گازىر مېغىزىنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق . ئىششىق ياندۇرۇش ، مېڭە ، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرى ئېچىش ۋە تازىلاش ، مېڭە ، پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن ئاغرىشى ۋە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىش ؛ ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ ، باھنى كۈچەيتىش ؛ سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش؛ ئۇششاق تاشلارنى ئېرىتىش رولى بار .
ئىشلىتىلىشى : ئەمچەك ئىششىقىنى ياندۇرۇش ، باھ ئاجىزلاش ، قان بېسىم ، تاجىسىمان قان تومۇر قېتىشىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئەسكەرتىش : گازىر مېغىزىنى كۆپ يېسە ، قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق كىشلەرگە زىيان قىلىدۇ . باش قېيىش ، كۆڭلى ئاينىش ، باش ئاغرىش ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇ چاغدا ھەسەلنى قايناقسۇدا ئېرىتىپ ئىچسە ، ئەكىس تەسىرنى پەسەيتىدۇ .