|
|
|
مەزى بېزى چوڭىيىش |
يوللىغان ۋاقىت:2009-03-17 ئاۋاتلىقى:3115 |
|
|
|
ياشنىڭ چوڭىيىشى ۋە باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن مەزى بېزى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى نورمالسىز ئۆسۈپ ، مەزى بېزى چوڭىيىپ ، كلىنلىدا سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش ، سىيىپ بولغاندىن كېيىن سۈيدۈك تۈگىمىگەندەك سېزىم بولۇش ، ئېغىرلاشقاندا سۈيدۈك تۇتۇلۇش ، سىيگەندە قاتتىق ئاغرىش ، ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ، ياشانغانلاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك . سەۋەبى مەزى بېزى چوڭىيىشىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ، لېكىن تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن . 1. مەزى بېزى ياللۇغىغا قارىتا ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا كېسەللىك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ، مەزى بېزى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلىنىپ ، كۆپىيىش ئىقتىدارى قالايمىغانلىشىپ ، مەزى بېزى چوڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 2. ياشنىڭ چوڭىيىشى ۋە ئۇرۇقدان ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ . تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىشنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ماس ھالدا ئۆرلەيدىغانلىقى بايقالغان . يەنى 40 ~ 20 ياش ئارىلىقىدىكىلەردە %20 ئەتراپىدا ، 80 ياشقا بارغانلاردا %90 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان . ئۇرۇقدان خىزمىتى نورمال بولغاندا ئۇ ئاجرىتىپ چىقارغان تېستوسېرون مەزى بېزىنىڭ نورمال ئۆسۈشى ، تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق . ئەگەر ئۇرۇقدان خىزمىتى چېكىنگەندە بۇ خىل ھورمون قالايمىقانلىشىپ ، مەزى بېزىنىڭ نورمال ئۆسۈشىنى قالايمىغانلاشتۇرۇۋېتىدۇ . يىغىنچاقلىغاندا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇرۇقدان خىزمىتى چېكىنىو ، بەدەندىكى جىنسىي ھورمونلار قالايمىقانلىشىپ مەزى بېزى چوڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئالامىتى مەزى بېزى چوڭىيىپ سۈيدۈك يولىنى باسقانلىقتىن ، سۈيدۈك يولى توسۇلۇپ سىيىش قىيىنلىشىش ، سىيىش ۋاقتى ئۇزىراش ، سۈيدۈك تۇلۇق چىقىرىلماسلىقتىن ئېشىپ قېلىش ، دوۋساق چوڭىيىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ . ئەگەر تەرەققىي قىلسا سۈيدۈك يىغىلىپ تەتۈرىسىگە يېنىپ بۆرەك ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ . بۇ ئەھۋاللار كۆپىنچە 70 ياشتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ . ئەگەر بالدۇرراق بولسا 40 ياشتىن ئەتراپىدا كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن . يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا ، مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىشىنىڭ كلىنىك ئىپادىلىرىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ . 1. غىدىقلىنىش ئالامىتى : سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش ، ئەمما سۈيدۈك مىقدارى ئاز بولۇش ، سۈيدۈك قىستاش ، كېچىدە سىيىش قېتىم سانى كۆپىيىش ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىقلار بولىدۇ . 2. توسۇلۇش ئالامەتلىرى : سىيىش قىيىنلىشىش ، سۈيدۈك ئىنچىكە بولۇش ، سۈيدۈكنىڭ بېسىمى تۆۋەنلەش ، سىيىۋېتىپ سۈيدۈك تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قېلىش ، سۈيدۈك تۈگمىگەندەك سېزىم بولۇش قاتارلىقلار بولىدۇ . ئېغىرلاشقاندا كىندىك ئاستى قاتتىق ئاغرىش ، ئېچىشىش سەۋەبىدىن بىمار ناھايىتى قىينىلىپ سىيىدۇ ، تەدرىجىي سۈيدۈك تۇتۇلۇپ تۆۋەنكى قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىيدۇ ، بەزىلەرنىڭ سۈيدۈكىگە قان ئارىلاش كېلىدۇ ، سۈيدۈكى سېسىق پۇرايدۇ . ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئەگەر ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا ، مەزى بېزى سۈيدۈك يولىنى توسۇپ ، سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش ، سۈيدۈك يىغىلىش خاراكتېرلىك سۈيدۈك تۇتالماسلىق ، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىش ، سۈيدۈككە قان ئارىلاش كېلىش ، بۆرەك ئىقتىدارى زەخىملىنىش ، قورساق يېسىمى يۇقىرىلاش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . داۋالاش ئالدى بىلەن قايسى خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا ، شۇ خىل غەيرىي تەبىئىي خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ ، مۇسھىل بېرىپ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى غەيرىي تەبىئىي خىلىت بەدەندىن تازىلىنىدۇ . ئۇندىن باشقا ئەھۋالغا قاراپ تۆۋەندىكى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . 1. تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان ، كۆپ قېتىم سىناقتىن ئۆتكەن مەجۈنى ئېھسانى بېرىلىدۇ . تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى : ئوق يىلان 180 گرام ، ئاق يىلان 80 گرام ، ئۇچقۇن پاقا 196 گرام ، ئادراسمان ئۇرۇقى ، ئارپىبەدىيان ، ئۇستقۇددۇس ، رۇم بەدىيان ، قىزىل سەندەل زەمچە ، كۆيدۈرۈلگەن ئامىلە ، خەشخاش پوستى ، ئەنبەر 30 گرامدىن ، قىزىل چۆپچىن ، ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ پوستى ، قورۇلغان چايان ، سۆئلەب مىسرى 100 گرامدىن ، شەھتەررە ، قىزىل بەھمەن 40 گرامدىن ، ھېلىلە كابىلە پوستى 32 گرام ، كۆيدۈرۈلگەن سەرتان ، بىخ مارجان ، قارىمۇچ ، خولىنجان ، زەنجىۋىل 60 گرامدىن ، ئانار گۈلى 27 گرام ، بادام مېغىزى ( قورۇلغان ) 70 گرام ، كەتىرا 36 گرام ، كۆپىكى دەريا 26 گرام ، ئاقىرقەرھا ، مەستىكى رۇمى 80 گرامدىن ، لاچىندانە ھىندى 90 گرام ، سۇمبۇل ھىندى 45 گرام ، كەت ھىندى 76 گرام ، سەرسىبىل 85 گرام ، شاقاقۇل مىسرى ، كۇچۇلا مۇدەببەر 50 گرامدىن ، ئاقاقىيا 18 گرام ، سەرتان 20 گرام ، بۇغا مۈڭگۈزى 150 گرام ، ئىپار 12 گرام . دورىلاردىن قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ . ئىشلىتىش ئۇسۇلى : كۈندە ئەتىگەندە بىر قېتىم ، كەچتە بىر قېتىم 10 ~ 5 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ . 2. تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان شىپايى مەزى بېرىلىدۇ . تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى : ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ پوستى ، زەپەر خەمىكى 80 گرامدىن ، تەخەمەك ئۇرۇقى ، قوغۇن ئۇرۇقى 40 گرامدىن ، قۇرۇتۇلغان ئاق ئۈجمە ، شاتۇت 65 گرام ، لاچىندانە 30 گرام ، لىسانىل ئاساپىر 35 گرام ، ئادەمگىياھ 10 گرام . دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ . ئىشلىتىش ئۇسۇلى : كۈندە ئەتىگەندە بىر قېتىم ، كەچتە بىر قېتىم تاماق يەپ يېرىم سائەتتىن كېيىن 50 مىللىلىتىرغا تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان مەجۈندىن 10 گرامدىن ئەرقى كاكىنەچتىن 100 مىللىلىتىر قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ . تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى : كۆيدۈرۈلگەن بۇغا مۈڭگۈزى ، ئوق يىلان ، كىرپە تىكىنى 30 گرامدىن ، مەرۋايىت كۇشتىسى 20 گرام ، تۇخۇم شاكىلى ، كۆيدۈرۈلگەن چاچ كۈلى ، پىرسىياۋشان ، كۆپىكى دەريا 25 گرامدىن ، ئاق يەر يىلىنى 150 گرام ، ئۇچقۇن پاقا 180 گرام ، قۇلىيلىنى 50 گرام ، چايان 45 گرام . دورىلاردىن قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ . 3. ئىمكانىيەت يار بەرسە دورىلىق يەم بىلەن بېقىلغان توخۇدىن ئۈچ كۇرس ئىستېمال قىلىنىدۇ . 4. تۆۋەندىكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان شىپايى مەزى بېرىلىدۇ . تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى : ئوق يىلان 10 دانە ، مامرانچىنى ، كۆيدۈرۈلگەن چايان 15 گرامدىن ، كۆپىكى دەريا 10 گرام ، ئۇچقۇن پاقا 30 گرام ، ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ پوستى 20 گرام ، كاكائۇ مېيى 500 گرام . مايدىن باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق سوقۇپ ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، كاكائۇ مېيى سۇپارى ئۈستىدە 40 سېلتسىي گرادۇس ئىسسىقلىقتا قىزىتىپ ، ئېرىتىپ تالقىنىنى ياغ بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ، مايلانغان چوڭ تەرەت يولى شامچىسىنىڭ قېلىپلىرىغا قۇيۇپ ، ئارتۇق قىسمىنى قىرىپ ئېلىۋېتىپ ، تەبىئىي قاتۇرۇپ قېلىپتىن ئېلىنىدۇ . ھەر بىر شامچىنىڭ ئېغىرلىقى ئىككى گرام بولىدۇ . دورا تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن مايلىق قەغەزگە ئوراپ ساقلىنىدۇ . ئىشلىتىش ئۇسۇلى : مەقئەتنى گۈل يېغىدا ياغلاپ مەقئەتكە كىرگۈزۈپ ، بىمارنى دۈم ياتقۇزۇپ قويۇلىدۇ .
|
|
|
|