The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20170304060226/http://www.blogbus.com/azizturk-logs/246932127.html

ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    نەۋايى غەزەل-داستانلىرىدىكى ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلەر(2) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    نەۋايى غەزەل-داستانلىرىدىكى ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلەر(2)

     

    ئاپتورى: نەسرۇللائابلەت

    مەنبە: تارىم 2011-يىل 10-سان

     

    1-ئوبراز (ئىما)

    »پەرھاد - شېرىن« داستانىدىكى پەرھاد ئىنسانپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر،مۇھەببەتكە سادىق، ئىجادكار، بىلىملىك، يارقىن خاسلىققا ئىگە ئوبراز. شېرىن گۈزەل،لاتاپەتلىك، قانائەتچان، قەيسەر، مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق، ياۋۇز دۈشمەنگە خەنجەر،سۆيگەن يارىغا نۇرانە ئەختەر قىز. ئالتۇندەك ساپ ئوبراز. خىسراۋ مەككار، زالىم،جاھىل، ئالدامچى - قويمىچى، ئاچ كۆز، بەتنىيەت، ۋەھشىي ھايۋان، جاللات قاتارلىقجىنايەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن سەلبىي ئوبراز. ئەلىشىر نەۋايى قەدىمكى ئەپسانە،رىۋايەت تېمىسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا دادىللىق بىلەن قايتا ئىجاد قىلىپ، ئۇنىڭغايېڭى ئىدىيە، يېڭى قان، يېڭى مەزمۇن بەرگەن. ئۇ ئەسلىدىكى ھېكايە ۋەقەلىكى بويىچەئۆزىنىڭ غايە ۋە ئېتىقادىغا ئاساسەن شۇ دەۋردىكى چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەيۈكسەك رومانتىك تۈس ئالغان پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتقان. بىز تۆۋەندىكى رېتورىكسوئال - جاۋابلارغا قاراپ باقايلى:


    دېدى: ۋەسلىغە بارسەن ئارزۇمەندە؟
    دېدى: بەرمان خەيالى بىرلە خۇرسەندە.

    (دېدى: ئۇنىڭ ۋىسالىنى ئارزۇ قىلامسەن؟
    دېدى: ئۇنىڭ خىيالى بىلەن خۇرسەندىمەن.)

    دېدى: نوشى لەبىدىن تاپقاي ئەل بەھر؟
    دېدى: ئولنوشدىن ئەل قىسمىدۇر زەھر.

    (دېدى: ئۇنىڭ شېرىن لېۋىدىن باشقىلار بەھرەئالسىچۇ:
    دېدى: ئۇ شېرىنىن لېۋىدىن باشقىلارغا تېگىدىغىنى زەھەر.)

    دېدى: جانىڭنى ئالسا لەئىلى يادى؟
    دېدىكىم: ئۇشبۇدۇر جانىم مۇرادى.

    )دېدى: لەئىلى خىيالى جېنىڭنى ئالسىچۇ:
    دېدىكى: كۆڭلۈمدىكى مەقسەت - مۇرادىممۇ شۇ!(

    دېدى: كۆكسۈڭنى گەر چاك ئەتسە بىباك؟
    دېدى: كۆڭلۈم تۇتاي ھەم ئەيلە دەپ چاك.

    )دېدى: زۇلۇم كۆكسۈڭنى ئايىماستىن چاك - چاكقىلىۋەتسىچۇ؟
    دېدى: ھەتتا چاك - چاك قىلىۋەت دەپ كۆڭلۈمنىمۇ تۇتۇپ بېرىمەن.(

    دېدى: كۆڭلۈڭ فىدا قىلسا جەفاسى،
    دېدى: جانىمنىھەم ئەيلەي فىداسى.

    )دېدى: ئۇنىڭ جاپاسى سېنىڭ كۆڭلۈڭنى قۇربانقىلىۋەتسىچۇ؟
    دېدى: جېنىمنىمۇ پىدا قىلىمەن.(

    دېدىكىم: ئىشقىدىن يوق جۇز زىيان بۇد،
    دېدى: بۇكەلدى سەۋدا ئەھلىغە سود.

