بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
قۇربان ئابلىمىت
بىر كۉنى ئىشتىن چۉشۇپ ئاممىۋى ئابتۇبۇس بىلەن ئۆيگە قايتىۋىتىپ،بىر ئايال حىزمەتدېشىمنىڭ قاقشاشلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. « بىز ئىشچى-حىزمەتچىلەر باللىرىمىزنى دەپ جان قىيناپ ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز،ئەتىگىنى مەكتەپكە،يەسلىگە يولغا سالىمىز دەپ ناشتا قىلماي ئىشقا يۈگرەيدىكەنمىز،كەچتە يەنە مەكتەپتىن، يەسلىدىن ئەكىلىدىكەنمىز، ئادەمنىڭ نىرۋىسى جىددىلىشىپ خىزمەتتە چارچىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە چارچاپ بەكلا بوشىشىپ كىتىدىكەنمىز. ئۆيدىكى خاپىسىچۇ-تېخى! بالىلارنى دېمىسەك خىزمەتنىمۇ ئىشلىمەس بولغۇيتۇق. ھۆكۈمەتمۇ بىلگەندەك ياخشى بىزگە ئىككى بالىغا رۇقسەت قىپتىكەن، بولمىسا ئۆلۈپ قالىدىكەنمىز.»بۇنداق قاقشاشلاردىن بۇ خىزمەتدېشىمنىڭ بالىلىرىنى دېمىسە ياشىمايدىغاندەك تۇيغۇدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ خىيالغا پاتتىم.
بالىلار بىزنىڭ خۇشالىقىمىز،ھاياتىمىزنىڭ داۋامى.شۇنداق بولغاچقا بىز ھەرقانچە جاپا چەكسەكمۇ زارلىمايمىز. ئۇلارنىڭ ساغلام، ئەقىللىق، پەزىلەتلىك، ياراملىق چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.بالىلار بىلەن شاد خورام ھالدا بىرگە ياشىساق ھاياتىمىز مەنىلىك ئۆتكەندەك بىلىنىدۇ. ئۆزىمىزنى روھلۇق ھېس قىلىمىز. مەنمۇ بالىلىق بولغاندىن بۇيان ئائىلەمگە نۇر تارالغاندەك ياشاپ ئۆتكىلى ئون نەچچە يىل بوپتۇ. ھازىر ئىككى بالام بار. كەچتە ئىشتىن قايتىپ كەلسەم ياكى شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى بالىلىرىم بىلەن بىرگە بولسام ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىمەن.بۇنداق چاغلاردا بالىلىرىم مەندىنمۇ بەك خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.ئون ياشلىق قىزىم بىلەن بەش يېرىمگە كىرگەن ئوغلۇم «دادام كەپتۇ » دەپ توۋلاپ ئۆينى بېشىغا كىيىدۇ.تېخى يەنە «بىرگە ئوينايلى» دەپ تۇرىۋالىدۇ،مەنمۇ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ بىرگە ئوينايمەن. گاھىدا چۆچەك، مەسەللەرنى قىزىقارلىق ئوقۇپ بەرسەم،ئۇلار قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ. مەنمۇ بىلىپ- بىلمەي بالىلىقىمغا قايىتقاندەك بولۇپ قالىمەن.بالىلىرىمنىڭ ئانىسى بۇنداق چاغدا تاماق ئىتىش،كىر يۇيۇش دېگەندەك ئائىلە ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولىدۇ.بەزىدە بالىلىرىمغا «ئاناڭلار بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزنى كۈرەلمىدى» دېسەم ئۇلار شۇ ھامان ئانىسىنى توۋلىماقچى بولىدۇ. بىراق ئانىسى ئىش قىلىۋاتقاچقا ئىلاجىسىز قايتىپ چىقىدۇ.
