كۆزنىڭ يۇرۇقلۇقتىن قېچىشى ( خەفەش ، بوغزۇلئەينى ) ئاغرىقلار كۈن نۇرى ۋە چىراغلارغا قارىيالماسلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ ، كۆپىنچە بالىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ . ئۇ تۇغما ( بىرلەمچى ) ۋە كېيىن پەيدا بولغان ( ئىككىلەمچى ) دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ .
سەۋەبى
1. تۇغما خاراكتېرىدىكىسىدە ھامىلىگە ئانا قورسىقىدىكى چېغىدىلا بەزى ئوزۇقلۇقلار يېتىشمەسلىك ياكى كۆز قۇۋۋىتىنى ئاقىزلاشتۇرىدىغان بەزى ئامىللار ئانىدا پەيدا بولۇپ ، ھامىلە كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى ۋە ئۈزۈمسىمان پەردىلىرى تۇلۇق تەرەققىي قىلالماي نورمالسىز تۇغۇلۇپ قېلىش ياكى كۆز تۇخۇم ئېقىسىمان سۇيۇقلۇق نومالسىز ( بەك سۇيۇق ۋە ئاق ) پېتى توغۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىشىپ نۇردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ .
2. كېيىن پەيدا بولغان خاراكتېرىدىكىسىدە خىلتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرى تۈپەيلىدىن كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە سۇيۇقلۇقلارنىڭ قۇيۇلۇش - سۇيۇلۇش ئەھۋاللىرى تەسىر قىلىش ياكى كۆزگە ئۆتكۈر ئىسسقلىق ۋە سوغۇقلۇقلارنىڭ تەسىر قىلىشى ، باشقا كېسەللەرگە سەۋەبچى بولغان ئامىللارنىڭ كۆزگە تەسىر قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ .
ئالامىتى
كۆزنى سىرتتىن قاراپ تەكشۈرگەندە گەرچە غەيرىي ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ ، لېكىن ئاغرىق كۈندۈزى كۈن نۇرىغا ، ئاخشىمى چىراققاقاراشتىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قاچىدۇ . نۇر كۈچى ۋە يۇرۇقلۇق قانچە كۈچلۈك بولسا ، كۆزنىڭ نۇرىدىن قېچىشى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ ھەمدە كۆزى چىمىلدەپ كۆزنى چوڭ ئېچىپ قارىيالمايدۇ ، كۆز تورلىشىدۇ . يەڭگىل دەرىجىدە ئېچىشىپ ، قادىلىپ ئاغرىش ، ياش ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئەمما قاراڭغۇلۇق ، نۇرسىز جايلاردا ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردە كۆزنىڭ كۆرۈش خىزمىتى نورمال بولىدۇ ، باشقا ئۆزگىرىشلەر بولمايدۇ .
داۋاسى
تۇغما خاراكتېردىكىسىنى داۋالاپ ساقايتىش تەسرەك . شۇڭا ئۆز ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا چارە قىلىش ، كۈن نۇرىدىن ساقلىنىدىغان رەڭدار ئەينەك تاقاش ، كۆزنى كۈچلەندۈرگۈچى ئۇسۇل - چارىلەرنى قوللىنىپ تۇرۇش لازىم . مەسىلەن ، ھەببى شەييار ، ھەببىي قوقىيا ، ئىترېيفېلى بادىيان ، مەئجۈنى ۋەج قاتارلىقلارنى ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ . كېيىن پەيدا بولغان خاراكتېرىدىكىسىنى داۋالاشتا قايسى خىلىتنىڭ نورمالسىزلىقىدىن بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ تازىلاش ، تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ، سەۋەبچى ئامىللارنى تۈگىتىشكە ئامال قىلىش ، كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى كېسەللەرنى داۋالاش لازىم . كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ھەببى ئىيارەج ، ئىترىيفېلى بادىيان ، مەتبۇخى ھەلىيلە ، تۇتىيا قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ . مېڭىنى كۈچەيتكۈچى تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش ، قاتتىق ھەرىكەت ۋە زىيادە جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .