1. ياڭاق مېغىزى بىلەن قارا كۈنجۈتنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ قورۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھەسەل قوشۇپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە بىر قوشۇقتىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، يېرىم يىلدا جىگەر قېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ . 2. ئامۇتنى داۋاملىق يەپ بەرسە ، جېگەرقېتىشىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . 3. تاۋۇزنىڭ ساپاق تەرىپىدىن كېسىپ ، گۆشىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ ، سامساقنى پاكىز ئاقلاپ تولدۇرۇپ ، ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ ، ئۈستىنى لاي بىلەن سۇۋاپ ، تۇنۇردا قۇرۇغىچە پىشۇرۇپ ، لېيىدىن ئاجرىتىۋېتىپ پاكىز تازىلاپ ، ئېزىپ تەييارلاپ قويىمىز . بۇنى ھەر كۈنى ئۈچ گرامدىن ئىككى قېتىم قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ، سۇلۇق ئىششىق ، جىگەر كېسىلى سەۋەبىدىن قوساققا سۇ يىغىلىپ قېلىش كېسىلىنى داۋالايدۇ . 4. تۆگە سۈتىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىپ بەرسە ، جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ . 5. ئۈجمىنىڭ ئاق يىلتىزىدىن 20 گرام ، زەنجىۋىلدىن 15 گرام ، تاۋۇز شاپىقىدىن 50 گرام ، تەرخەمەك شۆپۈكىدىن 50 گرام ، تەكىيە كاۋا شۆپىكىدىن 50 گرامنى بىرگە قاينىتىپ سۈيىنى ئچىپ بەرسە ، جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ . 6. 500 گرام كارىپ بېلىقىدىن بىرنى تەييارلاپ ، پاكىز تازىلاپ ، 500 گرام قىزىل پۇرچاق بىلەن سۇدا پۇرچاق ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ، بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ شۇ كۈنى يەۋېتىش كېرەك . شۇ تەرىقىدە كۈندە بىر قېتىم ياكى كۈن ئارىلاپ يەپ بەرسە ، جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ . 7. ئالىقاتنى چاي بىلەن دەملەپ ئۇزۇن مۇددەت ئىچىپ بەرسە ، جىگەرنى ياغ قاپلاپ كېتىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . 8. تەكىيە كاۋا پوستىدىن بىر سەر ، تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن ئۈچ مىسقال تەييارلاپ ، بىر پىيالە سۇ بىلەن قاينىتىپ ، بىر قېتىمدا ئىچىۋېتىش كېرەك . كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن 15 كۈن داۋاملاشتۇرسا ، جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . ياغلىق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك . 9. 30 گرام چۆل يالپۇزىنى كۈندە بىر قېتىمدىن قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ، جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . 10 . تاغتېشەر قېپىدىن 90 گرام تەييارلاپ ، ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ ئېزىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ، جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ .
|