* يېڭى پىشقان شوخلىنىڭ پوستى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ، زومبۇرۇغلۇق ۋە ياللۇغلىنىش خاراكتېرىدىكى تېرە كېسەللىكىگە كۈندە ئىككى – ئۈچ قېتىم چاپسا شىپا قىلىدۇ .
* كەرەپشە ۋە سەۋزىنى ئۇششاق چاناپ ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق شوخلا قىيامى ئارىلاشتۇرۇپ شوۋىگۈرۈچ تەييارلاپ ئىچسە ، جىگەر كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ .
* شوخلىنى مېۋە ئورنىدا بىر مەزگىل يېسە ، چىش مىلىكى قاناشنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
* كۈندە بىر – ئىككى دانە يېڭى پىشقان شوخلىغا ئاق شېكەر سېپىپ ئاچ قورسا يېگەندە ، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ .
* بىر دانە شوخلا ، بىر تال ئالمىغا 15 گىرام كۈنجۈت ئارىلاشتۇرۇپ ئۇزۇن مەرگىل يېسە ، قان ئازلىققا شىپا بولىدۇ .
* كۈنىگە بىر – ئىككى دانە يېڭى پىشقان شوخلىنى خام يېسە ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راك كېسىلىنى قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ .