ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيلى

ۋاقىت : 2014-02-10 01:38 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيلى

tohotur

     1. يېقىندا كورىيەدە بىر باللار رايى سىنغى ئېلىپ بېرىلىپتۇ .يەنى چاغاندا كورىيە باللىرى چاغاندا نەچچە پۇل چاغانلىققا ئېرىشىشنى خالايدۇ ، دىگەن بىر مەزموندا  بولۇپ ، كورىيە باللىرىنىڭ كۆپۇنچىسى ئەللىك مىڭ ۋون يەنى 280 كوي ئېرىشىشنى  خالايدىكەن . دىمەك ھېيىتتا ھەممىنى خوش قىلىش بولۇپمۇ باللارنى خوشال خورام ھېيىت تۇيغۇسىغا چۆمدۇرۇش پۇتۇن دۇنيادىكى مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان ئىش بولسا كېرەك .

     2. بالا ھېيىت كىلىشتىن بۇرۇنلا تاماسىنى باشلىۋېتىدۇ ، بۇۋام مومام ، چوڭ دادام ،چوڭ ئانام ، ئاپام دادام ، كىچىك ئاپام دىگەندەك  بۇلار ماڭا مانچىلىك ھېيىتلىق بەرسە مەن بۇ پۇلنى مانداق خەشلىسەم ئانداق قىلسام دىگەندەك .ئەمدى بالا دىگە بالا  ، كىچىك بالا دىگەن ھېيىتتا ئەنە شۇنداق ئىشلاردىن مەنە تاپىدۇ .

     3. بىر سورۇندا ئۆزەم ئانچە بەك ئىتراپ قىلىشنى خالىمايدىغان  بىر ئشىنى ئاڭلاپ قالدىم . يەنە بىر دوستۇم كىچىك باللارنىڭ پارىڭىنى قىلىپ بەردى . ئۇ يىللاردا خەنلەر چاغاندا باللىرىغا ئون كوي يىگىرمە كوي بىرىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەنتۇق ، بىر بالىنىڭ بۇۋىسى بەش موچەن ھېيىتلىق بەرگەن بولۇپ بالا ئازراقمۇ خوشاللىق ھىس قىلماي ، يەنىلا خەنلەرنىڭ چاغىنى بىزنىڭ ھېيتىمىزدىن يوقۇرى تۇرىدىكەن دەپ ئويلىۋالغان . ھېلىقى دوستۇمنىڭ دىيىشىچە بۇ بۇۋاي نەۋرىسىگە 20 كوي بېرەلمىسىمۇ بەش كوي بەرگەن بولسا بالا بۇنچىلىك ئادالەتسىزلىك ھىس قىلىپ كەتمەيدىكەن .
  سورۇندا كەيپىم بەك چۇشۇپ كەتتى ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بىز خەن مەدىنيىتىنىڭ كۇچلۇك رادىئاتسىيەسىگە ئۇچرايمىز ، باللىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق ، گەرچە بىز چوڭلار پۇل ھەممىنى ھەل قىلالمايدۇ ، پۇل بەلكىم بالىنى بۇزۇشى مۇمكىن دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىكەنمىز ، ئەمما باللىرىمىزنىڭ ئاغىنىىسى بىلەن سېلىشقان يوقۇرقى پاراڭلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قويغان ياخشى .

      4. ھېيىتنىڭ بولغىنىدىن بولدۇسى قىززىق دىگەن ماقال تەمسىلىنى ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ، ئەجداتلىرىمىز ھېيىت كىلىشتىن بىرەر ئاي بالدۇر دىگۇدەك ھېيىتلىق تەييارلىقلارغا كىرىشىپ كىتىدىكەن ، ئۆينى ئاقارتىش قۇربانلىقنى سېتىۋېلىش ۋە بېقىش ، ھېيتىلىق ساڭزا پىشرۇقلارنى تەييارلاش ، ھېيتىلىق كىيىم تەييارلاش ، ھېيىتقا ئاتاپ مەخسوس چىنا قاچا خىرىستال دىگەندەك ۋال ۋۇللارنى سېتىۋېلىش .....................ئىشقىلىپ ھېيىت ئۇچۇن ھېيىتنى خوشال ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن خېلى كۇچەيدىكەنتۇق .

     5. بىنالاشقا ئۇيغۇرلاردا ھېيىت كەلسە ئىككى كۇن ئىلگىرى ساڭزا چەپەك ئەڭ مۇھىمى قومۇلدا يەر بېشىغا ئېلىىپ چىقىدىغان يۇپقا چوۋاتنى تەييار قىلۋالساقلا بولىدىغاندەك ئاددىلىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ قالدىم . بۇدا ئاللا خالسا ھېيىت كىلىشتىن بۇرۇن بىر قەغەزگە بارلىق تەييارلىقلارنى يېزىپ ھەر بىر تەييارلىقنى قىلغاندا بالامغا بۇنى ھېيىت ئۇچۇن قىلىۋاتىمىز دەپ بالىغا تەپسىلى سۆزلەپ بەرسەم بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم .

    6. ئەلۋەتتە ھېيتىلىق پۇلغا كەلگەندە قازاننىڭ قاينىشىغا بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باقىدىغان گەپ ، بۇ بالا زادى پۇلنى نىمىگە خەشلەيدۇ ، يىغامدۇ ، كىتاپ ئالامدۇ ، ئويۇنچۇق ئالامدۇ ،ياكى بەدخەج كۆنگەن بالىمۇ  ئىشقلىپ بالىڭىز خەجلىگەن پۇلنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ بىلىپ تۇرىشڭىز مېنىڭچە ئىنتايىن مۇھىم ،

    7.بەزىدە چەتئەللىكلەرنىڭ بالىسى ئارزۇ قىلغان نەرىسلەرنى موشۇنداق ھىيىت بايرام خاتىرە كۇنلەردە تۇيۇقسىز سوغا قىلىپ خۇش قىلۋېىتىدىغان ئادىتى باركەن . ئاللاھ خالىسا باللىرىمىزنىڭ ھېيىتنىڭ خوشاللىقى مەنسىنى توللۇق ھىس قىلىشى ئۈچۇن باش قاتۇرۇپ ئىمكان بار ئادەتتىكى كۇنلەر بىلەن ھېيىت كۇنلىىرنىڭ روشەن پەرقىنى باللارغا توللۇق ھىس قىلدۇرۇشقا كۇچەيلى ، چۇنكى بۇ جاھان بىر كۇنى باللىرىمىزغا قالىدۇ

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