پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • بىلىشقا تىگىشلىك يەرلىك رىتسىپلار
  • ئەرلەرگە پايدىلىق 12 خىل يېمەكلىك
  • ھەببى ئىمساك مەنى بالدۇر كىتىشنى داۋالايدۇ
  • ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى
  • بەل ئاغىرسىلا بۆرەك بولامدۇ؟؟
  • بۇرنىدىن قان ئاققاندا يەرلىك ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش ئ ...
  • بادامنىڭ كېسەل داۋالاشتىكى شىپالىق رولى
  • زۇكامنى داۋالاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى
  • ھەيز نورمالسىزلىق
  • قوناق ساقىلىمۇ ئېسىل دورا
  • لەغمەن سۈيى(مەنتەڭ) مېڭنى قۇۋەتلەيدۇ
  • كۆز ئاجىزلىقى
  • قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش كېسەللىكى
  • بالىياتقۇ بوينى زېدىسى
  • گازىر مېغىزىنىڭ شىپالىق رولىنى بىلەمسىز؟
  • ئۈچەيدىكى قۇرتنى چۈشۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى
  • سامساق بىلەن كېسەل داۋالاش
  • باش ئاغرىقىنى ئائىلىدە داۋالاش
  • باشپىياز ئارقىلىق كېسەل داۋالاش
  • گازىر مېغىزىنىڭ شىپالىق رولى
  • شوخلىنىڭ شىپالىق رولى
  • چىش ئاغرىقىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • گالغا سۆڭەك ياكى باشقا نەرسىلەر تۇرۇپ قېلىشنى يەرلىك ئ ...
  • بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش
  • يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش
  • كۆزنىڭ يۇرۇقلۇقتىن قېچىشى
  • مەزى بېزى چوڭىيىش
  • ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنى ئىچىش ئۇسۇلى
  • قەنت كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • ئاشقازان كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  •  
    كۆز ئاجىزلىقى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-04-01 ئاۋاتلىقى:3849
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

     

    كۆز ئاجىزلىقى ( زەفئۇلبەسەرى ) ھەرخىل ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى تەدرىجىي ئاجىزلاپ ، نورمال كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىغا قارىتىلغان .

                                                             سەۋەبى
    كۆرۈش ئادەتلىرىنىڭ زەررلىنىشى ( كۆز سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ نورمالسىزلىنىشى ) يەنى ئازىيىش ، كۆپىيىش ، قۇيۇلۇش - سۇيۇلۇشنى ، كۆز قەۋەتلىرىدىكى  بىرەر كېسەللىك ئاسارىتى ، بالا ھەمراھسىمان پەردە يەنى رەڭدار پەردە ۋە تۇخۇم ئېقىسىمان سۇيۇقلۇقنىڭ نورمالسىزلىنىشى ، كىرپىكسىمان چاندىرلارنىڭ نورمالسىزلىنىشى ، سېرىق نۇقتىنىڭ زەخمىلىنىشى قاتارلىقلار ۋە مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ . مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشىدا ئومومىي بەدەنگە ھۆللۈك ، قۇرۇقلۇق ، ئىسسىقلىق ، سوغوقلۇققا ئوخشاش كەيپىياتلار خىلىتلىق ياكى خىلىتسىز ھالدا ئۆزگىرىپ ، بىرەرسى كېمىيىپ ياكى غالىب كېلىپ كۆز ئاجىزلىقىغا سەۋەب بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا نورمال ھەزىم نورمالسىزلىنىش ، سۈپىتى تۆۋەن ، يىرىك ۋە غەليىز يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش ، قىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىش ، ئېغىر دەرىجىدىكى كەم قۇۋۋەت ، كەم قانلىق ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن كۆپ شوغۇللىنىش ، يورۇقلۇقى كەم شارائىتتا كىتابنى جىق كۆرۈش ، خەتنى كۆپ يېزىش ، كۆرۈش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . قېرىلىق ، مەس قىلغۇچى نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ، ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولۇش ، ئۇزۇن مۇددەت ئۆتكۈر نۇرلۇق ياكى قارغا ئوخشاش نۇر قايتۇرغۇچى نەرسىگە بىۋاستە قاراش ۋە بەزى نەزلە ، زۇكام ، مېڭە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار تەدرىجىي ھالدا كۆرۈشنىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

