مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى خوتەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى
چېن فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى ئابلىمىت ئەخمەتتوختى 12 – مارت مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئىزچىل ياخشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېزلىشىپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈنسېرى ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىن ئىناقلىقى كۈچەيدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ھاللاندى، تۈرلۈك ئىشلار كۆرۈنەرلىك راۋاجلاندى.
خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئابلىمىت ئەخمەتتوختى خوتەندىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى پەخىرلەنگەن ھالدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى قاقاسلىقلارغا ھازىر نۇرغۇن كارخانا ماكانلىشىپ، سانائەت رايونىغا ئايلاندى؛ دېھقان – چارۋىچىلار ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، 60 ياشتىن ئاشقان دېھقانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بار، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە...
ئابلىمىت ئەخمەتتوختى بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا سۇنغان توققۇز تەكلىپنىڭ ھەممىسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا ئاز سانلىق مىللەت ساھەسى، دىن ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئامما ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش، مەركەزلىك تۇتاش نامرات رايونلاردا نامراتلارنى توغرا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپ.
‹‹بىر ئوچۇم دىن ئەسەبىيلىرى ۋە زوراۋان – تېررورچىلار مىللەت، ئىنسانىي ھوقۇق ۋە دىننىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ چېكىدىن ئاشقان ۋەقەلەرنى سادىر قىلىپ، ھەققانىيەتنى دەپسەندە قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى سالدى، ئىسلام دىنىنىڭ ئىناۋىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىنى زور دەرىجىدە خۇنۈكلەشتۈردى، بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا شۇنداق بايانات ئېلان قىلىمىزكى، ئىسلام دىنى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەبىي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!›› دېدى ئابلىمىت ئەخمەتتوختى.
ئابلىمىت ئەخمەتتوختى مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنى تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ئوتتۇرھال يولدا چىڭ تۇرىدىغان دىن. ئوتتۇرھال يولدا چىڭ تۇرۇش قۇرئان ھەدىسنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسى، تېخىمۇ مۇھىمى مۇسۇلماننىڭ مۇھىم ئالاھىلىكى. ئىسلام دىنى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەبىيلىككە، خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، دىنىي ئېتىقادى ۋە نام – ئابرۇيى، ئىززەت – ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. دىن، مىللەتنى دەستەك قىلىپ بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى ئىسلام دىنى رەزىللىك دەپ قارايدۇ.
ئابلىمىت ئەخمەتتوختى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مىللەت، دىن ساھەسىدىكى نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرىمىز، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى ۋە دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھال يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى، دىننى، خەلقنى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرىمىز، قۇرئاننى ئىلمىي تەپسىر قىلىپ، توغرا ئۆگىنىپ، دىنىي ئەھكاملارنى توغرا چۈشىنىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسىمىز. مۇسۇلمانلارنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى، خوتەننىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھەر مىللەت خەلق تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىقتىساد تېخىمۇ راۋاجلىنىدۇ!