭىزنى مۇشۇنداق تەربىيلەمسىز ؟
- ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى مەسئۇل
- بالىلار زۇكام بولغاندىن كېيىنكى بەلغەم
- شەپقەتسىز ئاتا-ئانا قانۇننىڭ جازاسىغا ت
- بالىلار ھەققىدە ئەقلىيە سۆزلەر
- ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل ق
- ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى
- ئاتا ئانىڭىزغا ۋاقىت ئاجرىتىڭ
- بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بول
- پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتى
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك قىلغان
- بالىڭىزنى مۇشۇنداق تەربىيلەمسىز ؟
- ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى مەسئۇلىيىتى
- بالىلار زۇكام بولغاندىن كېيىنكى بەلغەم بوشىت
- شەپقەتسىز ئاتا-ئانا قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىل
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيل
- پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە نەزەر
- ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا
- ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتا
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچى›› لىكىگە قانداق م
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- قانداق قىلغاندا ياخشى ئائىلە باشلىقى بولغىلى