    )دېدىكى: ئىشقىدىن زىياندىن باشقا نەرسەيوق،
    دېدى: مەجنۇنلار ئۈچۈن شۇنىڭ ئۆزى پايدا.(

    دېدى: بۇ ئىشق تەركى ياخشىراقدۇر،
    دېدى: بۇ شىۋەئاشىقىدىن يىراقدۇر.

    )دېدى: بۇ ئىشقتىن ۋاز كېچىش ياخشىراق،
    دېدى: ئاشىق بۇنداق ئادەتتىن يىراق.(

    دېدى: ئال گەنجۇ قوي مېھرىن نىھانى!
    دېدى: تۇپراققا بەرمان كىميانى.

    )دېدى: خەزىنە ئالغىن، مۇھەببەتنى قوي،
    دېدى: مەنئالتۇننى توپىغا تېگىشىمەن.(

    ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئوقۇرمەنلەرگە ئاجايىپ ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىپلاقالماستىن، بەلكى ئوبرازلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۆزگىچىلىكى، ھېسسىيلىقلىق، ھەرخىلقاراشلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئۆلۈك شەرھلەشلىرىنى دائىم دېگۈدەك بۇزۇپ تاشلاپئىلگىرى سەل قارالغان، بېسىپ قويۇلغان، يوشۇرۇنغان مەزمۇنلارنى ئاشكارىلايدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسىنىڭباسالمايدىغانلىقىدەك بىباھا قىممىتى بىلەن مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدىغان مەدەنىيەتتۈرىگە ئايلانغان.
    ئادەتتە ئوقۇرمەنلەر »پەرھاد - شېرىن«، »لەيلى مەجنۇن« قاتارلىقلارنى كوچا - كويلاردا ئۇچراتمايدۇ. قەلەم ساھىبلىرى ئۆزلىرىگە تونۇشپېرسوناژلارنى توقۇپ چىقىرىپ، ئەسەرلەردە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. توقۇلماقەلەمكەشلەرنىڭ غايەت زور ئالاھىدە ھوقۇقى. توقۇلما چىنلىقنىڭ ئەكسى، ئەمما توقۇلماچىنلىق تۇيغۇسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ −− توقۇلما پېرسوناژلار، ھېكايىلەر،ۋەقەلەر، سەزگۈ ئەزالىرىمىزنى ۋە ساۋادىمىزنى ئىسپاتلىشىغا نائىل قىلىدۇ. ئېتىراپقىلماي بولمايدۇكى، توقۇلما ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى بويسۇندۇرۇشتىكى ئاساسىيۋاسىتىسى.
    ئەدەبىي ئوبرازنىڭ يادروسى ئېستېتىك ئىماگ، ئېستېتىك ئىماگ ئېستېتىكئاڭنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. ئەدەبىي ئوبرازنىڭ يارىلىشى ھېسسىي ئىماگنىڭ ئېستېتىكئىماگ بولۇپ يارىتىلىشى دېمەكتۇر. ئېستېتىك ئىماگنىڭ يارىتىلىش ماتېرىيالى تۇرمۇشتەجرىبىسى يەنى ھېسسىي ئىماگ بولۇپ، ئۇ ئابستراكتسىيە ۋە ئۇقۇملىشىش باسقۇچىنىبېشىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ. بەلكى، ئېستېتىك غايە )كىشىلەرنىڭ ئەركىن تەلىپى(نىڭ رولىبىلەن ئېستېتىك ئىماگقا ئايلىنىپ ئەدەبىي ئوبرازنىڭ رولىنى ئادا قىلىدۇ. ئەدەبىياتئابستراكت ئۇقۇم