ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر: زوراۋان تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازا

ۋاقتى : 2015-03-13  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

03.jpg

«ئىشىنىمەنكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى بارغانسېرى ئازايتقىلى بولىدۇ» 10-مارت شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېچىۋېتىلگەن كۈنىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تاراتقۇلارغا يۇقىرىقىلارنى بايان قىلدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيتىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «قانۇن بويىچە زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش»مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ھەتتا زوراۋان تېررورچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىمۇ ئاكتىپ ماسلىشىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، ياردەملەشكەن ئۇنسۇرلارمۇ ئاتا- ئانىسىغا، يۇرتداشلىرىغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، شىنجاڭدىكى قاتتىق زەربە بېرىش دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

زوراۋان تېررورچىلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە قارشى ماھىيىتى سەۋەبىدىن، چوقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرگەندىلا ئاندىن ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

شۆھرەت زاكىر تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى بەش ئاچقۇچنى، يەنى ئىدىيە مەسلىسىنى ئىدىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش، مەدەنىيەت مەسلىسىنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش، ئۆرپ-ئادەت مەسلىسىنى ھۆرمەت پۇزىتسىيسىدە مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش، دىن مەسلىسىنى دىننىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەسلىسىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى يەكۈنلەپ چىقتى. «مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى قانۇن بويىچە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يادرو، شۇڭلاشقا قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قانۇن بويىچە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت»، دېدى.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا