1) ئاشقازان ئۈچەي ئىششىقى ( ياللۇغى ) كېسەللىكىگە چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن يېرىم جىڭنى پاكىزلاپ قۇرۇتۇپ تالقانلاپ ، كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا بىر مىسقالدىن تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . 2) تۇخۇم شاكىلىنى لازىملىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ تالقانلاپ ، چوڭلار كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى - ئۈچ مىسقالدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاشقازان - ئۈچەي ئىششىقى ، ئاشقازان يارىسىغا ئۈنۈم بېرىدۇ . 3) ياشراق ئانارنىڭ يوپۇرمىقى ، تاجىگۈلدىن سەككىز يېرىم مىسقالدىن ئېلىپ ، بىر يېرىم چىنە سۇدا بىر چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلارنى ئېلېۋىتىپ ، سۈيىنى پاكىز داكىدا سۈزۈپ تەييارلاپ ، چوڭ كىشىلەر بۇ دورا سۈيىنى ئۈچكە بۆلۈپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئۆتكۈر ئاشقازان - ئۈچەي ئىششىقى ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش ، ئىچ سۈرۈشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى ياخشى . 4) ئىگىر ئىككى سەر ، چىڭسەي ئۇرۇقى يەتتە يېرىم مىسقال ، جۇۋىنە يەتتە يېرىم مىسقال ئېلىنىدۇ . بۇلارنى تالقانلاپ ، يالپۇز ياكى پىننىنىڭ تەمى چىقىرىلغان قىيام سۇيۇقلۇقى بىلەن خېمىر قىلىپ ، چوڭراق چىلان ئۇرۇقىدەكتىن كۇمىلاچ قىلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن ، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي كېسەللىكى ، قۇسۇش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش كېسەللىكلىرىنى دەپئى قىلىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . 5) ئارپىبەدىيان بەش سەر ، چىڭسەي ئىككى يېرىم سەر ، سېرىق ئوت ( ئەپتىدون ) ئىككى يېرىم سەر ( بىر سەر ئىككى يېرىم مىسقال ) ، كاسىنە بىر سەر ئىككى يېرىم مىسقال ، پىننە ئىككى يېرىم سەر ئېلىنىدۇ . يۇقىرىقى دورىلارنى بەش چىنە سۇدا ئۈچ يېرىم چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلارنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكىدا سۈزۈپ تەييارلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر سەردىن ، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىش ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ . 6) ئانار ئۇرۇقى بىر تال ئالتە يېرىم مىسقال ، يالپۇز ۋە ئۆرۈك يېلىمى بىر سەر ئالتە يېرىم مىسقالدىن ئېلىنىدۇ . يۇقىرىقى دورىلارنى تالقانلاپ ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن ، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئاشقازان كېسەللىكى سەۋەبلىك كۆڭۈل ئېلىشىش ، قۇسۇشنى توختىتىشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .
|