ئارقىلىق ئىدىيەۋى ھېسسىياتنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى ئوبراز )ئىماگ( لىق تەسۋىر ئارقىلىق ئېستېتىك چۈشەنچىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بايان ئەدەبىياتىداكىشىلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھاياتقا بولغانمۇھاكىمە ئىپادىلىنىدۇ. لىرىكا ئەدەبىياتىدا ھەرخىل ھېسسىيات ئىماگلىرى ئارقىلىقكىشىلىك ھايات ئىزدىنىشلىرى ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەلىشىر نەۋايى »پەرھاد - شېرىن« داستانىدا پەرھاد - شېرىنلارنىڭ سۇبيېكتىپ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭخۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى ئىپادىلىگەن.
    ئەدەبىي ئوبراز ئېستېتىك ئىماگنى يادروقىلىدۇ، ۋاھالەنكى، ئېستېتىك ئىماگدا ھېسسىي ئىماگدىن ھالقىپ كېتىدىغان، بىلىشتىنھالقىپ كېتىدىغان مەنىلەر بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەدەبىي ئوبراز چوڭقۇر، مول مەزمۇنغائىگە بولغان بولىدۇ. ئەدەبىي ئوبرازدىن لەززەتلىنىشنىڭ چېكى - پايانى بولمايدۇ. ئۇنى ئويلاشقا، خىيال قىلىشقا بولىدۇكى، ئوي - خىيالنىڭ چېكى بولمايدۇ. بىز ئەلىشىرنەۋايى ئەسەرلىرىدىن زوقلانغان ۋە بۇ ئەسەرلەرنى ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلغانبولساقمۇ، لېكىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتىدىن تولۇق بەھرە ئېلىپ كەتكىنىمىز يوق، بۇئەسەرلەردىن بىز داۋاملىق ھۇزۇرلىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. يېزىقنىڭ يەنىتىلنىڭ ئوبرازچانلىقى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى. شۇڭا، ئەدەبىي ئوبرازنىڭيارقىن، جانلىق بولۇشى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ بەلگىسى. ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئەدەبىيات ئوبرازىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر پېرسوناژلارداخاسلىق )ئىندىۋىدۇئاللىق( بولمىسا، ھېسسىيات سەمىمىي، چوڭقۇر بولمىسا ئەسەرلەرقۇرۇق، مەنىسىز بولۇپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالمايدۇ، تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئەلىشىر نەۋايى ئۆزىنىڭ داستانلىرىدا جانلىق، تەسىرلىك ئەدەبىي ئوبرازلارنىياراتتى. ئېھتىمال بىز بەزى تەپسىلاتلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن، لېكىنپەرھاد - شېرىن، لەيلى - مەجنۇنلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمىز. ئۇلار بىزنىڭخاتىرىمىزدە ئەبەدىي ياشايدۇ.