مەن باللىرىم بىلەن ئوينىغاندا ئۇلارنىڭ دوستىغا ئايلىنىمەن، شۇ چاغدا باللىرىم ماڭا مەكتەپ، يەسلىدە،كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى، قاانداق پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى، نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى زوق-شۇخ بىلەن سۆزلىشىدۇ. دېمەك، بۇ ۋاقىتتا باللىرىم ماڭا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئېيتىپ بولىدۇ. بۇ ئويۇن ماڭا باللىرىمنى چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىدۇ. باللىرىم بولسا مەن بىلەن ئوينىغىنىغا شۇنچە خۇشال،مەنمۇ شۇنداق خۇشال بولىمەن..، گااھىدا قىزىم بىلەن ئوغلۇمنىڭ بەزى كىچىك زىددىيەتلىرى مېنى «ئادىل سۇتچى» بولۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مېنىڭ باللىرىم بىلەن مانا مۇشۇنداق خۇشال-خورام ئويناش پۇرسىتى كەچتە ۋە شەنبە،يەكشەنبە كۈنلىرى يىتىپ كىلىدۇ.باشقا چاغلاردا ئۇلارنىڭ شوخلۇقلىرىنى كۈرەلمەيمەن. بالىلىرىم بىلەن ئۆتكەن بۇ كۈنلەرنى ئويلىغىنىمدا ئۆزۇمنىڭ ئۆمۇر مۇساپەمنىڭ تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەنلىكىنى ئەسلەپ،بالىلىرىمغا قارىغانسىرى ھاياتنىڭ تولىمۇ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى، بالىلىرىمنىڭ تۇرمۇشۇمدىكى ئورنىنىڭ تولىمۇ موھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.
ئائىلە- ئۇلۈغ بىر ۋەتەن. بىز بۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈش يولىدا جاپا چىكىشكە ھەقلىق.بەخىتلىك،كۈلكە چاقناپ تۇرغان بىر ئائىلىنىڭ مۇۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى،ئۇنىڭدىن ئۆزىگىلا ئەمەس، ئەتراپقىمۇ مېھىر- مۇھەببەت تاراپ تۇرۇشى تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش. بالىلارنىڭ ئەڭ ئېسىل روھى پەزىلىتى ئائىلىدە ئاتا-ئانىدىن ئىبارەت سەمىمىي نىيىتى،پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن بالىلارغا كۈيۈنىدىغان ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىدە يىتىلىدۇ.چۈنكى مىننەتسىز مېھىر-مۇھەببەتلا غايەت زور تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. ئائىلىدە ئەر-ئاياللار ئۆز ئارا ئەدەب بىلەن بالىلارغا مۇئامىلە قىلىش زۆرۇر. ھەر قانداق ماجرا يۈز بەرسىمۇ ئېغىزنى بۇزۇپ تىللاشماسلىقىمىز، بالىلار ئالدىدا ياخشى ئوبراز قالدۇرىىشمىز لازىم. بۇنداق بولغاندا بالىلار بىزگە ئىشىنىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ.يەنە بىر تەرەپ شۇكى، بالىلىرىمىزغا باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئېيتىپ،ئۆز بالىمىزنى چۆكۇرسەك، بالىلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش روھى تۇسقۇنلۇققا ئۈچرايدۇ- دە، ئۆزىنى يارىماستەك ھېس قىلىپ ئۆزىنى تاشلىۋىتىدۇ، ئىنتىلىش روھىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا،بالىلىرىمىزنى داۋاملىق لايىغىدا ماختاپ تۇرساق،كەمچىلىك ھەم خاتالىقلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا كۆرسىتىپ بەرسەك، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. ھەم دادىللىق بىلەن ئىزدىنىش روھىغا ئىگە بولىدۇ.
بالىلار ساددا ھەم ئاق كۆڭۈل،ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبى ئاپئاق قەغەز. بۇ ئاپئاق قەغەزگە قانداق گۈزەل نەرسىلەرنى سىزىش،ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىغا باغلىق. باللىرىمىز كەيپىياتى تۇراقسىز چاغلىرىدا ئۇلارنىڭ بېشىنى قۇچىقىمىزغا ئېلىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ،ئەركىلىتىپ قۇيساق كۆڭلى كۈتۈرۈلۈپ قالىدۇ. بالىلار كۆڭلىدىكى غەشلىكىنى ئېيىتقىنىدا ناھايىتى ئەستايىلدىللىق بىلەن بۇ كىچىك ئىشلارغىمۇ زىھنىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ،بالىلارنىڭ بۇ غەشلىكتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىگە،قەلب ئاسمىننىڭ تۇمانلاردىن ئازاد بولىشىغا، ئۆچرىغان مەسىلىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىقا رىغبەتلەندۇرسەك،بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بارا-بارا يىتىلىدۇ.ھەم بالىلارغا مېھىر-مۇھەببەتنى چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرغىلى بولدۇ.
