پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتىجسىگىلا ئېسىلىۋالماڭ
غەرب دۆلىتىدىكى نۇرغۇن ئائىلىكلەر پەرزەنتىنڭ كچىكىدىن باشلاپ تەربىيلەش ۋە ئۆزلىكىدىن چېنىقىشىغا چوڭقۇر ئەھمىيەت بېرىدۇ.

چەتئەل ئائىلە تەربىيىسى، بۇ يەردە ئېيتىلماقچى بولغان ئاساسلىقى غەرب تەرەپ ئائىلە تەربىيىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق نەزەردە تۇتىدىغان نۇقتىسى، بالىلارنىڭ ئۆزىدە بولغان ھەرقانداق مۇھىتقا ماس كېلىش ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بولغان جەمئىيەتكە لايىق كىشى قىلىپ تەربىيلەش. بۇخىل چۈشەنچە ئاساسىدا، غەرب دۆلىتىدىكى نۇرغۇن ئائىلىكلەر پەرزەنتىنڭ كچىكىدىن باشلاپ تەربىيلەش ۋە ئۆزلىكىدىن چېنىقىشىغا چوڭقۇر ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش، بالىلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالىغا ناھايىتى زور پايدىسى بولىدۇ. سىز دائىم پەرزەنتىڭىزنى باشقىلارنىڭ پەرزەنتى بىلەن سېلىشتۇرامسىز؟ بەلكىم بىزدەك بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بىلىپ-بىلمەي پەرزەنتىمىزنىڭ ئۆزىدە بولغان تۇغما تالانتنى بوغۇپ قويدۇق. تۆۋەندىكى ماقالە دەل ئائىلە تەربىيىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈشىگە ماس كېلىدۇ.
بىز دائىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن خاتا قىلغىنىمىزنى ھېس قىلىمىز، لېكىن بىزگە ھەر ۋاقىت خاتالىقىمىزنى تۈزىتىشكە پۇرسەت چىقىۋەرمەيدۇ. خۇشاللىنارلىقى شۇكى باشقىلاردىن تەجرىبە ئىگىلىيەلەيمىز ۋە ئىگىلىگەن تەجرىبە ئارقىلىق بۇنى چۈشنىۋالساقلا بولىدۇ.
1. ئەنگىلىيىلىكلەر: پەرزەنتىگە مەغلۇپ بولۇش سەرگۈزەشتىسى ۋە پۇرسىتى بېرىش.
بالىلار مەلۇم بىر ئىشتا مەغلۇب بولغاندا، ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ كۆز-قارىشى شۇھامان بالىلارنىڭ قىلماسلىقى ياكى دەرھال قىلىۋېتىش بولماستىن، بەلكى بالىلارغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىش. مەسىلەن: پەرزەنتى قاچا يۇيۇش جەريانىدا كىيىملىرىنى پۈتۈنلەي ھۆل قىلۋەتسە، پەرزەنتىنى يەنە بىر قېتىم قىلىپ بېقىشقا يېتەكلەپ، مەغلۇب بولۇشتىن ساقلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. ئەنگىلىيىلىكلەر ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ بىللە كىتاب ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېقىملىق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ بېرىشى ئىچىدە شېرىن چۈش قوينىغا كىرىشىدۇ.
2. ئامېرىكىلىقلار: پەرزەنتىگە ئائىلە ئىشى ئەمگەك پىلانى تۈزۈپ بېرىش.
ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىگە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگەتكەندە، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قىلماقچى بولغان ئائىلە ئىشلىرى ئەمگەك تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنىنى يېزىپ چاپلاپ قويىدۇ. بەلگىلەنگەن مەلۇم بىر ئىشنى مەلۇم بىر بالىسىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ بولۇشىنى بۇيرۇيدۇ؛ بەزى ئىشلارنى نۆۋەتلىشپ قىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر بالىسىغا قىلغۇسى يوق ۋە ناھايىتى ئاسان قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ؛ ۋەزىپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن بالىسىنىڭ تاماملىغان ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، پەرزەنتىگە ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق نەتىجە يارىتىش تۇيغۇسىنى يارىتىپ بېرىدۇ.
3. كانادالىقلار: پەرزەنتىگە ئويناشنى ئۆگىتىش.
ئائىلىدە بالىلارنىڭ ئائىلە تاپشۇرقى بولۇشى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆگىنىش قىلىش توغرىسىدىكى توختىماي سۆزلىشى يوق. ئۇلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى پەرزەنتىنىڭ كۈندە ئەركىن-ئازادە ئويۇن ۋە ئويۇنچۇق ئوينىشى بولۇپ، ئويناش جەريانىدا كىتابتا يوق بىلىملەرنى ئۆگىنىۋېلىشىدىن ئىبارەت.
4. گېرمانىيلىكلەر: پەرزەنتىگە چوڭلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش پۇرسىتى بېرىش.
