|
|
|
ھەرخىل باش ئاغرىقلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش |
يوللىغان ۋاقىت:2009-01-17 ئاۋاتلىقى:1322 |
|
|
|
1) ئاق ئۈجمە مېۋىسىدىن ئىككى جىڭنى پاكىز يۇيۇپ ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، قازانغا قۇيۇپ ، يەڭگىل ئوتتا ئىككى قېتىم قاينىتىپ ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ، داكا بىلەن قايتىدىن سۈزۈپ ، بۇنىڭغا ئۈچ يېرىم سەر ناۋات ، ئۈچ يېرىم سەر ئاق شېكەرنى سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ ، ناۋات بىلەن شېكەر ئېرىگەندىن كېيىن سوۋۇتۇپ شېشىگە ئېلىپ قۇيۇپ ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا چوڭلارغا بىر يېرىم قوشۇقتىن ، كىچىكلەرگە ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كېيىن ئىچۈرۈشنى داۋام قىلسا ، نېرۋا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىش بىلەن باشقا ئەزالارنىڭ ئاغرىقىغا ئارام بېرىدۇ . 2) قۇمۇش يىلتىزىدىن بىر جىڭ (500گرام ) نى پاكىز يۇيۇپ ، تۆت چىنە سۇ بىلەن ئۈچ چىنە مىقداردا قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلارنى ئېلىۋېتىپ ، دورا سۈيىنى داكا بىلەن تەكرار سۈزۈپ ، ئۈستىگە يەتتە سەر ئاق شېكەر سېلىپ ، يەنە بىر قاينىتىپ ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ، سوۋۇتۇپ شېشىگە قاچىلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككىدىن ئۈچ قوشۇققىچە ، كىچىك بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىچۈرۈشنى داۋام قىلسا، قان ۋە يۈرەكتىكى قۇرۇق ئىسسىقنى دەپئى قىلىپ ، باش ئاغرىقنى ۋە قىزىتمىنى داۋالايدۇ . 3) قامچىگۈلنىڭ نوتا شاخلىرىنى ئېزىپ ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، قازانغا قۇيۇپ سۇس ئوتتا بىر قېتىم قاينىتىپ ، كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈزۈپ شېشىگە ئېلىپ قۇيۇپ ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ئىككى قوشۇقتىن ، كىچىكلەرگە ئەھۋالغا قاراپ ئىچۈرۈشنى داۋام قىلسا ، ئىسسىق ئۆتۈش سەۋەبلىك ئاغرىغان باش ئاغرىقى ۋە قىزىتمىغا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ . ئەگەر ئىسسىق ئۆتۈش سەۋەبلىك بىھۇش بولۇپ چىشى كىرىشىپ قالسا ، بۇ دورا سۈيىدىن كېسەل كىشىنىڭ بۇرنىغا بىرقانچە تېمىم تېمىتسا ، ھۇشىغا كەلتۈرىدۇ . 4) چېكىلمىگەن ئۈزۈم غورىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، پاكىز يۇيۇپ ئېزىپ ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، قازاندا يەڭگىل ئوت بىلەن ئىككى قېتىم قاينىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ ، داكا بىلەن سۈزۈپ ، سوۋۇتۇپ شېشىگە قاچىلاپ چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى - ئۈچ قوشۇق ، كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئىسسىق ئۆتۈش سەۋەبلىك يۈز بەرگەن باش ئاغرىقىنى توختىتىپ ، قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ . 5) كۆك يۇمغاقسۈتنى پاكىز يۇيۇپ ، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، سۈيىگە قېتىق سۈزمىسىدىن ھاجەتكە لايىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ئىسسىق ئۆتۈش ۋە باشقا سەۋەبلىك يۈز بەرگەن باش ئاغرىقى ۋە قىزىتمىنى قايتۇرۇشتا ئۈنۈمى بەك ياخشى . 6) يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقى ياكى قۇرۇتۇلغان تېنىنى بىر چىنە سۇدا ئىككى قېتىم قاينىتىپ ، بۇنىڭغا ھاجەتكە لايىق قېتىق سۈزمىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ دوغ قىلىپ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسا ، ھەر خىل سەۋەبتىن بولغان باش ئاغرىقى ، قىزىتما ، ئۇسسۇزلۇقنى دەپئى قىلىدۇ . 7) قۇرۇتۇلغان يۇمغاقسۈت كۆكىنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ ، كۈنىگە چوڭلارغا ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن ، كىچىك بالىلارغا ئەھۋالغا قاراپ بېرىشنى داۋام ئەتسە ، ھەر خىل سەۋەبلىك يۈز بەرگەن باش ئاغرىقى ، قىزىتما ، ئۇستىخان ئاغرىقىنى تېزدىن تۈگىتىدۇ . 8) ياۋاچىگە چېچىكىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقالنى پاكىزلاپ ، بىر چىنە سۇدا ئىككى قېتىم قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى قايتا سۈزۈپ ، بۇنى ئىككىگە بۆلۈپ ، چوڭلار بىر كۈندە ئىچىشنى داۋام قىلسا ، باش ئاغرىقى ۋە قىزىتمىنى توختىتىشتىن تاشقىرى ، كېزىك كېسىلىنىڭ قايتىلىنىشىدىن ساقلىنىشتا پايدىسى بار . 9) شاپتۇلنىڭ يۇپۇرمىقى ، زەنجىۋىل ، سۇڭپىيازنىڭ ھەر بىرىدىن بىر مىسقالدىن ئېلىپ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېزىپ ، بەزگەك كېسىلى بولغان كىشىنىڭ پېشانىسى ھەمدە ئىككى قولىنىڭ بىلەزۈك تومۇرى ئۈستىگە چېپىشنى داۋاملاشتۇرسا ( ھەر قېتىم چاپقاندا تۆت سائەت توختىتىلىدۇ ) ، بەزگەك كېسىلىنى ساقايتىدۇ . 10) ئوغرىتىكەندىن ئۈچ يېرىم سەرنى پاكىز يۇيۇپ ، بىر يېرىم چىنە سۇدا بىر چىنە قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلارنى ئېلىۋېتىپ ، داكا بىلەن سۈزۈپ تەييارلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ ئىككى قوشۇقتىن ، كىچىك بالىلار بىر ياكى بىر يېرىم قوشۇققىچە تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، قىزىتمىنى قايتۇرۇپ ، يەلنى تارقىتىپ ، توسالغۇلارنى ئېچىپ ، بەل ۋە تىز ئاغرىقلىرىنى ياخشىلايدۇ . 11) زەنجىۋىلدىن تۆت بارماقتا بىر چىمدىم ، سىياداندىن بىر چىمدىم ، قۇرۇق يۇمغاقسۈتتىن بىر چىمدىم ، سامساقتىن ئۈچ - تۆت چىش تەييارلىنىدۇ . بۇلارنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ ئېغىز - بۇرۇن ۋە باشنى ھورىغا ئېلىپ تەرلىنىش بىلەن ، بۇ دورىنىڭ قىزىق سۈيىگە لۆڭگىنى چىلاپ قىزىق ھالدا باشنى تېڭىشنى داۋام قىلسا ، سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبلىك پەيدا بولغان باش ئاغرىقىنى داۋالايدۇ . 12) بوغداي كېپىكىنى قورۇپ خالتا ياكى ياغلىققا ئېلىپ ، باشقا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈلسە ، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ . 13) سىياداننى قورۇپ كۈندە بىر قانچە قېتىم پۇراش ياكى تۈتۈنىنى بۇرۇنغا ئېلىش پايدىلىق . 14) كۈنجۈت يېغى بىلەن ئىپارنى ئارىلاشتۇرۇپ ، بىر ئاز قىزىتىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بېرىشنى داۋام قىلسا ، باش ئاغرىقىنىڭ تېز ياخشىلىنىشىغا ئۈنۈمى بار . 15) ئايلىش ياكى جيۇزنى چىنە دۈگىلىكىگە بىر ئاز سۇ بىلەن سۈرۈپ ، تەمىنى چىقىرىپ ، ئىككى چېكە ۋە پېشانە ، قۇلاق ئارقىسىغا سۈركەپ بېرىشنى داۋام قىلسا ، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ .
|
|
|
|