-
2014-01-02
تاغ بار يەردە چوققا بار(4) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
تاغ بار يەردە چوققا بار(4)
(ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىقتويى خاتىرىسى)
ئاپتورى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش
مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان
(ئەدەبىي خاتىرە)
ۋاقىت ئىنتايىن تېز ئۆتمەكتە. شۇڭا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ دېگەندەك سائەت ئىككىلەردە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەدەنىيەت زالىغا كىردىم. بۇ چاغدا يامغۇر پەسلەپ كامالەك )ھەسەن - ھۈسەن( ئالەمنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە ئىككى قۇتۇپنى تۇتاشتۇرغۇچى ئالتۇن كەمەردەك يەتتە خىل رەڭدا جۇلالىنىپ تۇراتتى. زال بىردەمدىلا مەن بۇرۇن ئاڭلىغان ياكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئاۋانگارت ئەدىبلىرى بىلەن تولۇشقا باشلىدى. ئەمدى ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا، ھاسىلىق ۋە ئايالى قولتۇقىدىن يۆلىگىنىچە »ئۇلۇغبەك خەزىنىسى« رومانىنىڭ ئاپتورى ئادىل ياقۇپوف ئاكا كىرىپ كەلدى. مەن بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ھەشەمەتلىك »خەلقلەر دوستلۇقى« سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يازغۇچىنىڭ »80ياشلىق ئۆمۈر نەزىرىسى«دە ئەدىبنىڭ ئالدىغا تەزىمگە بېرىپ، جۇڭگودىن كەلگەن ئۇيغۇرلىقىمنى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئۇستازىم ئارسلان ئابدۇللا »ئۇلۇغبەك خەزىنىسى«نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا قول يازمىنى ئاققا كۆچۈرۈشكە قاتناشقانلىقىمنى، مۇشۇ دەقىقىدە ئۇستازنىڭ خاكىپايىغا قوللىرىمدىن يېتىلەپ كەلگەن تەقدىرى ئەزەلگە مىڭ شۈكرانىلەر ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرگىنىمدە، ئەدەبىي مەردانىلىقىدىن ئۇزاق ياشىغان يازغۇچى ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەققىم ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى. ھازىر ئەدىب قارىماققا ئوت كەتكەن توغراقتەك قۇرۇپ - قاغجىراپ كەتكەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، سەل ياش ئەگىپ تۇرغان مېھرىبان قوي كۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ياۋروپاچە كۆركەم لايىھەلەنگەن زالدىكى شىمالدىن جەنۇبقا بويلىتىپ، تۆت ئەتراپ تولدۇرۇپ قويۇلغان ئېللىپسسىمان ئۈستەل كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. قىيپاش قارىشىمدا زامانىۋى ئۆزبېك مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ سەركەردىلىرىدىن ئاتاخان نەۋايىشۇناس ئالىم ئەزىز قەييۇم )دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەمدىكى ئاساسلىق ھىمايىچىم(نىڭ زالدا پەس ئاۋازدا ياڭراۋاتقان نەۋايىنىڭ »مۇناجات« )كەلمىدى(، »18ياش ھ−ەيرەتلىرى«، »بولمىسا ئىشق ئىككى جاھان بولمىسۇن«، »دوستلار، ئالەم ئىشىغا يارۇ ھەمدەم بولمىڭىز« ۋە »جۇنۇن ۋادىسىدا« غەزەللىرىگە مەستۇ مۇستەغرەق بولۇپ، كۆزلىرىنى يۇمغانچە يەڭگىل تەۋرىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا قاراپ مەشھۇر شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ بىر شېئىرىدىكى: »كىشى شېھىت كېتەر مۇقام ئاڭلىغانچە يۇمسا كۆزىنى« دېگەن مىسراسى ئېسىمگە كەلدى. كەلگەن چوڭ ياشلىقلارغا نەچچە قېتىم ئورۇن بوشىتىپ بەردىم. قىسىلىپ بېرىپ ئالدىدىكىرەك بىر ئورۇندا ئولتۇردۇم. سائەت ئىككى يېرىملار بولاي دېگەندە زالغا »خەلق شائىرى«، ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇللا ئارىپوف كىرىپ كەلدى. مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزبېكىستاننىڭ مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغاچقا، چوڭراق ئىلمىي پائالىيەتلەر مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. جۈملىدىن، ئەركىن ۋاھىدوف، ئابدۇللا ئارىپوف ۋە ئەزىز قەييۇموفقا ئوخشاش بۈگۈنكى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرى مەزكۇر ئالىگاھ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەنئەنىسى بويىچە ئۇلار ھەر مەۋسۇمدا نەچچە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەيدىكەن. شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق دەرسلىرىنى كۆپرەك يازغۇچى - شائىرلار ئۆتىدىكەن. شۇڭا بۈگۈنكى ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان تەۋەللۇت توي مەجلىسى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، سورۇندا نەۋايىشۇناس ئالىملار، مۇئەللىملەر، ئەدىبلەر، خەلق سەنئەتكارلىرىدىن باشقا ئىستۇدېنتلارمۇ كۆپ ئىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مىللىي ئۇسلۇبتا چىرايلىق زىننەتلەنگەن بۇ زالنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى دەرسخانىسى دېيىشكە بولاتتى. يىغىن رەئىسى، ئۆزبېك فىلولوگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ رەھبىرى نۇرباي جابباروف »ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ پىر - ئۇستازى، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، مەشھۇر شائىر، كاتتا دۆلەت ئەربابى، ھەزرەت ئەلىشىر نەۋايى بوۋىمىز تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەدەبىي مەجلىسىمىز ھازىر باشلاندى. نۆۋەتتە سۆز >ئۆزبېكىستان قەھرىمانى< ئۇستاز ئابدۇللا ئارىپوف ئاكىغا« دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن زالدا قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى.
−− ئەسلىدە تارىختا ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان بۈگۈنكى كۈن بىز ئۆزبېك مىللىتىنىڭ يېڭى يىلىمىز بولۇشى كېرەك، −− دەپ گەپ باشلىدى ناتىق شائىر، −− 1930- يىللاردا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق بىرەسمىي قەلەمكەشلەر سۆھبىتىدە شۇ چاغدىكى پۈتۈن ئىتتىپاق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئۆزبېكىستان ۋەكىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ »سىلەر ئەلىشىر نەۋايى يۇرتىدىن كەلدىڭلار« دەپ سۆزلىگىنى ئۈچۈن نەۋايى بىزنىڭ بولۇپ قالغان. مەن نەۋايىنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ياكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇلۇغ شائىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق يۈكسەك بەدىئىي تەپەككۇر گۆھەرلىرىنى مىراس قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەن ۋە ياخشى كۆرىمەن. شائىر ئەسەرلىرىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن كىشى ئۇنىڭدىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. ئىنسانىيەت ئالەمگە چىققىنى بىلەن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ چوققىسىنى تېخىچە بويسۇندۇرالىغىنى يوق.
ئا. ئارىپوف زىلۋا بوي، تاقىرباش، قىرغىز چىراي ئەمما ئىنتايىن ئۆتكۈر نەزەرلىك شائىر ئىكەن. ھازىرغىچە رۇس ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا 30دىن ئارتۇق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىپتۇ. مەرھۇم شائىر تېيىپجان ئېلىيېف ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى نەشرگە تەييارلىغان »ئابدۇللا ئارىپوف شېئىرلىرىدىن تاللانما«دىكى شېئىرلار ئاددىي ۋە قىسقا ھەجىمدە ئالەمچە نەزمىي ھېكمەتنى ئىپادىلەپ بېرىشكە قادىر بولغانلىقىدەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغىچە سۆيۈپ ئوقۇلماقتا. توپلامدىكى »سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟« قاتارلىق شېئىرلار ئۆزبېكىستاندا خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنە ئۇ ئامەتلىك شائىر بولۇپ، تەقدىر ئۇنى مۇستەقىل ئۆزبېكىستان رېسپۇبلىكىسى دۆلەت شېئىرىنىڭ ئاپتورى بولۇشتەك مەڭگۈلۈك شان - شەرەپكە مۇيەسسەر قىلغان. Poet
−− شەرق رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلىشىچە، −− دەپ سۆزىنى ۋەزمىن ۋە تەمكىن داۋاملاشتۇردى شائىر، −− يۈرەك ئەسلىي بىر قۇش بولۇپ شائىرنىڭ كۆكسىدىن ئىبارەت بۇ قەپەستە »ناۋا« قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ بوغۇلۇپ ۋە نالە - پەرياد قىلىپ كۈنۈ تۈن ئۆزىنى شائىرنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ، قەپەسنى چېقىپ تاشلاپ ئۇچۇپ كەتمەكنى ئىستەيدىكەن. لېكىن شائىر بۇ خىل شېرىن ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنىڭ ئەركىگە يول قويمايدىكەن. ئەنە شۇنداق ئۆمۈرلۈك كۈرەشتە ئاخىر شائىر »فانى« بولۇپ، تەقدىرگە تەن بېرىدىكەن. قۇش شائىرنى داغدا قالدۇرۇپ كۆككە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن. مانا بۇ شائىرلاردىكى، جۈملىدىن، نەۋايىدىكى پەرىشتىلىك روھ. چۈنكى دىنىي ئەقىدىلەرگە كۆرە، پەرىشتىلەرنىڭ دىنىمۇ، مىللىتىمۇ، تىلىمۇ بولمايدىكەن. ئۇ ھەممىگە ئورتاق. دېمەك، نەۋايى ئىنسانىيەتنىڭ شائىرى. بىر دانىشمەننىڭ »سۆزنىڭ تومۇرلىرىدا قان ئاقسا، يۈرىكى ئۇرۇپ، كۆزى كۆرۈپ تۇرسا ۋە قۇلىقى ئاڭلىسا −− سۆز تىرىكتۇر« دېگىنىدەك، نەۋايى ھەزرەت قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن ئىتتىك سۆز سەنئىتىدە تىرىكتۇر. كىلاسسىكلار شېئىرىي مەنە، بەدىئىيات ۋە مەنتىق ئىلمىدە كۆپ ئىزدەنگەن.