    2 -
    ئىدىيە - خاھىشچانلىق


    ئەدەبىيات ساپ ئوبيېكتىپنىڭ نامايان بولۇشى ئەمەس، ئىدىيەسىز ئويۇن - تاماشائەسىرىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئوبراز ئارقىلىق مۇئەييەن ئىدىيەۋى ھېسسىياتنىئىپادىلەيدۇ. ئەدەبىي كەچۈرمىش ئىدىيەۋى خاھىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ بىزنىئەدەبىي پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەشكە،پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ھېسداشلىق قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىكقىلىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ ئىدىيەۋىلىكى ئىدېئولوگىيە خاھىشچانلىقى ۋە ئېستېتىكخاھىشچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ بىزگە تۇرمۇشنىڭ قائىدىلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ھەمھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ. بىز ئەدەبىياتنى ياخشىكۆرىمىز. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىدىيەمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بىزنى ھايات يوللىرىغاباشلايدۇ. ئەدەبىيات شۇڭا، بىزنىڭ ياخشى ئۇستازىمىز ۋە دوستىمىز بولۇپ قالغان. يۈكسەك ئىدىيەۋىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ بەلگىسى بولىدۇ، قانچە مۇنەۋۋەر ئەسەربولسا، ئۇنىڭ ئىدىيەۋىلىكى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ھالبۇكى، ئىدىيەۋىلىكى كەمچىلئەسەرلەر ئادەتتىكى ئەسەر بولۇپ قېلىپ ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇلۇپكېتىدۇ.
    ئەدەبىياتنىڭ ھەم ئوبرازچانلىقى، ھەم ئىدىيەۋىلىكى بولىدۇ. بۇنىڭدازىددىيەت باردەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئابستراكت ئۇقۇم ۋەنەزەرىيە ئىدىيەنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ، ئەمما كونكرېت ھادىسىلەرنىڭ تەسۋىرىدەھېسسىي ئەھمىيەتلا بولىدۇ. ئەدەبىي ئوبرازنىڭ ئەلۋەتتە ھېسسىي ئەھمىيىتى بولىدۇ. ئۇكىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە ھېسسىيات كەچۈرمىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىدۇ. ئەمما، ئەدەبىياتنىڭ ئىدېئولوگىيە ئەھمىيىتى ئېستېتىك ئەھمىيىتىمۇ بولىدۇ. نېمەئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ رېئال ئەھمىيىتىدە ئەدەبىي ئوبرازئادەتتىكى ھېسسىي ئوبراز ئەمەس، ئۇ يەنە تىپىكلەشتۈرۈلۈپ تىپىك ئوبراز قىلىپيارىتىلىدۇ. تىپىك ئوبراز دېگەن نېمە؟ تىپىك ئوبراز دېگىنىمىز−− »ئىندىۋىدۇئاللىق«قا باي بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەكىللىك ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگەبولغان پېرسوناژلار ئوبرازىدىن ئىبارەت. يازغۇچىلار ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە بايپېرسوناژلارنى تاللاپ ئەدەبىي ئوبراز يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىپىك ئوبراز ۋۇجۇدقاكېلىدۇ. تىپىك ئوبراز ئادەتتىكى ھېسسىي ئوبرازغا ئوخشىمايدۇ. )مەسىلەن، ئادەتتىكىكىشىلەر ۋە ئىشلارنىڭ تەسۋىرى دېگەندەك( ئۇ مۇستەقىل خاسلىققا ئىگە بولۇپ قالماي،يەنە چوڭقۇر ئىدىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇئەييەن ئىجتىمائىي تونۇش ۋە قىممەتقارىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئوبراز بىزنىڭ جەمئىيەتنى بىلىشىمىز ۋەئۆزلۈكنى بىلىشىمىزدىكى ئوقۇشلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئەلىشىر ناۋايى ئۆز دەۋرىدىكىھەرقايسى تەبىقە، قاتلاملاردىكى كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تىپىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەنھەرخىل تىپىك ئوبرازنى يارىتىپ بىزگە چاغاتاي ئۇلۇسى ۋە شۇ دەۋردىكى تۇرمۇشنىتونۇتتى. تىپىكلىك ئىجتىمائىي ئۇقۇممۇ ياكى ئەدەبىيات، ئېستېتىكا ئۇقۇمىمۇ دېگەنمەسىلىدە تالاش - تارتىش مەۋجۇت. بىز ئالدى بىلەن بۇ ئۇقۇمنى ئەدەبىياتنىڭ رېئالقاتلىمىغا تەتبىقلىساق، ئۇنىڭ گەۋدىلەندۈرگىنى ئەدەبىي ئوبرازنىڭ ئىجتىمائىيئەھمىيىتى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىي ئوبراز ئېستېتىك ئىماگ بولۇپ، ئۇ ھېسسىيئىماگنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بولىدۇ. بۇ چاغدىكى ئېستېتىك ئىماگ تۇرمۇش تەسەۋۋۇرىئەمەس، بەلكى ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە توشۇغۇچىدۇر. ئۇ تۇرمۇش تەسۋىرى ئارقىلىققانداقسىگە ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ؟ چۈنكى ئېستېتىك ئىماگنىڭ يوشۇرۇنئوخشىتىش رولى بولغاچقا ھېسسىي ئوبرازنى تەجرىبىدىن ھالقىپ كەتكەن مېتافىزىكىلىقئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇنداق يوشۇرۇن ئوخشىتىش رولىنىڭ يىلتىزى تىلنىڭئىپتىدائىي سېھرىي كۈچىدە بولىدۇ. ئىپتىدائىي تىلنىڭ يوشۇرۇن ئوخشىتىش رولى بولىدۇ. كونكرېت تەسۋىرلەر ئارقىلىق تەجرىبىدىن ھالقىپ كەتكەن سېھىرگەرلىك ئەھمىيەتتىنبېشارەت بېرىدۇ. ئەدەبىي تىل مۇشۇنداق رولغا ۋارىسلىق قىلغانلىقتىن ئېستېتىكتەجرىبىدىن ھالقىپ كەتكەن ئەھمىيەتكە نائىل بولغان. ئەلىشىر نەۋايى پەرھاد - شېرىن،لەيلى - مەجنۇنلارنىڭ قىسمەتلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدىكى خەلقنىڭتەقدىرىدىن يوشۇرۇن بېشارەت بېرىدۇ. ئۇ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدا ئۆزلۈكنىڭ ھېسسىياتكەچۈرمىشىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئەمما، ئۇنىڭدىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياشاشكەچۈرمىشى ۋە ئىنتىلىشىدىن يوشۇرۇن بېشارەت بېرىدۇ.
    نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭئىدىيەۋىلىكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە پەند - نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكىتەبىئىي ئىپادىلەنگەن، ئۇ ياراتقان ئەدەبىي ئوبراز گويا بىتەرەپ تۇرغاندەك،ئوبيېكتلىقى، خاھىشچانلىقى يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدەخاھىشچانلىق مەۋجۇت. ئۇ ياراتقان ئوبرازدا مەلۇم ئەخلاق خۇسۇسىيىتى بار. ئۇ سىزگەمۇئەييەن مەيدان بەلگىلەپ بېرىپ، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىدۇ، سىزدىنئورتاقلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇ ياراتقان ئوبرازدا ئىستىخىيەلىك خاھىشئاپىرىدە بولغان؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، كىشىلەر ئومۇملىشىپ كەتكەن قىممەت ئۆلچىمىبىلەن ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ئادەملەرگە ۋە ئىشلارغا باھا بېرىدۇ. ئەگەر ئەسەردەبىر ئاق كۆڭۈل كىشى تەسۋىرلەنسە، بىز ئۇنى ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچەمۇئەييەنلەشتۈرىمىز. ئەگەر بىر ۋەھشىي ئادەم تەسۋىرلەنسە، بىز ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىكقىلىمىز. بۇ دەل ئەدەبىياتنىڭ رېئال خاھىشچانلىقى بولغانلىقتىندۇر. ئۇنىڭدىن باشقائەدەبىيات بىر خىل ئېستېتىك پائالىيەت، بىز ئەدەبىي ئوبرازنى قوبۇل قىلغاندائېستېتىك ھۆكۈم يۈرگۈزىمىز. ئېستېتىك ھۆكۈم ئېستېتىك غايە، يەنى ئەركىن ئىنتىلىشنىئۆلچەم قىلىپ ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ ئەڭ يۈكسەك قىممەت ئۆلچىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گۈزەللىك تۇيغۇسى ئېستېتىك قىممەت ئۆلچىمىنىڭ مەھسۇلى. گۈزەللىك، سەتلىك،ئالىيجانابلىق، بىمەنىلىك، تىراگېدىيە، كومېدىيە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېستېتىكاكاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئەدەبىي ئوبرازغا ئېستېتىك ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىبويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. بىز بۇلارنى نەۋايى ئەسەرلىرىدە كۆرۈپ تۇرىمىز. مۇشۇنداقبولغاچقا، بىز نەۋايى ياراتقان ئوبرازلارنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدا ئېستېتىك ھۆكۈمقىلىشتىن ساقلىنالمايمىز. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلار ئېستېتىك خاھىشچانلىققانائىل بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئېستېتىك خاھىشچانلىق رېئال خاھىش بىلەن بىردەك بولغان. بۇ چاغدىكى گۈزەللىك ئاق كۆڭۈللۈك بولغان. ئەمما گۈزەللىك بىلەن ئاق كۆڭۈللۈكبىردەك بولۇشى ناتايىن. چۈنكى نەۋايى ئەسەرلىرىدىكى گۈزەللىك ئاق كۆڭۈللۈكتىنئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئېستېتىك قىممەت رېئال قىممەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇنىڭبىلەن رېئال ھۆكۈم ئېستېتىك ھۆكۈمگە بويسۇنغان.

     

    分享到: