رېتسېپ : قالقانگۈلدىن 10 گرام ، پارپادىن 10 گرام ، مودەنگۈل يىلتىزى پوستىدىن 6 گرام ئېلىپ ، ھەر كۈنى بىر بولاق دورىنى قاينىتىپ ، 2 قېتىم ئىچىپ بېرىشنى ئۇدا بىر نەچچە كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، ھەيز بالدۇر كېلىشكە داۋا بولىدۇ .
رېتسېپ : پىششىق ئەگرىسۇنايدىن 6 گرام ، ئاق چوغلۇقدىن 6 گرام ، قانتېپەردىن 6 گرام ،كاشىمدىن 6 گرام كىرەشتىن 12 گرام ئېلىپ ، داغلانغان كەتىرادىن 12 گرام ، ھەر كۈنى بىر بولاق دورىنى قاينىتىپ ، 2 قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ، ھەيز كېچىكىپ كېلىشكە داۋا بولىدۇ .
رېتسېپ : قانتېپەردىن 16 گرام ، بايناقدىن 16 گرام ، كىرەشتىن 16 گرام ، قاندالادىن 1.5 گرام ، پىششىق ئەگرىسۇنايدىن 16 گرام ، كەتىرادىن 32 گرام ئېلىپ ، ھەر كۈنى بىر بولاق دورىنى قاينىتىپ ، 2 قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە ، ھەيزنىڭ كۆپ كېلىشىگە داۋا بولىدۇ . ئەگەر قان ئازلىق كۆرۈلسە ، ۋىتامىن B12 ئوكۇلىنى سالدۇرۇش كېرەك .
رېتسېپ : قارا موردىن مۇۋاپىق مىقداردا تالقان قىلىپ ، ھەر كۈنى 2 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 3 ~ 6 گرامنى قارا شېكەر قوشۇلغان قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ، ھەيز كۆپ كېلىشكە داۋا بولىدۇ .