ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

نارات، بۇيلۇق قاتارلىق بەش مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى ئۆستۈرۈلدى

ۋاقتى : 2015-03-11  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150311014445689.jpg

ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 11-مات خەۋىرى: ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن ۋاقتى يېتىپ كېلىشكىمۇ ئاز قالدى. دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت رايونلىرى كىرىش بېلىتى باھاسىنى «ئۆستۈرۈش» دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ توققۇزتارا ناھىيەسى كۆلدىنەڭ مەنزىرە رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، نارات مەنزىرە رايونى، تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونى ۋە بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى مەنزىرە رايونى قاتارلىق بەش ساياھەت رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى باھاسىدا تەڭشەش ئېلىپ باردى.
بۇنىڭ ئىچىدە توققۇزتارا كۆلدىنەڭ مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى ھەر ئادەم 35 يۈەندىن 60 يۈەنگە؛ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى ھەر ئادەم 50 يۈەندىن 75 يۈەنگە؛ نارات مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى 75 يۈەندىن 95 يۈەنگە؛ تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى 60 يۈەندىن 75 يۈەنگە؛ بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى 48 يۈەندىن 65 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن تۈزۈمگە ئاساسەن بالىلار، ياش ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلار، مېيىپلار، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ۋە ساياھەت كوپېراتىپلىرىغا قارىتا ئېتىبار بېلەت باھاسىنى يولغا قويۇپ، بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە ساياھەت رايونىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىغا بېلەت باھاسى ۋە تەمىنلىنىدىغان مۇلازىمەتنى بىلدۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى.
مەنزىرە رايونلىرى تەمىنلىگەن ئارىلىق ئاپتوبۇسلىرى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قۇيۇش قاتارلىق قاتناش مۇلازىمىتىگە ھەر قايسى ئوبلاست، ۋىلايەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتلىرى مۇناسىۋەتلىك باھا سىياسىتىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.
مەنزىرە رايونلىرىدا باغچا ئىچىدە باغچا قۇرۇشقا، ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە بېلەت باھاسى ۋە ئارىلىق ئاپتوبۇسى قاتارلىق مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى قاتناش تىرانسپورت مۇلازىمىتى باھاسىنى بېكىتىشكە، كىرىش بېلىتى بىلەن ئارىلىق ئاپتوبۇسى قاتارلىقلارنى باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.
تەرجىمىدە: ھاجىم

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا