The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20170304121515/http://www.blogbus.com/azizturk-logs/246932770.html

ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    تاغ بار يەردە چوققا بار(3) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تاغ بار يەردە چوققا بار(3)

     

    (ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىقتويى خاتىرىسى)

     

    ئاپتورى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

     مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان

    (ئەدەبىي خاتىرە)

     

    −− مەن جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇختار ۋىلايىتىدىن گۈزەل تاشكەنت شەھىرىڭلەرگە كەلگەن تەتقىقاتچىمەن. مەيلى نەۋايىنىڭ 20توملۇق مۇكەممەل ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشر قىلىپ، شائىرنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇشتا بولسۇن ياكى نەۋايى ۋىلايىتىدەك كۆپلىگەن جاي ۋە دۆلەتلىك نەۋايى مۇكاپاتىدەك ئىلمىي جەمئىيەتلەرنى شائىرنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ ئۇنىڭغا تۈگىمەس شان - شەرەپ كەلتۈرۈشتە بولسۇن، ئۆزبېكىستان دۇنيا نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى، سىلەردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ كەلدۇق. لېكىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەلىشىر نەۋايى تەتقىقاتى بويىچە قىلغان ئىشلىرىمىز ئاز ئەمەس. ھازىر شىنجاڭدا ساقلىنىۋاتقان قول يازمىلار ئىچىدە نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كىتابەت نۇسخىلىرى ھەممىدىن كۆپ. مەسىلەن: 19521959- يىللاردا شىنجاڭ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشتە 2000پارچە قول يازما تېپىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى نەۋايى ئەسەرلىرى ئىگىلەيدۇ. بىزدە »خەمسە«چىلىك ئەنئەنىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 71- يىللىرىغىچە داۋاملاشقان. بولۇپمۇ مەشھۇر »ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى«دا نەۋايىنىڭ 100دەك غەزىلى )1250مىسرا ئەتراپىدا( ئاھاڭغا سېلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمىتىمىز زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىپ، ھەر بىر مۇقامنى بىردىن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا نوتىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ دۇنياغا تارقاتتى. ئۇ 12توملۇق پىلاستىنكىلىق زامانىۋى مۇزىكا قامۇسىنىڭ تەركىبىدە بۇ غەزەللەر يەر شارىنىڭ تۈركىيلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بارلىكى بۇرجىكىدە جاراڭلىماقتا. ھازىر »جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە >ئون ئىككى مۇقام< ئىلمىي جەمئىيىتى« نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق تومىنى مەتىن فاكسېمىلى ۋە تىرانسكرىپسىيەسى بىلەن قوشۇپ نەشر قىلىشنى پىلانلىدى. دېمەك ئەلىشىر نەۋايى قېرىنداش ئۆزبېك خەلقىنىڭ قانچىلىك سۆيۈملىك شائىرى بولسا، تارىختىن بويلاپ جۇڭگونىڭ باي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىگە تارقىتىپ، باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە تىل - ئەدەبىيات تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلگەن، خۇسۇسەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت بايراقدارى بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق ئۇلۇغ شائىرىمىز، بۇ ھەقتە ھەممىگە ئېنىق پاكىتلار بار. ئەمما مەنىۋى چاڭقاقلىقىمىزنى قاندۇرۇشتا نەۋايى خەزىنىسى سۈيىنى مەڭگۈ ئىچىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بىر دېڭىزدۇركى، خەلقلىرىمىز ئۇنىڭدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق، −− مەن ئەنە شۇ ئۇرغۇلۇق جۈملىلەر بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇردۇم. يېنىمدىكى داملا پېشىمنى تارتىپ تۇرسىمۇ، ماڭا بېرىلگەن ئون مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئويلىغانلىرىمنى ئۆزبېكچە - ئۇيغۇرچە ئارىلاش ئەنە شۇنداق دەۋالغانلىقىمدىن ئىچىم بوشاپ، كۆڭلۈم يورۇدى. مەجلىسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەۋايى نېمىشقا ئۆيلەنمىگەن، قەبرىسى ھازىر ساقلانغانمۇ، تۇنجى شېئىرىنى قايسى تىلدا يازغان، »دىۋان فانى«نىڭ پارس - تاجىك تىلىدىكى تەسىرى قانداق؟ دېگەندەك تاڭسۇق سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشتى.

    ئاخىرىدا مەكتەپ مۇدىرى:

    −− نۆۋەتتە يىغىنىمىزنىڭ يېڭى كۈنتەرتىپى بويىچە 9 - سىنىپ تەلەبەسى مۇنىسە بىزگە نەۋايىدىن بىر ئاشۇلە )ناخشا( ئورۇنلاپ بېرىدۇ، −− دەپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ھەشەمەتلىك، يوغان زالنىڭ كۈنپېتىش يېقىدىن گۈلدۈراس ئالقىشلار ئىچىدە ئۈچ قىز سەھنىگە چىقىپ، نېمە ئۈچۈندۇر چەتتىكى ئىككىسى قايتىپ كېتىشتى. مەڭزىلىرى ھال سېرىق مۇنىسە گۈزەل ۋە سەبىي كۆرۈنەتتى. قىز نەۋايى بوۋىنىڭ ئەۋلادى سۈپىتىدە شائىرنىڭ مەشھۇر »قارا كۆزۈم« ناملىق غەزىلىگە ئىشلەنگەن ناخشىنى ئورۇنلىماقتا ئىدى.

     

    قارا كۆزۈم، كەلۇ مەردۇملۇغ ئەمدى فەن قىلغىل،

    كۆزۈم قارەسىدا مەردۇم كەبى ۋەتەن قىلغىل.

    يۈزۈڭ گۈلىگە كۆڭۈل رەۋزەسىدىن ياسا گۈلشەن،

    قەدىڭ نىھالىغە جان گۈلشەنىن چەمەن قىلغىل...

    يۈزۈڭ ۋىسالىغە يەتسۇن دېسەڭ كۆڭۈللەرنى،

    ساچىڭنى باشتىن ئاياغ ئىلە شىكەن قىلغىل...

    يۈزىدە تەرنى كۆرۈپ ئۆلسەم، ئەي رەفىق، مېنى،

    گۇلاب ئىلە يۇيۇ گۈل بەرگىدىن كەفەن قىلغىل...

     

    شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان ھەر خىل سەۋىيە ۋە دەرىجىدىكى ئادىمىيات پەنلىرى، جۈملىدىن دەرسلىك كىتابلاردا ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تەرجىمىھالى، ئەسەرلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يەنە داستانلىرىنىڭ ئاممىباب نەسرىي ئوقۇشلۇقلىرىمۇ ئىشلەنگەن. شۇڭا مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە كىشىلەر ئادەتتىكى نۇتۇقلىرىدىمۇ نەۋايىدىن شېپى كەلتۈرۈپ سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن. دېمەك، ئۆزبېك خەلقى ئۇلۇغلارنى ھۆرمەتلەشنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىززەت - غۇرۇرىنى ساقلاشنى ۋە بۇنداق ئومۇملاشقان ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتۇشنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ دەرسلىكلىرىمىزدە نەۋايىغا ئائىت مەزمۇنلار يوقنىڭ ئورنىدا. ھەتتا ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تەمتىرىمەي تۇرۇپ شائىرنىڭ بىر نەچچە ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. »قارا كۆزۈم« غەزىلىنى ئوقۇغۇچى تۇرماق، بىزدە خېلى كۆپ داڭلىق شائىر ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ بىلىشى ناتايىن! كۈنىمىزدە بۇ خىل يامان يۈزلىنىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان!