                                                                    ئالامىتى
    كۆزنىڭ كۆرۈشى ناچارلىشىپ نەرسىلەرنى ئېنىق ، توغرا كۆرەلمەسلىك ئاساسلىق ئالامەت بولىدۇ . بەزىلەردە كۆز قارىچۇقىنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكى مەلۇم بولىدۇ . بۇ نۇر ئۆتكۈزگۈچى تۆشۈكنىڭ كېڭەيگەن ياكى تارايغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . ئەگەر قارىچۇقىنىڭ رەڭگى ئاق ياكى دۇغلاشقا بولسا ، نۇر ئۆتكۈزگۈچى تۆشۈككە يېڭىدىن سۇچۈشكەنلىك ياكى ئىچى سۈرۈپ سۇيۇقلۇق يوقاتقانلىق ، قان يوقاتقانلىق ، كۆپ جىنسىي ئالاقە قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر كۆزگە پاشا ، چىۋىن ، چاڭ - توزانغا ئوخشاش نەرسىلەر كۆرۈنسە مۈڭگۈز پەردە ، توخۇم ئېقىسىمان سۇيۇقلۇقلارنىڭ قۇيۇق ، قېلىنلىشىپ قالغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر بەدەن ئورۇق ، تومۇرى ئىنچىكە قاتتىق سالسا كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتسە جىگەر ، ئاشقازان ئاجىزلىقىدىن بولغان كۆز ئاجىزلىقى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .
    ئەگەر سىرتقى جەھەتتىن بىر قاراشتىنلا كۆزنىڭ چوڭ - كىچىكلىك ھەجمىدە ئۆزگىرىش بولمىسا ياكى قىزىرىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە ئاز - ئازدىن ياش ئېقىپ ، كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپ بۇرجىكىدىن پات - پات بۇغدايدەك قۇيۇق چاپاق چىقسا ، بۇ كۆپىنچە تاماق يەپ تولا كېكىرىشلەر تۈپەيلىدىن كۆز ئاجىزلىقى پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
    ئۇنىڭدىن باشقا بىمارلاردىن تەپسىلىي سوراش ئارقىلىق ئىلگىرىكى كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتە قىلىش ، ئوبدان مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىرىنى تەپسىلىي ئايرىش لازىم .

                                                                     داۋاسى
    ئالدى بىلەن سەۋەبنى تېپىپ ، سەۋەبىنى تۈگىتىشكە ئامال قىلىش كېرەك . ماددىدىن بولغان بولسا ، ماددىنى پىشۇرۇش ، تازىلاش ، تەڭشەش ، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئەزانى قۇۋۋەتلەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم .
    خىلىتنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر خىلىتقا مۇناسىپ ھالدا مەتبۇخى ھەلىيلە ، شەربىتى بىنەپشە بېرىلىدۇ . تازىلاش ئۈچۈن ئىيارەجى پەيقەرا ، ھەببى زەھەب ، ھەببى شەبيار ، ھەبيى قوقىيالار بېرىلىدۇ .
    قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ئىترىيفېلى بادىيان ، سۇفۇفى ئامىلە بېرىلىدۇ . تۇرۇپ ، چامغۇرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ، ناۋات بىلەن يۇمغاقسۈت ، كاسىننى سوقۇپ بېرىش لازىم . سىرتتىن كۆھلى روشنائى ، كۆھلى باسلىقۇن ئىشلىتىلدۇ .
    كۆرۈش ئاجىزلىقى ئىسسىقتىن بولغانلىرىغا سىرتقى جەھەتتە بىنەپشە ۋە نىيلۇفەر يېغى قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن باشنى ياغلاش ، تاتلىق بادام يېغىنى كۆزگە تېمىتىش كېرەك . چىلاننى قاينىتىپ ئىچكۈزسىمۇ ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .
    سوغوقتىن بولغانلىرىغا پاقلان ياكى مىكيان توخۇ گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ قوۋزاق دارچىن قاتارلىق ئىسسىق دورىلار بىلەن پىشۇرۇپ يىيىش ، ياسىمەن يېغىنى بۇرۇنغا تېمىتىش ، ئىسسىق دورىلار سۈيى بىلەن يۇيۇنۇش ياكى ھورىدا باشنى تەرلىتىش لازىم . بادىيان ، بادىيان يىلتىزى ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ، پىرىسياۋشان ، ئۈستۇخۇددۇس قاتارلىقلارنى ناۋات بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى . كۆزگە پاشا ، كۇمۇتىغا ئوخشاش نەرسىلەر ئۇچقاندەك بىلىنىدىغان كۆرۈش زەئىپلىكىدە مەئجۇنى ۋەج قاتارلىقلارنى مەلۇم ۋاقىت ئىستېمال قىلىش كېرەك .
    كۆرۈشنىڭ ئاجىزلىشىشى قېرىلىق ياكى بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان بولسا ھەببى شەبيار ، ھەببى قوقىيا ، ماددە تۇلھايات ، ئىترىيفېلى كەبىر ، شەربىتى مائۇلئەسەل قاتارلىق دورىلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش ، سىرتىدىن كۆھلى جەۋاھىر ئىشلىتىش لازىم .
    ئەگەر ، باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولغان بولسا شۇ كېسەلنى داۋالاش بىلەن بىرگە كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم .
    ھەرخىل سەۋەبلەردىن بولغان كۆرۈشنىڭ ئاجىزلىقىغا كۆھلى جەۋاھىرنىڭ ئۈنۈمى ياخشى .
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