ئارقىدىن »ئۆزبېكىستان قەھرىمانى«، خەلق شائىرى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئەركىن ۋاھىدوف سۆزگە چىقتى. ئالدىنقى يىلى مەن ئۆزبېك مىللىي ئاكادېمىك دىراما تىياتىرىدا بولۇپ ئۆتكەن شائىرنىڭ 07 ياشقا تولغانلىق ئىجادىي كېچىلىكىگە قاتناشقان. ئەركىن ۋاھىدوف بۈگۈنكى زامانىۋى ئۆزبېك شېئىرىيىتىدە كىلاسسىك غەزەلچىلىكنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتقان شائىر.
سەير قىلماقنى ئىستىسەم مەن غەزەل بوستانىدا،
نە بار ساڭا دەپ كۈلمىڭىز مىر ئەلىشىر قاشىدا...
ئەھلى شېئىر بەلكى كىتابىم نەزمى ئىشق دەپ ئاچادۇر،
ياق كىتابىم سۆيگۈنىڭ دىۋانىغا دېباچەدۇر...
»ياشلىق دىۋانى« ئۇنىڭ داڭلىق توپلىمى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا ياشلارنىڭ قويۇن ۋە ياستۇق دەپتىرىگە ئايلانغان. شائىرنىڭ »روھلار ئىسيانى« داستانى بىز ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئەكس سادا قوزغىغان.
−− بۈيۈك نەۋايىنىڭ يېنىق ئىشقىي غەزەللىرى، −− دەپ پەسرەك ئاۋازدا ھاياجان بىلەن سۆز باشلىدى ئەركىن ۋاھىدوف، −− دىۋاندىن - دىۋانغا كۆچۈرۈلۈپ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقاپ ۋە كىتاب بەتلىرىگە پارچىلەر پۈتۈلۈپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ياشلىقىمىزدا يادلىغانمىز، سۆيگۈ مەكتۇپلىرىغا قوشۇپ پۈتكەنمىز. قۇياش پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئويغىنىش ھاسىل قىلغاندەك نەۋايى ئەسەرلىرى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى سۈپىتىدە بىزلەر ئۈچۈن روھىي ئوزۇق بولۇپ كەلدى، خەلقىمىزنى ئاقارتتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر سەپەر پۇرسىتىدىن بىر نەچچە دېھقان يىگىت بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇلار: »ئەركىن ئاكا، كاتتا شائىرسىز! ھەتتا >فائۇست<نى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىل−غان−سىز، نېم−ە ئۈچۈن >نەۋايى<نى تەرجىمە قىلمايسىز؟« دەپ سوئال قويۇشتى. بۇ مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىشكەن. شۇڭا ھەيران بولۇپ: »تىلىمىزنى تىلىمىزغا ئاغدۇرۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟« دەپ جاۋاب بەردىم. كېيىن نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئاممىباب نۇسخىلىرى كۆپلەپ نەشر قىلىندى، بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن. لېكىن بۇنداقتا ئەسەر ئاددىيلىشىپ، گۈزەللىكىنى يوقىتىدۇ. قىزىلگۈل ئۆزىنىڭ بەرگى، شاخ، تىكەن ۋە غوللىرى بىلەن گۈزەل! ھازىرقى شېئىرىي ئىجادىيىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت پىكرىي يالىڭاچلىق، ئاددىيلىق ۋە گۈزەل نەزمىي مۇھىتنىڭ بولماسلىقى. بۇ شەرق شېئىرىيىتىدە كىلاسسىك شائىرلار بۇرۇندىن ئېتىبار بېرىپ كەلگەن مەسىلە.
历史上的今天:
بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى(2) 2014-01-02بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى(1) 2014-01-02تاغ بار يەردە چوققا بار(8) 2014-01-02تاغ بار يەردە چوققا بار(7) 2014-01-02تاغ بار يەردە چوققا بار(6) 2014-01-02