ئەپسىز بولسىمۇ مېنىڭ بۇنداق بىر ئىشنى دېگۈم كېلىدۇ. بىر كۈنى سىرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئادىتىم بويىچە باللىرىمنى سۈيۈپ قويۇپ «خوش!» دەپ ماڭدىم.شۇ چاغدا ئوغلۇم؛«ئاپامنىمۇ سۈيۈپ قويمامسەن؟»دېدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى.باللىرىمنىڭ ئاپىسىغىمۇ ئاددىلا «خوش» دەپ چىقىپ كەتتىم.ئويلاپ باقسام،مەنمۇ باللىرىمغا ئۆزۈمنىڭ ئائىلىنىڭ يۈلەنچۈكى ئىكەنلىگىمنى ھېس قىلدۇرۇپ،ئائىلىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئەزا بولغان باللىرىمنىڭ ئانىسىغا كۆڭۈل بۆلمەپتىمەن. ياخشى ئاتا بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ياخشى ئەر بولۇش لازىم ئىكەن. بىلىش كېرەككى، ئائىلە-ئەرنىڭ مۇقەددەس ۋەتىنى، بۇ ۋەتەننى قوغداش ئەرنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئايال-پەرزەنىتنىڭ غەمگۈزارى،ئائىلىنىڭ مۇھەببەت بۇلىقى. بالىلار بۇ بۇلاقتىن كۈندە سۇ ئېچىپ ئانىلىق مېھىرگە تەشنا قەلبىنى قاندۇرىدۇ. ئالىم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن؛«پەرزەنىت تەربىيەلەش-بەخت يارىتىش» دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيىتقان.بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز بولۇش ئۈچۈن گۈزەل ئەخلاققا، بەلگىلىك مەدەنىيەت ساپاسىغا، ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش لازىم. بىز «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» دەيدىغان ئىلمىي ھەم كۆپ ئاڭلايدىغان ئۇلۇغ بىر جۈملە سۆز بار.بۇ سۆز بەلكىم ئاتا-ئاانىلارغا،بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. شۇنداق دەپ تۇرۇقلۇق يەنە باللىرىمىز ئۈچۈن ئازراقلا جاپا چەكسەك، خۇددى بىھۇدە قىينالغاندەك قاقشاپ كېتىمىز.ئاتا-ئانىمىزنىڭمۇ بىزنى شۇنداق تەستە بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز.
ھەممىمىزگە مەلۇم،ھەرقانداق ئامراق ئەر-خوتۇنمۇ پەرزەنىت بولمىسا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ماكاندا داۋاملىق بىللە ياشاپ بولالمايدۇ. بالىسىزنىڭ دەردىگە داۋا يوق.بۇنى بالىسىزلاردىن سورىغان ئادەم ياخشى بىلىدۇ. كونىلار «بالىلىق ئۆي بازار،بالىسىز ئۆي مازار» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيىتقان. بىز ئەر-ئايالنى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلاپ تۇرىدىغان مۇھەببەت مېۋىسىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، ئىلمىي تەربىيەلەپ،بەخت تۇيغۇسىغا چۈمدۈرۈپ،ئائىلىمىزنى شادلىق چۇقانلىرىغا كۈمەيلى.چۈنكى بالىلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولى
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەي
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈ
- پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك ق
- بالىڭىزنى مۇشۇنداق تەربىيلەمسىز ؟
- ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى مەسئۇل
- بالىلار زۇكام بولغاندىن كېيىنكى بەلغەم
- شەپقەتسىز ئاتا-ئانا قانۇننىڭ جازاسىغا ت
- بالىلار ھەققىدە ئەقلىيە سۆزلەر
- ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل ق
- ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى
- ئاتا ئانىڭىزغا ۋاقىت ئاجرىتىڭ
- بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بول
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
يۇلقۇن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-03-26 12:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-04-14 21:04
- ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك قىلغان
- بالىڭىزنى مۇشۇنداق تەربىيلەمسىز ؟
- ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى مەسئۇلىيىتى
- بالىلار زۇكام بولغاندىن كېيىنكى بەلغەم بوشىت
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيل
- پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە نەزەر
- ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا
- ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتا
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- بالىلارنىڭ ‹‹شەخسىيەتچى›› لىكىگە قانداق م
- ئويلىغانلىرىمىزنى بالىلىرىمىزغا زورلاپ تاڭم
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟
- بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش