ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم

دۇنيادا بالىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتا-ئانا بولمايدۇ. ئاتا مېھرى بالىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە ئانا مېھرىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ھەر بىر بالا ئۆز ئاتىسىدىن قەيسەرلىكنى، باتۇرلۇقنى، مەرتلىكنى ئۆگىنىدۇ. ئەگەر بالا ئاتا مېھرىگە تولۇق ئېرىشەلمىسە، ئانا مېھرىنى ھەر قانچە بەرگەن بىلەنمۇ، ئاتا مېھرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ-دە، بالىنىڭ روھىي چۈشكۈن بولۇپ قالىدۇ.
ئاتا قۇياشقا ئوخشايدۇ، ئەگەر بالىنىڭ تۇرمۇشىدا ئاشۇ قۇياش كەم بولۇپ قالسا، بالىنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەم ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسى تار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ئاتىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاتىلار پەرزەنت تەربىيەسىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا كۆپرەك ئېتىبار بېرىشى لازىم.
ئاتا بالىغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولۇشى ،لېكىن زوراۋان بولماسلىقى كېرەك. بالا خۇشاللىقىدىن خۇدىنى يوقىتىپ قويغاندا، چاتاق تېرىپ قويۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئاتا بولغۇچى چوقۇم بالىنىڭ كەيپىياتىنى تېزگىنلىۋېلىشى كېرەك. چاتاق تېرىپ قويۇشمۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، بالا چاتاق تېرىپ قويغاندا، ئاتا بولغۇچى ئازراق ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويسا بولىدۇ. ئەمما قول تەككۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
بىر ئاتىنىڭ ئوغلى مەۋسۈملۈك ئەدەبىيات ئىمتىھاندا 98 نومۇر ئاپتۇ، سەۋەبى بىخەستىلىك قىلىپ ئاددىي بىر خەتنى خاتا يازغان ئىكەن. ئۇ بۇنى ئاتىسىغا دېگەندە، ئاتا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەپتۇ، ھەمدە بىر نەچچە مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇۋاپتۇ. بالا سۈكۈت ئىچىدىكى مەنىنى ھېس قىلىپ، گەپمۇ قىلماي تاماق يېيىشكە باشلاپتۇ. بەلكىم ئاتا بولغۇچى شۇ چاغدىلا قاقشاپ كەتكەن بولسا، بالىغا تەسىر كۆرسىتەلىشى ناتايىن ئىدى. ئەمما ئاتا ئۇنداق قىلماي تامىقىنى يەۋەرگەن. بۇنداق ۋاقىتتا سۈكۈتنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. نەتىجىدە بالا تامىقىنى يەپ بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيغان، ئېغىزىنى چايقىغان. ئاندىن ئاستا ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۈنلۈك ھالدا تېكىست ئوقۇغان. ئاتا مەقسىتىگە يەتكەن، ھەمدە بالىسىدىن مىننەتدار بولغان ۋە تېكىستنى ياخشى ئوقۇدۇڭ دەپ ئۇنى ماختاپمۇ قويغان. ئاتا پۈتكۈل جەرياندا بىر ئېغىزمۇ نەسىھەت قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بالا يەنىلا ساۋاقنى قۇبۇل قىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىنى تۈزەتكەن. كېيىن بىخەستەلىك قىلمايدىغان، ھەممە ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بولغان.
ئەگەر ئاتا بۇنىڭ ئەكسىچە بالىنى ئۇرۇپ-تىللاپ ياكى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلغان بولسا، بالا تاماقمۇ يېمەي، گەپمۇ قىلماي جىمغۇرلىشىپ كەتكەن بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بالا مەيلى قانداقلا خاتالىق ئۆتكۈزسۇن، ھەرگىز ئۇنىڭ نورمال تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بۇزۇۋەتمەسلىك كېرەك. جورىسىنى ھاقارەتلەپ، ئاچچىقىنى ئۇنىڭدىن چىقىرىپ، «ھەممىسى سېنىڭ ئۇنى يامان ئۆگىتىپ قويغانلىقىڭنىڭ كاساپىتى» ياكى «سەن بالىنى زادى قانداق تەربىيلىدىڭ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغاندا، بالىنىڭ خاتالىقى تولىمۇ ئېغىردەك، ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قېلىشى ئائىلە ماجرالىرىنىڭ ھەتتا ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھاندا ھودۇقۇش، ئوقۇشتىن زېرىكىش، ھەسرەتلىنىش قاتارلىق پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.
ئاتا بولغۇچى ئامال بار ئاز گەپ قىلىش كېرەك. ئانىنىڭ كوتۇلدىشىغا قارىغاندا، ئاتىنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئانا كوتۇلدىغان ۋاقىتتا ئاچچىقلىنىشتىن ئىچ ئاغرىتىشقا ئۆتەلەيدۇ ھەمدە ئاۋازىمۇ بارغانسېرى پەسلەيدۇ، بىراق ئاتا سۆزلىگەنسېرى ئاچچىقلىنىپ، ئاۋازى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ ھەتتا بالىنى ئۇرۇۋېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئاتا بولغۇچى ئەڭ ياخشىسى مۇلايىم پوزىتسىيەدە بالا بىلەن پاراڭلىشىشى، سۆھبەتلىشىشى كېرەك. كونىلاردا «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دەيدىغان گەپ بار. بالا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا ئاتا بولغۇچى ئاچچىقنى بېسىۋېلىپ، بالىدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قالغانلىقىنى ئېنىق سوراش لازىم. ئەگەر ئاتا ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق بالىغا ۋارقىراپ-چاقىرىغاندا بالا ھودۇقۇپ كېتىپ دېمەكچى بولغان گېپىنىمۇ دېيەلمەي قالىدۇ. بالىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇشى ئۈچۈن، ئاتا بولغۇچى بالىنىڭ گەپ-سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى، ئاندىن ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە قانداق ھەل قىلغانلىقىدەك تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى كېرەك.
