كۆك چاي، سېرىق چاي، ۋۇلوڭ چېيى قاتارلىق چايلارنىڭ شامىسىنى سالقىن جايدا قۇرۇتۇپ ياستۇققا ئىشلەتسە، سالامەتلىككە پايدىلىق.
ئادەتتە چاي ياستۇقىغا سېلىنغان چاي شامىسىنى 3 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. چاي ياستۇقىنىڭ قېپىنى پاختا ياكى يېپەك رەختتىن تىكىش كېرەك. چاي ياستۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50cm، كەڭلىكى 30cm بولسا مۇۋاپىق. چاي شامىسىغا باشقا ماتېرىياللارنى قوشۇپ ھەرخىل ساغلاملىق ياستۇقى تىكىشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا چاي شامىسى ۋە باشقا ماتېرىياللار 250g - 500g دىن بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقى كۆز روشەنلەشتۈرۈش ياستۇقى چاي شامىسى : ئۈجمە يوپۇرمىقى - ئۇنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. بۇ ياستۇق يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كۆز ئاغرىش، زىيابىتۇس (دىئابېت) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆز تورلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يالپۇز مېڭىنى ئارام ئالدۇرۇش ياستۇقى چاي شامىسى : يالپۇز يوپۇرمىقى - ئۇ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەر قايتۇرىدۇ، ۋىروسقا قارشى تۇرىدۇ. بۇخىل ياستۇق يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا كۆرۈلىدىغان باش ئاغرىش، ۋىروسلۇق مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، كۆز ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جۇخار گۈلى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ياستۇقى چاي شامىسى - جۇخار گۈلى بەرگى ئۇ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە. بۇ خىل ياستۇق يۇقىرى قان بېسىم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىش، جىگەر ھارارىتى كۈچىيىپ كېتىشتىن بولغان كۆز تورلىشىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ماش پوستى كۆز روشەنلەشتۈرۈش ياستۇقى چاي شامىسى :ماش پوستى - ئۇ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە. بۇ خىل ياستۇق كۆز چارچاش، كۆز قۇرغاقلىشىش، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
لوپنۇر كەندىرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ياستۇقى چاي شامىسى : لوپنۇر كەندىرى - ئۇ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە. بۇ خىل ياستۇق يېنىك دەرىجىدىكى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.
پونۇس جىگەر تازىلاش ياستۇقى چاي شامىسى : سوقۇلغان پونۇس ئۇرۇقى - ئۇ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، زەھەر ياندۇرۇش، جىگەر ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىش، ۋىروسقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە.
قىزىل گۈل چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ياستۇقى چاي شامىسى : قىزىل گۈل بەرگى - ئۇ جىگەرنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، يۈزدە داغ پەيدا بولۇش، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان يەل تۇرۇپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.