ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشنامىسى
جۇ شىڭ
ئوغلۇم ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كوننېكتىكات ئىشتاتىنىڭ ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، ماڭا بىر پارچە تەكشۈرۈشنامىنى بېرىپ قول قويۇپ بېرىشىمنى ئېيتتى، ئەسلىدە ئۇ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىدا بىر قىز ساۋاقدىشىنى ‹‹سېمىز›› دەپ ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويغان ئىكەن. ئوغلۇمنىڭ قولىدىكى تەكشۈرۈشنامىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆلچەملىك بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئال ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. بىرىنچى قۇرغا ‹‹نېمە ئىش بولدى؟››، ئىككىنچى قۇرغا ‹‹بۇنداق دېيىش نېمە ئۈچۈن خاتا؟››، ئۈچىنچى قۇرغا ‹‹بۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بارمۇ؟›› دەپ يېزىلىپتۇ، تەكشۈرۈشنامە ئوقۇغۇچىدىن ھەر بىر قۇرغا بىر جۈملە سۆز يېزىش تەلەپ قىلىنىپتۇ، تەكشۈرۈشنامىنى چوقۇم ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى تولدۇرۇشى ھەم ئۇنىڭغا ئاتا – ئانىسى قول قويۇپ بېرىشى شەرت ئىكەن. ئېلىمىزنىڭ مائارىپىغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ماتېماتىكا ۋە ئىنگلىز تىلى دەرسىدە بالىلارغا ئانچە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ كەتمەيدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر تۇتاش ماتېماتىكا ۋە ئىنگلىز تىلى دەرسلىك كىتابلىرىمۇ بولمايدىكەن، تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ياكى سىناق ئالمايدىكەن. لېكىن ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە بالىلارنىڭ ئادىمىيلىك بىلەن ئىش قىلىش پىرىنسىپلىرى ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىكەن. ئوغلۇمنىڭ تەكشۈرۈشنامىسىنى مىسال قىلساق، بىزچە بولغاندا بۇ بالىلار ئارىسىدىكى چاقچاق، خالاس، ئۇلار يا ئۇرۇشمىدى، يا ئىش تېرىمىدى، يەنە كېلىپ بۇ ئىش مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە يۈز بەردى. لېكىن ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچى بۇ ئىشقا ئالاھىدە پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئوغلۇمغا خاتا قىلغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئېلىمىزدىكى مەكتەپلەردىكىدەك ئىدىيە – ئەخلاق دەرسى ۋە ئۆلچەملىك ئەخلاق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى بولمىسىمۇ، ئوغلۇمنىڭ سۆز – ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن مەكتەپنىڭ رولىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچىلار دەرس ۋاقتىدا سۆز قىلغاندا قولىنى باشقىلارغا تەڭلىمەسلىك، باشقىلاردىن ياكى ئائىلىسىدىكىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا ‹‹ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم››، ‹‹رەھمەت›› دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىش، رەتكە تىزىلغاندا قىسىلماسلىق، قائىدىگە رىئايە قىلىش، ئادىللىققا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق ياخشى ئەخلاق – خۇلۇقلارنى تەكىتلەپ تۇرىدىكەن. دەرسخانىلارغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېيىشىگە يول قويۇلمايدىغان سۆزلەر يېزىلغان قەغەزلەر چاپلىنىدىكەن، مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلار ‹‹مەن قىلالمايمەن›› دېگەن سۆزنى قىلسا بولمايدىكەن. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، مەسىلەن: بالىلاردىن كۈندە ئۆيگە كىرىپلا قولىنى يۇيۇش، كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىن كۈندىلىك ئىستېمال قىلىدىغان ئۈچ ۋاق تامىقى ۋە تاتلىق تۈرۈم، كۆكتات، مېۋە – چىۋىنىڭ تۈرى ۋە مىقدارىنى خاتىرىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنداق خاتىرىلەر ھەپتىدە بىر تەكشۈرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ نەرسىلەرنى ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلىرىغا ئۆگىتىپ ماڭىدۇ، لېكىن مەكتەپنىڭ ياردىمى بولغاچقا، بالىلار بۇلارنى تېخىمۇ ئوڭاي قوبۇل قىلىدۇ ھەم ئۆزلىرىدە ياخشى ئادەت يېتىلدۈرىدۇ. ئوغلۇم ھازىر ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزلۈكىدىن باشقىلارغا ئىشىك ئېچىپ بېرىشنى ئۆگىنىۋالدى، شۇنداقلا زۆرۈر بولمىغان ئىسراپچىلىقلاردىن ساقلىنىش، بايلىقتىن قايتا پايدىلىنىش ۋە كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارمايدۇ، ئۇ يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بەزى كىچىك ئىشلارغا بولغان بىپەرۋالىقىمىز ۋە خاتالىقلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان بولدى. ماتېماتىكا بىلىملىرىنى كىتاب ئوقۇپمۇ ئىگىلىۋالغىلى بولىدۇ، ياخشى ئادەت ۋە پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ماتېماتىكىنى چوڭ بولغاندا ئۆگىنىۋالسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ياخشى ئادەت ۋە پەزىلەتنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. بىز دائىم بىلىم بېرىپ بالا تەربىيەلەش مەكتەپنىڭ مەجبۇرىيىتى دەيمىز، ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى ئېلىمىزدىكى مەكتەپ ۋە ئاتا – ئانىلارغا ئۆرنەك بولالىشى مۇمكىن.
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىندى.
|