ئاتا بالىسىغا نىسپەتەن ئەيىپلەشنى ئەمەس، يېتەكلەشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بالىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىگۈسى كەلمىگەندە، ئويۇن ئويناتقۇزۇش ئارقىلىق ئۇنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇشى لازىم. مەسىلەن: قوشۇش-ئېلىش ئەمەللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندا، بالا بىلەن ئويۇنچۇق سېتىۋېلىش ئويۇنى ئويناش ئارقىلىق بالىنى پۇل تۆلەش ۋە پۇل قايتۇرۇشقا قىزىقتۇرۇپ، قوشۇش-ئېلىش ئەمەللىرىنى ئۆگىتىش لازىم. بۇ ئۇسۇل بالىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، يەنە كېيىنكى سودا-سېتىق ئىشلىرىدىمۇ ئەسقاتىدۇ. ئەگەر ئاتا :«سەن نېمانچە دۆت، مۇشۇنداق ئاددىي خەتنىمۇ خاتا يازدىڭمۇ؟»، «كاللاڭ ئىشلەمدۇ، ئىشلىمەمدۇ؟»، «مۇشۇنداق ئاددىي ساۋاتنىمۇ بىلمىسەڭ، كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىشىڭدىن ئۈمىد يوقكەن سېنىڭ» دېگەن گەپلەرنى قىلغاندا، بالا ئۆزىنى ھاقارەتكە ئۇچرىغاندەك، كەمسىتىلگەندەك ھېس قىلىدۇ-دە، بالىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان خارەكتىر شەكىللىنىپ قالىدۇ.
بالىنى ئۇرۇپ تىللاشتىن ساقلىنىش لازىم. نۇرغۇن ئاتىلار بالا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇلارنى قاتتىق تەنقىدلەش، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ، ياخشى ئادەم بولۇشىغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ. بالىلارغا تەن جازاسى بېرىش ئاتىلارنىڭ كۆيۈنگەنلىكىدىن بولغان بىلەن تەننىڭ خورلۇققا ئۇچرىشىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، بالىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ، غەزەپلەندۈرىدۇ، ھەمدە ئىچكى دۇنياسىنىڭ زەئىپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پات-پات ۋاقىت ئاجرىتىپ بالىغا ھەمراھ بولۇش كېرەك. بالىنى بوۋا-مومىلىرىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش خاتا ئۇسۇل بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بالا بوۋا-مومىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىشىغا كۆنۈپ قېلىپ، ئىرادىسى ئاجىز ياكى بىشەمرەك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ بالىلىرىغا ھەمراھ بولسا، بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەمدە بالا ئاتىدىن قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىدۇ. ئاتا مېھرى ھارارەتلىك قۇياش نۇرىدەك، بالىغا ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا بولغۇچى بالىغا ھەر ۋاقىت كۆيۈنۈشنى، ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپا
- بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قانداق يېتەكچى
- بالىلارغا ساناق ساناشنى ئۆگىتىش
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلى
- ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولى
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەي
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈ
- پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
- بالىلارغا زىيادە كۆيۈنۈش زىيانكەشلىك ق
- بالىڭىزنى مۇشۇنداق تەربىيلەمسىز ؟
- ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى مەسئۇل
- بالىلار زۇكام بولغاندىن كېيىنكى بەلغەم
- شەپقەتسىز ئاتا-ئانا قانۇننىڭ جازاسىغا ت
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ
- بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قانداق يېتەكچىلىك قى
- بالىلارغا ساناق ساناشنى ئۆگىتىش
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق يېت
- ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولىدۇ
- بالىلار ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئائىلە مەدەنىيىتى-بالىلارنىڭ پەزىلىتى
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- ئۇلاردىن مۇھەببىتىڭىزنى ئايىماڭ
- ئاتا بولغۇچى ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ
- ئاتا-ئاناڭنى چوڭ كۆر، ئەل سېنى قەدىرلەيدۇ
- ئاتا-ئانىلار بالىدا ناچار ئادەت يېتىلدۈرۈپ ق
- ھېيىتنىڭ بالىلار قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۈرەيل
- پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە نەزەر
- ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلمىغاي
- بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا
- ئەر – ئاياللاردىكى ھۆرمەت، بالىلاردىكى ئىتا
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەد
- ئاياللار ئۈچۈن 100نەسىھەت
- زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
- بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد
- ئائىلە يىغىنى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
- بالىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشىدا ئاتا – ئ
- پەرزەنتىلەرنى تەربىيلەشنىڭ 10ياخشى پۇرسىتى.
- بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟
- بالىغا ئالتە ئادەتنى ئۈگىتىڭ
- ئائىلە-بۈيۈك قۇرۇلۇش