ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى

ۋاقىت : 2014-02-17 18:40 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى

ئاياللار ئەقىللىق بولۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار تۇرمۇشنى چۈشىنەلەيدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇش ئۇلارغىمۇ ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى سىز تۇرمۇشقا كۈلۈپ باقسىڭىز تۇرمۇشمۇ سىزگە كۈلۈپ قارايدۇ ھەم سىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.بىراق بەزى ئاياللار «مەن ئەقىللىق» دەپ، ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزدە باشقىلارغا يول قويمايدۇ، «ئۆزۈمنىڭ توغرا» دەپ ئۆزىنىڭكىدە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ، نەتىجىدە قارشى تەرەپنى رەنجىتىپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆزىنىڭ دىلىمۇ ئازار يەيدۇ. ئۆزىنىڭكىدە چىڭ تۇرۇۋالغانلىق ـــ بەزىدە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە «ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق»، «بىلەرمەنلىك قىلغانلىق»، ئۆزىنى «كۆزكۆز قىلغانلىق» ۋە «مەنمەنچىلىك قىلغانلىق» بولۇپ قالىدۇ.    شۇڭا ئاياللار ئەقىللىق بولۇشتىن باشقا يەنە ئاخلاقلىق ھەم مۇلايىم بولۇش كېرەك. ئاخلاقلىق ھەم مۇلايىم بولۇش ئاياللار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. ئاخلاقلىق ھەم مۇلايىم ئاياللار ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە تېجىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلىيالايدۇ. ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەش ھەر بىر ئايالنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدۇ، چۈنكى ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە ۋە قۇربان بىرىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئاياللار مۇشۇ ئىناق ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىشى، ئائىلىسىدىن زارلانماسلىقى، ھەم شۇ ئائىلىسى ئۈچۈن ياخشى ياشاپ بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ھەم ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەقلىي قەبىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە قابىلىيىتىنى شۇ ئائىلىسى ئۈچۈن ئاتا قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ ئائىلە يىمىرىلىدۇ ھەتتا نارسىدە بالىلار باشقىلارنىڭ قولىغا قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئوماق سەبىي بالىلارغىلا بولىدۇ.    ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ئەلۋەتتە، بىراق بۇ تۈۋرۈكنىڭ مەزمۇت تۇرۇشى ۋە غولاپ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شۇ ئائىلىدىكى بىر ئايال بۇ تۈۋرۈكنى ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە يۆلەپ تۇرۇشى كېرەك. «قول قولنى يۇسا، قول قۇپۇپ يۈزىنى يۇيار» دىگەندەك، ئائىلىمۇ ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ پەرۋىش قىلىشى بىلەن مۇستەھكەملىنىدۇ ھەم كۆكلەيدۇ. شۇڭا ئەر-ئايال ئىككەيلەن ھەمدەمدە بولۇپ، بىر-بىرىنى ئۆزئارا قوللاپ ۋە جاپا مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ ئىناق ئۆتكەندە، ئاندىن ئائىلە ـــ ئائىلىگە ئوخشايدۇ، تۇرمۇش ـــ تۇرمۇشقا ئوخشايدۇ، شۇنداقلا مۇكەممەل ئائىلىگە ئېرىشەلەيدۇ. مۇكەممەل ئائىلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراشقا توغرا كىلىدۇ، چۈنكى تۇرمۇش شۇنداق بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى بۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى قانداق يېڭىش ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق، بۇ تىرىشچانلىق توختاپ قالمىسىلا ئاندىن ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ.    ئاياللار «ياخشى ياشايمەن» دەيدىكەن، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىشى، ئەگرى-توقايلىقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرلىشى ۋە ئۆزىنى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشى كېرەك، ھەمدە ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھاياتىنى قەدىرلەپ بەختلىك ياشىشى كېرەك.    ئەگەر سىز ئەقىللىق ئايال بولسىڭىز، ئۆيىڭىزدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئاپىڭىزغا ئېيتماڭ. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئاپىڭىز بولغاچقا ئۇنىڭمۇ كۆڭلى بىئارام بولىدۇ. شۇڭا سىز «بەختلىك» بولاي دىسىڭىز ئاپىڭىزنىمۇ بەختلىك قىلىڭ.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