    زالدا ناخشىغا تەڭكەش قىلىنىپ، رىتىملىق چاۋاك ساداسى ياڭرىماقتا ئىدى. چىرايلىق مۇنىسەنىڭ قويۇن ۋە ئېتەكلىرى گۈلگە تولدى. ئۆسكىلەڭ ماڭلايلىرى بىلەن دولىسىنى بېسىپ تۇرغان ئىككى ئۆرۈم چېچى، گۈل تۇتۇپ تۇرغان ھالىتى بىلەن قىز كىچىك پەرىشتىگە ئوخشاپ قالغانىدى. قىز مەجاز ياكى سۆز سەنئىتى ماھارىتى مىسلىسىز، ئاۋاز ئەگىتمىلىرى مۇرەككەپ، چۈشەنمەك قىيىن بۇ غەزەلنى ئۆزبېك مۇقاملىرىنىڭ بەستلەنگەن شۇ ناملىق شېئىرنىڭ ئاھاڭىغا تەقلىد قىلىپ كۈيلىگەنىدى. غەزەلنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى بېيىتلىرىنى ئوقۇغاندا، بىر خىل ئىچكى ئۆرتىنىشتىن بولسا كېرەك، مۇنىسەنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلۈپ ۋە تىترەپ توختىدى. ئون مېتىردەك يىراقلىقتىن گۆدەك قىزنىڭ ئىككى مەڭزىدىن شام ئېرىگەندىكى كۈمۈش مەرۋايىتتەك نەملىكنىڭ بويۇنلىرىغىچە پارقىراپ سىرغىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مۇنىسە كۆزلىرى ئوچۇق ئەما ئىدى... ئەقەللىيسى ئۇنىڭغا ئاتا - ئانىسىنىڭ تۈگۈل ئۆزىنىڭ چىرايىنى كۆرۈشمۇ نېسىپ بولمىغان. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتقاندىكى مۇڭلۇق قىياپىتى زادىلا كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. تەڭرىدىن يورۇقلۇق ۋە مۆجىزە تىلەپ نەۋايىنىڭ »قارا كۆزۈم«ىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئۇزاقتىن كېيىن ھېس قىلدىم. نەۋايى نېمىدېگەن بەختلىك ئىنسان - ھە! 500يىلدىن بېرى ئۇنىڭ نەزملىرى تىل، ئىرق ۋە مىللەت چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدە ھېچ ئىجازەتسىز ھالدا ساياھەت قىلىپ يۈرمەكتە. دۇنيادا ياخشى، گۈزەل ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ھەممە ئادەمنىڭ مېنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى توختىماي تالاشسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھامان مەنسۇبىيىتى بولىدۇ. تۈركىي ئەدىبلەر ئىچىدە ئۇنى پىر - ئۇستاز تۇتمىغانلىرى يوق. ئەل ئىچىدىكى مەشرەپ - سامالار، غېرىبلار ھېكايىتى ۋە ياشلارنىڭ مۇھەببەت مەكتۇپلىرىنىڭ ھەممىسى ئەلىشىر نەۋايىسىز بولمىغان. مانا قارىمامسىز، 12 - ئەسىردىكى بىر ئاجىزە كۆڭۈل ئىزھارى ۋە بارلىق دەرد - ئىستەكلىرى ئۈچۈن شائىرلار ھەم شېئىرلار ئىچىدىن ئەلىشىر نەۋايىنى ئەڭ مەقبۇل شائىر قىلىپ تاللىۋالغان. قىيقاس - چۇقانلىق زال بىر لەھزە جىمجىتلىقتىن كېيىن يەنە جانلىنىشقا باشلىدى. مۇنازىرىلىك ۋە تەسىرلىك سۆھبەتنى زورىغا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا خوشلىشىپ سىرتقا چىقساق يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ.

