ئۆيىڭىزدە كىتاب ساقلامسىز؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مانا ئەمسە ئىزدىنىش قا يازغاننى بۇ يەرگىمۇ يوللاۋەدىم ئەيىپكە بۇيرڭماڭلار ھە.
بۇرۇن قايسى بىر ژورنالدىن كۆردۈم، ئۇنىڭ تېشىغا بېسىلغان ماي بوياق رەسىم ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقان. ئۇنىڭدا بىر دادا مۆرىسىگە سىۋەت ئاسقان، قولىدا كىتاب، سىۋەتتە بىر ئوماق بالا يەنە بىر كىتابنى تۇتۇپ تۇرغان، قارىماققا دادا بالا پۈتۈن زىھنى بىلەن كىتاپ كۆرىۋاتقان لىكىن قولىدا كىتاپ تۇتۇپ تۇرۇپ كىتىۋاتقان دادا...
مىنىڭچە بۇ ئاجايىپ ياخشى سىزىلغان رەسىم. كىتاپ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بالىغا قاراپ، ئۇنىڭمۇ كەلگۈسىدە كىتاپ تۇتقان بالىسىنى بوينىغا مىندۈرۈپ كىتاپ ئوقۇغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز...
ئەمدى گەپكە كەلسەم، سىز كىتاب ئوقۇمسىز؟ تۆۋەندىكى تەۋسىيەنامە گە كۆز يۈگۈرتۈڭ:
سىز ئۆيىڭىزدە كىتاب ساقلامسىز؟ ئاددىيسى ئۆيىڭىزنى بىزىگەندە بىر بۇلۇڭغا كىتاب جازىسى قويۇشنى، ياكى كىچىككىنە بوشلۇق چىقىرىپ بىر ئۈستەل ۋە بىر قانچە ئورۇندۇقنى تىزىپ قويۇشنى ئاللىقاچان ئويلىشىپ بولدىڭىز بەلكىم... كىچىك باللىرىڭىزنىڭ بويى يەتكۈدەك يەرگە رەسىملىك، قىزىقارلىق كىتابلارنى) مەسىلەن، "دىنىمنى ئۆگىنىمەن" دىگەندەك( قويۇپ قويۇشنى ئويلىشىپ بولغانسز؟
ئۆيىڭىزدىكى كىتابلارنى تۈرگە ئايرىپ ساناپ بېقىڭ. زادى قانچىلىك كىتاپ باركەن ئۆيىڭىزدە. ئەگەر بىرمۇ كىتاب بولمىسا... ئاھ خۇدا ھىچكىمگە چاندۇرماي بېرىپ بىر قانچە كىتاب سېتىۋېلىپ تاكچىڭىزغا تىزىپ قويۇڭ!...
نىمىشقا بۇنداق دەيمەن؟ كىتابتىن بىلىم، زوق ئالىمىز دىگەن گەپ دىمىسىمۇ بولىدىغان گەپ. سىزنى ئۆزىڭىز ئوقوپ بولغان كىتاپلار بولسىمۇ كىتاب جازىڭىزدا ساقلىشىڭىزنى، ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ تىزىپ قويۇشىڭىزنى، ئۆيىڭىزدە پەقەت بولمىدى دىگەندە 10 پارچە كىتاب بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
بۇنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سەۋەبى پەرزەنت تەربىيسى، كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن...
مەن مۇشۇ ۋاقىتقىچە بەك دىققەت قىلدىم، بىلىمگە تەشنا، ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەخلاقلىك ۋە كىيىنكى ئىستىقبالىنى ياراتقانلار كۆپىنچە ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق سەۋەپلەر بىلەن ئەڭ دەسلەپ بىر-ئىككى پارچە كىتاپ بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكتىن ئىكەن. ئەتىراپىڭىزدىكى ئۇقۇمۇشلۇق، زىيالى ياكى ئەخلاق-پەزىلەتلىك دەپ قارىغان خالىغان ئۈچ كىشىدىن سوراپ بېقىڭ، كەم دىگەندە ئىككىسى بالىلىقىدا كىتاب ئوقۇشقا ھىرىسمەنلىكنى باشلىغان، ئاتا-ئانىسى ئۇقۇمۇشلۇق بولغان شۇنداق بولغاچقا ئۆيىدە كىتاب ساقلانغانلار...
پەرزەنت تەربىيلەشتە ئۆيىدە كىتاب ساقلاشنىڭ رولى نىمە ئۈچۈن چوڭ؟ پەرزەنت دىگەن نوتا، قايسى ياققا ئەگسە شۇ ياققا قاراپ ئۆسىدۇ. مەزمۇنى ساغلام كىتابچىلادىكى مەزمۇنلار، چىرايلىق ئوبرازلار ئۇلارنىڭ سۈپسۈزۈك مىڭىسىگە تۇنجى قەدەمدە سىڭىپ كىرسە، كىيىن-كىيىن ئۇلارنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرمىسىڭىزمۇ شۇ كاللىسى بىلەن ياخشى مېڭىپ كىتىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەرگىز بالىڭىزنى كىتاب ئوقۇشتىن ھەرقانداق ۋاقىتتا چەكلىمەڭ...
بەزى باللار تاساددىبى قىززىق بىر فانتازىيلىك ھىكايىنى ياكى قىسقا ساۋاتلارنى ئوقۇپ قالدى دەيلى مەسىلەن، ئۇچار تەخسە، ئالەم،،،" يۈزمىڭلىغان نىمە ئۈچۈن" دىگەندەك كىتابلارنى ئوقۇسا بۇ بالىنىڭ تەبئې پەنلەرگە قىزغىنلىقى يىتىلىپ چوڭ بولۇش ئىھتىماللىقى ئەڭ چوڭ؛
بەزى باللار ھىكايە، چۆچەك ياكى قوشاق ئوقۇپ قالدى دەيلى، بۇنداق باللارنىڭ كىيىن ئەدەبىياد قا قىزىقىش ئىھتىماللىقى كۆپ؛ ياكى رەسىملىك كىتابلارنى كۆردى دەيلى، (رەسىملەرنىڭ ئۈستىدىن جىجاپ ئوينىسا مەيلى دەڭ) كىين گۆزەل -سەنئەتكە ھەۋەس قىلىپ يىتىلىشى مۇمكىن..
مەيلى نىمىلا بولمىسۇن باللىرىڭىزنىڭ شۇ ۋاقىتتا بىر يۆلىنىشكە قاراپ ئىگىلىشى ھەممىدىن مۇھىم. ئەگەر ياخشى پەرۋىش قىلىنسا، مەلۇم بىر ساھەگە ئىشتىياق باغلاپ، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئۇلىنى ھازىرلىغان پەرزەنتنى يىتىلدۈرۈپ چىقىسىز...
كىتاپ ساقلاشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە تەخىرسىز مۇھىم تەرەپلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ يەنىمۇ ئويلىنىشىغا قويدۇم. بىز خۇددى باشقا قەۋملەرگە ئوخشاش خاسلىققا ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بىر توپ. بىز بىر باش- ئاخىرى تۇتاشقان، بىر- بىرگە تەسىر كۆرسىىتىدىغان جەمىيەتنى_ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ياشايمىز. مەتبۇئاتلار، نەشىريات ئورۇنلىرى، كىتاپخانىلاردىكى كىتاپلارنىڭ سېتىلىشىغا قاراپ تەرەققي قىلىدۇ، راۋاجلىنىدۇ، كىتاپخانىلار بىزلەر بىلەن ئاۋات بولىدۇ...
كىتابلىرىمىزنى چاڭ بېسپ قالمىسۇن، قەلبىمىزنى چاڭ بېسىپ قالمىسۇن! مۇھىمى ئۆز تىل-يېزىقىمىزدىكى كىتابلار ئاستىلاپ قالمىسۇن. پەرزەنتىڭىز ئوقۇسۇن، خۇمار بولسۇن...
()
«ئۆيىڭىزدە كىتاب ساقلامسىز؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:ئۆزقانغا ياردەم كېرەك ...
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن ھەر بىر بالىنى
- . مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟
- . ئوقۇش تارىخى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارى بىل
- . ئامېرىكىلىقلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا
- . گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك كومىتېتى
- . ‹‹نۇقتىلىق سىنىپ››نىڭ ئالاھىدىلىكى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى
- . 125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك
- . مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي
- . قوش تىل ئوقۇتۇشى نېمىگە مۇھتاج؟
- . بالىلاردىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچ
- . مائارىپ مەنزىلىدىكى گۈگۈم تەشۋىشلىرى ۋ
- . بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشم
- . «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- . ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- . مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئې
- . مۇئەللىم....... ئاڭلاپ بىقىڭ؟
- . پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىز
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈشنىڭ پا
- . ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇر
- . لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