گېرمانىيىلىكلەرنىڭ قارىشىچە:«ئىككى ئەۋلاد كىشىلىرنىڭ مۇنازىرلىشىشى، كېينكى ئەۋلاد كىشىلىرىگە نىسبەتەن چوڭ بولۇش يولدىكى مۇھىم قەدەمىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ». شۇڭا، ئۇلار مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە پەرزەنتىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئۆز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىگە ئىلھاملاندۇرىدۇ. مۇنازىرلىشىشتىن كېيىن، بالىلار ئاتا-ئانىسىنى ئادىللىقنى ياقلايدىغان، قائىدە-يوسۇن چۈشىنىدىكەن دەپ قاراپ، قەلبىدىن ئاتا-ئانىسىنى تېخىمۇ سۆيىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ. پەرزەنتىڭىز قىلىدىغان ئىشنى، پەرزەنتىڭىز مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن چۈشەنسە، چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ قىلىدۇ. سىزنىڭ ھەل قىلالمىغان مەسىلىڭىز بولسا، پەرزەنتىڭىزنىڭ مۇنازىرىلىششىكە قاتنىشىشى سىزنىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ.
5. ياپونىيىلىكلەر: پەرزەنتىگە مۇستەقىل بولۇشنى ئۆگىتىش.
ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇرمۇشتا مۇستەقىل بولۇش چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئاڭلىق ھالدا پەرزەنىتىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىشى ئارقىلىق تاللاش ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىتىدۇ. مەسىلەن: ماگىزىنغا بېرىپ ئويۇنچۇق سېتىۋېلىش توغرا كەلسە، ئاتا-ئانىلار ئاۋۋال مەلۇم مىقداردىكى پۇل بەلگىلەپ بېرىپ، پەرزەنتىگە سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىسىنى قارار قىلىشقا پۇرسەت بېرىشى؛ ئائىلىدىكىلەر ساياھەتكە چىقماقچى بولغاندا، پەرزەنتىنىڭمۇ پىكرىنى ئېلىش. ياپونىيىلىك بالىلار تولۇقسىزغا چىققاندىن كېيىن، ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا بازارغا بېرىپ كىيىم-كېچە سېتىۋالىدۇ. مال سېتىۋالغاندا بولسا، ئايرىم دۇكانلارنىڭ ماللىرىنىڭ باھاسى ۋە سۈپىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنچىكە ھېسابات ئېلىپ بارىدۇ.
6. يەھۇدىيلار: پەرزەنتلىرىگە كىتابنىڭ تەملىكلىكىنى بالدۇر ھېس قىلغۇزۇش.
ھەر بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە، پەرزەنتى ئەقلىنى بىلگەندىن باشلاپ، ئاپىسى «ئىنجىل» نىڭ ئاچقان بېتىگە بىر تامچە ھەسەل تېمىتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەرزەنتىگە «ئىنجىل» غا تېمىتلغان ھەسەلنى يالىتىدۇ. بۇ قائىدىنى قىلىشتىكى مەقسىتىنى دېمىسىمۇ چۈشىنىۋالغىلى بولۇپ: كىتابنىڭ نەقەدەر تەملىكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ يەھۇدىيلارنىڭ زاراتگاھلىقىدا دائىم كىتاب بار بولۇپ، بۇ دېگەنلىك تۈن نىسپى بولغاندا، مېيىتنىڭ چىقىپ كىتاب ئوقۇيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مەلۇم سىمۋوللۇق مەنسى بولۇپ، گەرچە ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى بولسىمۇ، بىراق بىلىمنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرۈپ بېرىدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
«پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتىجسىگىلا ئېسىلىۋالماڭ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟
- بالىلار ھەققىدە ئەقلىيە سۆزلەر
- ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل ق
- ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى
- ئاتا ئانىڭىزغا ۋاقىت ئاجرىتىڭ
- بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بول
- پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتى
- ئاتا-ئانا ۋايسىسا بالا زىيانغا ئۇچرايدۇ
- ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆت
- باللىرىمىزغا سۈيۈنچە بىرىش ئادىتىمىزنى
- ئائىلە—ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان بىباھا
- بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئ
- ئاتا-ئانىلىرمىزدىكى خاتا چۈشەنچە بىزگە
- ئاتا-ئانىنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ۋە كەلم
- ئاتا-ئانا ۋە بالا تەربىيىسىدە ئويلىغان
- ئائىلە ئەخلاقى ئۇنتۇلمىسۇن
- پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە
- بالىلار ھەققىدە ئەقلىيە سۆزلەر
- ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن
- ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى
- ئاتا ئانىڭىزغا ۋاقىت ئاجرىتىڭ
- بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟
- پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلەشتە ئۆگىنىش نەتىجسىگى
- ئاتا-ئانا ۋايسىسا بالا زىيانغا ئۇچرايدۇ
- ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيل
- باللىرىمىزغا سۈيۈنچە بىرىش ئادىتىمىزنى تېپى
- ئائىلە—ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان بىباھا ماكان
- ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيل
- پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە نەزەر
- ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا
- ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتا
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچى›› لىكىگە قانداق م
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- قانداق قىلغاندا ياخشى دادا بولغىلى بولىدۇ؟
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- بالا تەربىيەسىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەكلىپ
- ئاتا تەربىيەسى-ھايات ئوزۇقلۇقى.
- قانداق قىلغاندا ياخشى ئائىلە باشلىقى بولغىلى