    تاشكەنتنىڭ يامغۇرى كۈچلۈك ۋە ئۆتكۈنچى ئىدى. تەبىئەت گويا مەيۈس كۆڭلۈمگە غەمخانە بولۇۋاتاتتى. ئۆزۈمنى گويا يامغۇر سىمفونىيەسى ئىچىدە زېمىنغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. مەن بىر شېئىردىن تاشكەنتنىڭ سۈيى قىزلارنىڭ لېۋىدەك تاتلىق، دېگەن سەترلەرنى ئوقۇغان. دېمىسىمۇ باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەر تاشكەنتنىڭ سۈيىدىن سوۋغاتلىق ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشىدىكەن. شۇ تاپتا يامغۇر يۈز ۋە لەۋلىرىمنى سالقىن ۋە تاتلىق قىلىپ ئاقماقتا ئىدى. يىراقتىكى يامغۇرلۇق تۇماندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇنىسەنى كۈنلۈك ئاستىغا ئېلىپ ھەسەل ھەرىلىرىدەك توپلاشقىنىچە ياتاقلىرىغا قايتىۋاتقانلىقىنى نېپىز پەردە ئارقىسىدىكىدەك خىرە - شىرە كۆرۈپ قالدىم.

    مەنىلىك نەۋايىخانلىق سۆھبىتى مەندە نەچچە كۈنگىچە شېئىرىي ھالەت ھاسىل قىلغانىدى. قاراڭغۇلۇقنىڭ گۈزەللىكىدىن ئاي بەختلىك كۈلۈپ تۇرغان ئاخشاملارنىڭ بىرىدە ئۆمۈرلۈك ھۈنەرگە ئايلانمىغان ھەۋەسكارلىق جىلمىيىشقا باشلىدى - دە، قىزنىڭ كۆز ئالدىمدىكى غايىۋى ئوبرازىغا قاراپ لەۋلىرىم پىچىرلاشقا باشلىدى:

     

    تاشكەنتتە يامغۇر

    قىز تىترىمەكتە، يۈرىكى گۈلخان،

    تاشكەنتتە يامغۇر.

    يۇمران ياناقلاردىن ئاقماقتا پەۋەس،

    دالا گۈللىرىنىڭ كۆزلىرىگە دۇر.

    باھار غۇنچىلىرى سويلايدۇ لېكىن،

    تاشكەنتتە يامغۇر.

    كۈللۈكسىمان سەۋسەن تۇماندا،

    ئانار مەڭزلەرگە سەپمەكتە ھال نۇر!...

     

    نۇرەپشان كامالەكتە قەترەلەر بالقار،

    تاشكەنتتە يامغۇر.

    چېچەكلەر چايقىلار سەلكىن بىر كۈيدە،

    ئېھتىمال بۇ ساماۋى ياغدۇ)ر(.

    ھەممىنىڭ قىسمىتىگە رەمزەئىي چاغدۇر،

    تاشكەنتتە يامغۇر.

    قاراڭغۇ كىرپىكلەرنىڭ تاڭدەك يۈرەكى،

    باھار ئەييامىدا داغدۇر.

     

    نەرگىس گۈلگە ئايلاندى، ۋۇجۇدلىرى كۆز،

    تاشكەنتتە يامغۇر.

    دۇنيا بەدەل بولسۇن، ياشلىق يامغۇرغا،

    قۇشتەك بىر جان كۆيۈك، نەپىسى ئاھدۇر.

    قىز قۇمرىغا جور، چۈنكى بۇ تاشكەنت،

    باھار گۈللىرى توزغىغان باغدۇر!...

     

    بۈگۈن ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدىكى ھەممە ئىزگۈ سادالارغا ھەمنەپەس بولۇشۇم، ئۆزبېكلەرنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدىن قۇۋىنىشىم، ئۆزبېك زىيالىيلىرىنىڭ بۆشۈكى بۇ مەشھۇر ئالىگاھتىكى تېخىمۇ چوڭراق ئىلمىي مەجلىسنىڭ شاھىتى بولۇشۇم كېرەك ئىدى.

    分享到: