The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20170304115459/http://www.blogbus.com/azizturk-logs/246932058.html

ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    نەۋايى غەزەل-داستانلىرىدىكى ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلەر(1) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    نەۋايى غەزەل-داستانلىرىدىكى ئېستېتىك ئالاھىدىلىكلەر(1)

    ئاپتورى: نەسرۇللائابلەت

    مەنبە: تارىم 2011-يىل 10-سان

     

    ئەلىشىر نەۋايى چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داھىيانە ۋەكىلى، 15- ئەسىر ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان نۇرانە قۇتۇپ يۇلتۇزى، ئۇ ئۆز ئانا تىلىدايۈكسەك بەدىئىي ۋە ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە نادىر، ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازغان،ئىجادىيلىققا ئەڭ باي مۇتەپەككۇر لىرىك شائىر.
    مەن بۇ ماقالەمدە ئەلىشىرنەۋايىنىڭ «خەزائىنۇلمە ئانى» دىۋانى(«چاھار دىۋان»)دىكى غەزەللەرنىڭ بىرقىسمى ۋەنەۋايى ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى، نەۋايىنى ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكەئېرىشتۈرگەن ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدا بەيگىگە چۈشەلەيدىغان بارماق بىلەن سانىغۇدەككاتتا نامايەندە »خەمسە« دىكى بەزى داستانلار ئۈستىدە ئېستېتىكا جەھەتتىن مۇھاكىمەيۈرگۈزۈشكە تىرىشتىم.
    نەۋايى غەزەللىرى 2600پارچە بولۇپ، »چاھار دىۋان«نىڭئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. تېماتىك مەزمۇن جەھەتتىن ئۇنىڭ كۆپ قىسمى مۇھەببەتلىرىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى يارقىن ئىپادىلەنگەن. ئۇ مۇھەببەتتېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىنسان روھىنى، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. مۇھەببەتنى، ئالىيجاناب پەزىلەتنى، ئەخلاقنى تەرغىب قىلغان.
    نەۋايىنىڭ لىرىكشېئىر تەرەققىياتىدىكى غايەت زور تۆھپىسى شۇكى، ئۇ لىرىك شېئىرلاردىكى ئەسلىدىكىتار تېما دائىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن تەرەپلەرنى،نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مەدھىيە، كۈي - ناخشا دائىرىسىگە ۋە ئىپادىلەش ئوبيېكتىدائىرىسىگە كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ غەزەللىرى مەزمۇن جەھەتتە پەلسەپە، سوتسىيولوگىيە،سىياسىي ۋە ئەخلاق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ بەدىئىي قىممىتى ۋە ئېستېتىكقىممىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. ئۇنىڭ لىرىكىلىرى مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنىھازىرلىغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ غەزەللىرىدىكى نەپىس، بەدىئىي جاۋاھىراتلار ئەلىشىرنەۋايىنىڭ لىرىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا 15- ئەسىردىلا چىققان گىگانت سېمائىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى تېخىمۇتولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن دۇنيا ۋە جۇڭگو، جۈملىدىن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ مۇھەببەتھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
    دۇنيا ۋە جۇڭگو،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەت تارىخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، مۇھەببەت ۋەدوستلۇق شائىرلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى باش تېما بولۇپ كەلدى. چەت ئەلدە، مەسىلەن: مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 8 - ئەسىردە ياشىغان يۇنانلىق ھومىرنىڭ مەشھۇر ئەسىرى»ئىليادا« قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇھەببەت ۋە دوستلۇققاچەمبەرچاس باغلانغان. ھازىر بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان گىيوتې، شىللېر، بايرون،پۇشكىن... قاتارلىق نۇرغۇن شائىرلارنى مىسال قىلىش تېخىمۇ ھاجەت ئەمەس. جۇڭگونىڭ2000يىلىدىن بۇرۇنقى شېئىرلار توپلامى »شېئىرنامە«نىڭ بىرىنچى قىسمىدا: »ساھىبجامال−− سەتەڭلەرگە يىگىتلەر ئاشىق - بىقارار كېلۇر« دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا غايىۋىمۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىش ئىپادىلەنگەن.
    مۇبادا ھېسسىيات بولمىسا ئىنسانىيەتدۇنياسى پەقەت مۇھەببەت - نەپرەت بولمىغان، شەرەپ - نومۇسنى بىلمەيدىغان، ياخشىلىق- يامانلىق ۋە گۈزەللىك، رەزىللىك قاتارلىق سوبيېكتىپ تەسىراتنى يوقاتقان تېتىقسىزبىر دۇنيا بولاتتى. »شېئىرنامە، دىيار مەنزىرىسى« نىڭ باش قىسمىدا: »ئاقىدۇ دەرياسۈيى يېشىل بوستاننى قۇچاقلاپ، تۇتى قۇش سايرار ھامان تال شاخىدا ئاڭا قاراپ. زىلۋابوي ئۇز - نازىنىن قىلىپ كۆڭۈل ئىزھارىنى، قىلدى ئاشىق بىقارار زەپ يىگىتى - نىگارىنى« دەيدىغان مىسرالار بار. بۇنىڭدا مۇھەببەتكە بولغان سېغىنىش ۋە ئىنتىلىشچوڭقۇر ئىپادىلەنگەن.
    ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرى ئەلىشىر نەۋايى،ئابدۇرېھىم نىزارى، مەشرەپ... ۋە بۈگۈنكى دەۋر شائىرلىرىنىڭ شېئىر - داستانلىرىمۇمۇھەببەت - دوستلۇقتىن ئايرىلغان ئەمەس.
    ئىنسانلارنىڭ جورا ئىزدىشى جەمئىيەت،سىنىپ، ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە يېقىملىق گۈزەل تۈس ئالغان بولىدۇ. ئىنسانلار ھايۋانلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدىن ھالقىپ سىرلىق ھېسسىيات ۋە سىرلىقئۇسۇللار بىلەن مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق تىللاردا داستان بولغۇدەكقانچىلىك مۇھەببەت ھېكايىلىرى، شېئىرلىرى يېزىلغان ھە! دەل ئېنگېلس ئېيتقاندەك: »ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئىنسانىيەت يارالغاندىن تارتىپ مەۋجۇتبولۇپ كەلمەكتە. جىنسىي مۇھەببەت يېقىنقى 800يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شۇنداق مەنەۋە ئورۇنغا ئېرىشتىكى، ئۇ مۇشۇ دەۋردىكى بارلىق شېئىر، ناخشىلار دەۋر قىلىپئايلىنىدىغان مەركەزگە ئايلاندى
    1886-
    يىلى ئاۋسترالىيەلىك روھىي كېسەللىكلەرئالىمى كىبرات. ئايبىننىڭ »پىسخىكىلىق كېسەل« ناملىق كىتابى ئاشكارا نەشرقىلىنغاندىن كېيىن جىنسىي مۇھەببەت مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئاستا - ئاستا راۋاجلىنىشقاباشلىدى. مور، فولېر، فىرىئود قاتارلىق نەچچە ئەۋلاد جىنسىيەت ئالىم - مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق جىنسىيەت ئىلمى −− جىنسىيەت تەدرىجىيتەرەققىيات تارىخى، جىنسىي قوزغىلىش ۋە يېتىلىش ئىلمى، جىنسىيەت ئاناتومىيە ئىلمى،فىزىيولوگىيە ئىلمى، جىنسىيەت تېببىي ئىلمى، جىنسىيەت كىلىنىكىسى، جىنسىيەتپىسخولوگىيەسى، جىنسىيەت ھەرىكەت ئىلمى، جىنسىيەت مائارىپ ئىلمى، جىنسىيەت ئېتىكائىلمى ۋە جىنسىيەت پەلسەپىسى قاتارلىقلار مەيدانغا كېلىپ، جىنسىيەت مەدەنىيىتىتەتقىق قىلىنماقتا.
    گۈزەل مۇھەببەتنى مەدھىيەلەشتە گۈزەل غايىگە بولغان قىزغىنئارزۇ ۋە پاك مۇھەببەتكە بولغان ئىنتىلىش ئىپادىلىنىدۇ. خەلق، بولۇپمۇ ياشلار نېمەئۈچۈن مۇھەببەت قوشاقلىرىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ؟ مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسە گۈزەللىك. ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتگۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئېستېتىكىلىق غايىسىنىڭ بىر تەرىپىنىئىپادىلەيدۇ. يۇنان پەيلاسوپى پىلاتون»ھەقىقىي مۇھەببەت ئەسەبىي ۋە شەھۋانىيلىققايېقىن نەرسىلەرنى ئۆزىدىن يىراققا قوغلاشتۇر« دېگەن ئىدى.
    شىللېرنىڭ مەشھۇر بىرشېئىرىدا مۇنداق مىسرالار بار:

    "بولغاچقا ئۇ سىرلىق − سېھىرلىك،

    بولغان ئىدى شۇنچە قەدىرلىك."

    گىيوتېنىڭ مۇنداق بىر كۇپلېت شېئىرى بار:


    قايسى ياش بولالمىغان سۆيگۈگە ماھىر بىر يىگىت،
    قايسىبىر قىز قالمىغان سۆيگۈ - كۆيۈككە چىگىلىپ.
    سۆيگۈ پاكتۇر−−
    بولىدۇئادەم مۇيەسسەر سۆيگۈگە،
    چىقىدۇ نېچۈن ئۇنىڭدىن پاجىئەلەر ئېتىلىپ؟«
     

    ئەلىشىر نەۋايى »چاھاردىۋان«دا مۇھەببەتنى مۇنداق يۈكسەك مىسرالار ئارقىلىقئىپادىلەيدۇ:


    زاھىد ساڭا ھورو، ماڭا جانانە كېرەك،
    جەننەتساڭا بولسۇن، ماڭا مەيخانا كېرەك.
    يار ئولدۇر كىم تىلىيۇ كۆڭلى ئانىڭ بولسابىر،
    كىم تىلى ئۆزگىيۇ، كۆڭلى ئۆزگىدۇر، ئول يار ئەمەس.


    شائىر بۇ مىسرالاردا تەبىئەت گۈزەللىكىنى ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى پەرقئۈستىگە مۇجەسسەملىگەن ھەم ئۇلارنى ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرغان. ھەقىقىي مۇھەببەتئادەمنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئادەم قەلبىدىكى كۈچنى ھەم يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغايدۇھەمدە چىن دىلدىن بىر گەۋدىگە ئايلانغان ئىككى قەلب ئىپادىلىگەن سەمىمىيەت ۋەشەخسىيەتسىزلىكتىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. دېمەك، نەۋايى مۇھەببەت، ساداقەت ۋە ۋاپانى شۇدەرىجىدە يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەن. نەۋايى ئۆز زامانىسىدا ئىلغار ئىدىيەۋى ئېقىمغاۋەكىللىك قىلىپ، شۇ دەۋردىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىدىيەۋى بويۇنتۇرۇقلىرىنىچېقىپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئالىيجاناب غايىنى مەدھىيەلىگەن.
    »
    چاھاردىۋان«دىكى مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە »خەمسە«دىكى بىرقىسىم داستانلارنىڭ ئېستېتىكئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

    分享到: