بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر

ئاتا - ئانا ئۆز بالىسىنى ئەڭ قالتىس ھېسابلايدۇ. بىراق، ئەقلىي قابىلىيەت، تەربىيەلىنىش ۋە مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بالىلارنىڭ يېتىلىشىدە مەلۇم پەرقلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھال نۇرغۇن ئاتا - ئانىغا ئۆزىنىمۇ، بالىسىنىمۇ قىينايدىغان باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق بالا ھامان بىر تەرەپتە ئۈزۈپ چىقىدۇ. ئەمما بەزى ئاتا - ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىغا زىيادە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تەربىيەلەيدۇ. لېكىن، بۇنداق چەكتىن ئاشقان كۆيۈمچانلىق ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر.
نۇرغۇن ئاتا - ئانا پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بالىسىغا ئەڭ ياخشى ئويۇنچۇقلارنى، كىيىم - كېچەكلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، بۇنداق بالىلار كۆپىنچە قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئاقنانچى بولۇپ قالىدۇ.
ئادەتتە مۇنداق ئەھۋاللارغا دائىم يولۇقىمىز: يېڭى ئايىغى چىققان بالىلار تەمتىلەپ مېڭىپلا يىقىلىپ چۈشكەندە بەزى ئاتا - ئانىلار يۈگۈرۈپ بېرىپ بالىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ. بۇ بالىلاردا ئاسانلا تايىنىۋېلىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپمۇ بوينىغا ئالمايدىغان، ھەتتا باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىچىك بالىنىڭ يېقىلىپ چۈشۈشى نورمال ئەھۋال. بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقسىمۇ يەنىلا ئۆزى ئاپىرىپ - ئەكىلىدۇ. يەنە بەزى ئاتا - ئانىلار خىزمىتى ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئىشلىرىنى تاشلاپ پۈتۈن كۈچىنى بالىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە قارىتىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىدا بولسۇن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بولسۇن، ئىمتىھان باشلانغاندىن تارتىپ تاكى تۈگىگىچە بالىلىرى بىلەن بىللە بېرىپ - بىللە كېلىدۇ. بۇنداق ئۆگىنىپ قالغان بالىلاردا قانداقمۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى بولسۇن؟ بۇنداق ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇنىڭغا ئاتا - ئانىلارنىڭ زىيادە كۆيۈنۈشى سەۋەب بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش ئەمەلىيەتتە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر، خالاس! شۇڭا چوقۇم مەلۇم بوشلۇق قالدۇرۇشىمىز كېرەك، ئۇلار شۇ بوشلۇقتا ئەركىن-ئازادە چوڭ بولسۇن!
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەي
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈ
- پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك ق
- بالىڭىزنى مۇشۇنداق تەربىيلەمسىز ؟
- ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى مەسئۇل
- بالىلار زۇكام بولغاندىن كېيىنكى بەلغەم
- شەپقەتسىز ئاتا-ئانا قانۇننىڭ جازاسىغا ت
- بالىلار ھەققىدە ئەقلىيە سۆزلەر
- ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل ق
- ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى
- ئاتا ئانىڭىزغا ۋاقىت ئاجرىتىڭ
- بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بول
- پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتى
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك قىلغان
- بالىڭىزنى مۇشۇنداق تەربىيلەمسىز ؟
- ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى مەسئۇلىيىتى
- بالىلار زۇكام بولغاندىن كېيىنكى بەلغەم بوشىت
- شەپقەتسىز ئاتا-ئانا قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىل
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيل
- پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە نەزەر
- ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا
- ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتا
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچى›› لىكىگە قانداق م
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- قانداق قىلغاندا ياخشى ئائىلە باشلىقى بولغىلى