ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ قويماسلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك

ۋاقىت : 2014-03-17 23:36 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ قويماسلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك
ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ قويماسلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك

بالىلار يا ئۇنداق يا بۇنداق كەمچىللىكلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. بالىدىكى سەۋەنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا-ئانا بولغۇچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بالىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار سۆز-ھەرىكىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىشى، ئائىلە تەربىيىسى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى داۋاملىق ئۆگىنىپ، بۇ جەھەتتىكى تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، بالىنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىشتەك كەمچىللىكلەردىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
بالا ياخشى ئىش قىلغاندا   ئۇنى  ماختاش  ۋە  ئىلھاملاندۇرۇش-بالىنىڭ  ئۆزىگە بولغان  ئىشەنچىنى كۈچەيتىشىگە شۇنداقلا ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە پايدىلىق. ئەكسىچە بالىنى قارغۇلارچە تەنقىدلەش بولسا، بالىنىڭ غورۇرىغا تېگىپ، ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ماختاش ۋە تەنقىد قىلىشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، ھەر ئىككىلىسىنى لايىقىدا ئېلىپ بېرىشى لازىم. ئاتا-ئانىلار بالا قايسى جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغان بولسا، ئۇنى ئامال بار سەۋىرچانلىق بىلەن سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى، ھەرگىز قاتتىق قوللۇق قىلماسلىقى لازىم. كونىلاردا «سىللىق سۆز تاشنى يارار، قوپال سۆز باشنى» دەيدىغان گەپ بار. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا، تەربىيىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە سىللىق-سىپايىلىك بىلەن، تەدبىرلىك بىلەن ئېلىپ بېرىشى، ھەرگىزمۇ قاتتىق قوللۇق قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى قاتتىق قوللۇق بىلەن قىلىنغان تەربىيە بالىلارغا تەسىر قىلىش تۈگۈل، ئەكىس تەسىر بېرىپ قىلىشىمۇ مۇمكىن.
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ھەممە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىنى، بالىسىنىڭمۇ كۆڭلىدىكىدەك ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلغاچقا، بالىغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئۇنى قاتتىق باشقۇرىدۇ. بالىسى بىرەر سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قويسىلا، قاقشاپلا كېتىدۇ. يېشى كىچىك بالىلارنىڭ تەجرىبىسى كەمچىل ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا، چوڭلار ئويلىمىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويىدۇ. بەك قاتتىق تۈزۈم ئاستىدا چوڭ بولغان بالا، جاھىل بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېشى بىر قەدەر چوڭ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئاساسەن چىقالايدىغان بالىلارنىڭ كۆزىگە بەك كىرىۋېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. خۇددى مۇشتۇمىمىزنى قانچە چىڭ تۈگكەنسېرى، قولىمىزدىكى قۇم دانىچىلىرىنىڭ بارماقلىرىمىز ئارىسىدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئوخشاش، ئاتا-ئانىلارنىڭ بەك قاتتىق قول بولۇپ كېتىشىمۇ، بەزىدە بالىلارنىڭ يامان يوللارغا كىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار سەۋىرچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ قويۇشى كېرەك.
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەرزەنت تەربىيىسى جەريانىدا ئاتا-ئانىلاردا ئۆز-ئارا يا ئۇنداق، يا مۇنداق ئىختىلاپلار كۆرۈلىدۇ. ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك ئاتا-ئانىلار پىكرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈۋېلىپ، ئاندىن پەرزەنت تەربىيەلەيدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بۇ نۇقتىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ-دە، بالىسىنىڭ ئالدىدا بالا تەربىيەسى توغرىلىق ئۆز-ئارا تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرىنىڭ پىكرىنى يەنە بىرى قۇبۇل قىلمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بالىدا قايسى تەرەپ ئۆزىگە مايىل بولسا، شۇ تەرەپنى ياخشى دەيدىغان قاراش شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشى، ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ ئالدى بىلەن پىكرىنى بىرلىككە ئەكېلىۋېلىپ ئاندىن بالىغا تەربىيە ئىشلىشى كېرەك. بالىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق قوغدىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىسىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن بالىسىنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارلىشىۋالىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن بالا ئۆزىنى ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. يەنە بەزى بىر ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ھەممە سۆز ۋە ھەرىكىتىنى ئىنكار قىلىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالىنىڭ   ئاكتىپلىقى، ئالغا   ئىلگىرلىشى  توسالغۇغا  ئۇچراپ، ئۆزىنى ئىقتىدارسىزدەك، غورۇرى ۋە ئىشەنچىسى رەھىمسىزلەرچە نابۇت قىلىنغاندەك ھېس قىلىدىغان  بولۇپ   قالىدۇ. شۇنىڭ  ئۈچۈن  ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشى ھەم شۇ ئاساستا ئىلمىي تەربىيلەشكە ئەھمىيەت   بېرىشى   لازىم.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