تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش : سامساقتىن 5 ~ 15 گرامنى سوقۇپ ، ئازراق سۇ قوشۇپ ، شىرنىسىنى چىقىرىپ ، ئاق شېكەر قوشۇپ ، ھەر كۈنى 2 قېتىم ئىچىپ بېرىشنى ئۇدا 5 كۈنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ .
راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش : سامساقتىن 15 گرامنى ئۈچكە بۆلۈپ يەپ بەرسە ، ئاشقازان راكى ، قىزىلئۆڭگەچ راكى ، بۇرۇن راكىنى قوشۇمچە داۋالاش رولى بولىدۇ . ئوپېراتسىيىدىن كېيىن سامساق يەپ بەرسە ، راك ھۈجەيرىلىرى تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
جاھىل خاراكتېرلىك يۆتەلنى داۋالاش : سامساقنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ ئېزىپ ، ئىككى پۇتنىڭ تاپىنىغا 3 ~ 4 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا قويۇپ ( پۇت ئالدى بىلەن پاكىز يۇيۇلىدۇ ، ئاندىن قوي يېغىنى سۈركەپ بولۇپ سامساق چاپلىنىدۇ ) ، ئاندىن داكا بىلەن تېڭىلىدۇ . پايپاقنى كىيىپ يېتىپ ، ئەتىگىنى ئېلىۋېتىلىدۇ . ئەگەر پۇت تاپىنىدا ئاغرىش بولمىسا ، ئۇدا 3 ~ 5 ئاخشام ياكى كۈن ئارىلاپ ئىشلەپ بېرىلىدۇ .
كۆكيۆتەلنى داۋالاش : پوستى ئېلىۋېتىلگەن سامساقتىن 60 گرامنى توغراپ ياكى ئېزىپ ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇدىن 300 مىللىلىتىر قوشۇپ ، 10 سائەتتىن كېيىن تىرىپىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، ئاندىن ئازراق شېكەر قوشۇپ ، ھەر 2 سائەتتە بىر قېتىم ، ھەر قېتىمدا 5 ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا 15 مىللىلىتىردىن ، 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا 7 ~ 10 مىللىلىتىردىن ئىچۈرسە 3 ~ 4 كۈندە كېسىلى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ .
يۆتىلىپ قان تۈكۈرۈشنى داۋالاش : سامساقنى ئېزىپ گۈڭگۈرت تالقىنىدىن 6 گرام ، دارچىن تالقىنىدىن 3 گرام ، بورنىئولدىن 3 گرام قوشۇپ ، تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن تاپاننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ ، ئۈستىگە بىر قات سۇلياۋ يېپىپ ، داكا بىلەن تېڭىپ بەرسە ، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ، كانايچە شاخچىسى كېڭىيىپ كېتىشتىن بولغان يۆتىلىپ قان تۈكۈرۈشكە داۋا بولىدۇ .
بۇرۇن قاناشنى داۋالاش : خام سامساقتىن 2 ~ 3 چىشنى ئېزىپ تەييارلىنىدۇ ، ئاۋۋال تاپاننى يۇيۇپ ، قوي يېغى سۈركەپ ، ئاندىن سامساقنى تاپاننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ تېڭىپ بەرسە ، بۇرنى قاناش ، كۆكيۆتەل ۋە ئىچ سۈرۈشكە داۋا بولىدۇ .
ئەسكەرتىش سول بۇرۇن قانىسا ئوڭ پۇتقا ، ئوڭ بۇرۇن قانىسا سول پۇتقا قويۇلىدۇ .
بۇرۇن ياللۇغى ۋە بۇرۇن كاۋاكچە ياللۇغىنى داۋالاش : پوستى ئېلىۋېتىلگەن سامساقنى ئېزىپ ، شىرنىسىگە 2 ھەسسە ھەسەل قوشۇپ تەييارلىنىدۇ . ئالدى بىلەن بۇرۇننى تۇز قوشۇلغان سۇ بىلەن چايقاپ ، قۇرۇغاندىن كېيىن پاكىز پاختىنى سامساق شىرنىسىگە چاپلاپ ئېلىپ بۇرۇن تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇلىدۇ . ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن ئۇدا 3 ~ 4 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ .
سەمرىپ كېتىشنى داۋالاش : ھەر كۈنى 5 گرامدىن خام سامساق يەپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ .
باش تەمرەتكىسىنى داۋالاش : ئالدى بىلەن باشنىڭ تۈكىنى ئېلىۋېتىپ ، ئاندىن سامساقنى ئېزىپ سۈركەپ بېرىشنى كۈندە 2 قېتىم ئىشلەپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
قاداقنى داۋالاش : سامساق بىلەن غولپىيازنىڭ ئېقىنى بىرگە ئېزىپ قاداق ئۈستىگە تېڭىپ بەرسە ، بىر ھەپتە ئەتراپىدا قاداق چۈشۈپ كېتىدۇ .
ئۈششۈكنى داۋالاش : ياز پەسلى سۆسۈن پوستلۇق سامساقنى ئېزىپ ، قىش پەسلىدە ئۈششۈپ قالغان جايغا سۈركەپ بېرىلىدۇ . ھەر كۈنى 3 ~ 4 قېتىمدىن ئۇدا 4 ~ 5 كۈن سۈركەپ بەرسە ياكى قىش كىرىش ئالدىدا سامساقنى ئېزىپ ، كۈندە 10 قېتىمدىن ئۇدا 5 ~ 7 كۈن سۈركەپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ .
كىچىك تەرەپ كەلمەسلىكنى داۋالاش : سامساقتىن بىر باش ، شاھتەررەدىن 7 دانە ، تۇزدىن ئازراق تەييارلاپ ، ھەممىنى بىرگە سوقۇپ خېمىردەك قىلىپ ، كىندىككە قويۇپ تېڭىپ بەرسە ، بىر سائەت ئىچىدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
جىگەر قېتىشنى داۋالاش : سامساقنى خاسىڭ يېغىدا قورۇپ ئۇدا 2 ~ 3 ئاي يەپ بەرسە ، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
قان مېيىنى تۆۋەنلىتىش : داۋاملىق سامساق يەپ بەرسە قان تەركىبىدىكى خولېسترول ۋە قان مېيىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
كۆز كېسەللىكى ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي يارىسى ، جىگەر كېسىلى ، بۆرەك كېسىلى بارلارغا سامساق يېيىش مۇۋاپىق كەلمەيدۇ .