ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا-ئانىلىرمىزدىكى خاتا چۈشەنچە بىزگە نىمىلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ؟

ۋاقىت : 2014-01-30 02:44 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئاتا-ئانىلىرمىزدىكى خاتا چۈشەنچە بىزگە نىمىلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە ھەربىرىمىز ھاياتتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىىنماي تېرشىىۋاتىمىز،قىلمىغان ئېشلىرىمىز قالمايۋاتىدۇ. نەخ گەپكە كەلسەك مەندەك بىر ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرۋاتقان قېرىندىشىڭلارمۇ، 5يىل ئالدىدا ئارزۇلاپ ناھايتە تەستە ئېرىشكەن تاللىشىمنى ھەر ھالدا ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئالدىدا تۇرۇمەن ئاللا خالىسا.
ھەم يەنە بېر تاللاش باسقۇچىغا كىلىپ توختىماي ئويلىنىپ ئاخىرى تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرنى بىلىپ بېقىش نىيتىگە كېلىپ بۇ تېمىنى يازدىم.كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆزنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرنى ئىلمى مۇنازىرلەشسەك دىگەن ئۆمۈددىمەن.
ھازىر بىزدەك تولۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئېگە ئوقۇغچىلار ساماندەك تۇرۇپتۇ، ئەمما چىقىش يولىمىنىڭ نەزرىمدە ساناقلىقلىكەن.مەسلەن: ئوقۇتقۇچى بولۇش،دۆلەت مەمۇرى بولۇش،كەنىت كادىرى بولۇش،ساقچى بولۇش،كەسپى ئورۇن خادىمى بولۇش دىگەندەك.ئۆز ئالدىغا ئېگلىك تىكلەشمۇ بەك ياخشى بولغان چىقىش يولى بىراق نۇرغۇن ئاتا-ئانىلا بۇ يولنى تاللىشمىزنى خالىمايدۇ،مۇقۇم مۇھاشلىق دۆلەت خېزمەتچىسى بولشىمىزنى ئارزۇ قىلدۇ.ئەلۋەتتە بۇنداق ئويلىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.بىراق مەن مۇنداق بىر مەسلىگە يولۇقتۇم،ئۆيدىكىلەر مىنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئېمتىھان  بەر دەيدۇ،مەن ماقۇل دىدىم بىراق ئۇلار مەندىن ماتىماتكا كەسىپتىن ئېمتىھان بىرىشنى تەلەپ قىلدى،ئەلۋەتتە ماتىماتكا كەسىپكە كوپ مەكتەپلەر ئوقۇتقىچى ئالىدۇ. مەن ئوقۇغان كەسىپ بولسا مال-دوختۇرلۇق ماتىماتكا بىلەن ئانچە چوڭ ئالاقىسى بولمىغان كەسىپ،مەن بىيئولوگىيە كەسىپتىن بىرىشنى ئويلۇدۇم،كەسپىمگە يىقىن بىراق ئاتا-ئانام ماتىماتكىدىن ئېمتىھان بەر دەپ بەك چىڭ تۇرۋالدى،شۇنۇڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ رايىغا بىقىپ ماتىماتكا ئۈگنىشىكە كىرشىپ كەتتىم.بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن بېلىملەرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلىپ كۇرۇسقا قاتنىشىپ ئۈگنۈشنى ئويلاپ بۇ ئويۇمنى ئاتا-ئانامغا دىدىم،ئويلۇمغان يەردىن دادام قاخشاپلا كەتتى، بەش يىل ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ئادەم يەنە كۇرۇسقا قاتنىشامدۇ ،باشقىلار خوتەندە ئۈچ يىل ئوقۇپ كىلىپلا مەلىم بولدى خانىم بولدى،سەنمۇ شۇ ئۈچ يېل ئوقۇيدىغان يەدە ئوقۇساڭ بۇ ۋاخقىچە بۇرمۇنچە مۇئاش ئالاتتىڭ،دەپ قايناپلا كەتتى.ئۆزۈممۇ مىڭ پۇشىمان قىپ كەتتىم دەپ تاشلىغنىم ئۈچۈن.بىراق بۇ ھىش نەچچە كۈندىن بىرى مىنى بەكلا بىھارام قىلدى.ئويلۇنۇپ قالدىم،تولۇق كۇرۇس ۋە ئالى تېخنىكومنىڭ پەرقى ھەمىمىزگە دىگدىك ئايان بىراق ھازىرقى جەميەتتىكى بۇ خىل مەيلى قايسى كەسىپ ئوقۇڭ قاسى مەكتەپتە ئوقۇڭ ئوقۇش پۇتۈپ ئىمىھاندىن ئۆتسىڭىزلا سىز شۇ ئورۇننىڭ قانداق ئورۇن قانداق كەسىپ بولشىدىن قەتتئىنەزەر سىز شۇ ئورۇننىڭخىزمەتچىسى .بۇ خىل ھادىسە ئاتا-ئانىمىز ئىدىيەسىدە ناھايتى چوڭ ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغاندەكمۇ تۇردۇ ،شۇنداقلا ئۇلاردا ئالى مەكتەپنى ئوقۇغان بېلىملىكلەنى كەمسىتىپ خىزمەتكە چىقالىغانلارنى چوڭ بىلدىغان بىرخىل خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىپ قويغاندەك ھىس قىپ قالدىم. ئەلۋەتتە بىز 5يىل بۇرۇن خىلى ياخشى نۇمۇر بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ھەۋەس قىلدىغان ئاشۇ ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ھەم شۇ مېھرىبان ئاتا-ئانىلىرمىزنى خۇشال قىلغان بىراق بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاتا ئانىلىرمىز بىزنىڭ شۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغنىمىزغا پۇشايمان قىلغاندەكمۇ قىلىدۇ.بۇلارنى ئويلاپ تولىمۇ ئازاپلاندىم،ئەلۋەتتە مەنمۇ ئېمتىھان بەرسەم ئۆتەلەيمەن ئاللا خالىسا، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلسى خالاس. بىراق ئاتا-ئانىلاردا شەكىللەنگەن بۇ خىل خاتا قاراشلار بىزگە  نىمىلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ؟ مەنچە ئەڭ ئاۋال ئاتا ئانىلاردا باللىرنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتماسلىىق شەككىلىندۇ،ئارقىستىن ئۇلاپلا ئاسپىرانتلىق ئوقۇتۇش ئاتا ئانىلارنىڭ ئىدىيسىدىن ئۆتمەيدىغان چوڭ مەسىلە بوپ قالىدۇ،چۈنكى ئاتا-ئانلىرمىز بىزنىڭ تىزرەك خىزمەتكە چىقشىمىزنى ئارزۇ قىلىدۇ،(ئەلۋەتتە ھەممە ئاتا-ئانىلار ئۇنداق بولماسلىقى مومكىن).ئەمىلى مىسالنى ئىيتسام مەلىمىزدە بۇلتۇر شىنجاڭ ئونۋۋېرستىېنىڭ ئاسپىرانتلىقىنى تامالاپ كەلگەن بىر قىز بار بۇقىز مەلۇم ئورۇنلارنىڭ ئىمتانىغا قاتناشقەن،ئۆتكەن ۋەياكى ئۆتمىگنى ماڭا نامەلۇم بىراق ماڭا مەلۇمى ئۇ قىز ھازىر ئۆيدە خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇردۇ.ئەلۋەتتە بۇ ئىش سەۋەپلىك ئاتا ئانام مىنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئارزۇيۇمنى رەت قىلشىغا سەۋەپچى بوپ قالدى.  ئەمدى بۇ ئىش سەۋەپلىك ئاتا-ئانىمىز بىلەن نارازلشىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. ئەمدى بىز ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزش ئالدىدا تۇرۋاتقانلار بۇ خىل ھادىسىگە زادى قاندق قارايمىز؟ھەم ئاتا ئانىلىرمىزدا شەككىلەنگەن بۇ خىل قاراشلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز؟

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