ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدىكى مۇددىتى توشقان يېقىلغۇ گاز سائىتى ھەقسىز ئالماشتۇرۇلىدۇ

ۋاقتى : 2015-03-11  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150311061354798.jpg

خەلق تورىنىڭ 10-مارت خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى نۇسخىدىكى «ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېقىلغۇ گازنى باشقۇرۇش نىزامى» 3-ئايدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، نىزامدا يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ۋە يېڭىلاشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ئەمدى مۇددىتى توشقان گاز سائىتىنى ھەقسىز ئالماشتۇرالايدۇ.
يېڭى نىزامدا بەلگىلىنىشىچە، 3-ئايدىن كېيىن مۇددىتى توشىدىغان ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان گاز سائىتىنى يېقىلغۇ گاز كارخانىسى مەسئۇل بولۇپ ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان گاز سائىتىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن كارخانىلار پۇل چىقىرىپ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېقىلغۇ گاز ئابونېنتلىرى بىر مىليون 110 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئىشلىتىش مۇددىتى توشقان گاز سائىتىدىن تەخمىنەن 500 مىڭغا يېقىنى بار ئىكەن. 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى ئىشلىتىش مۇددىتى توشقان ئابونېنتلار ئۆزى ھەق تۆلەپ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرىدۇ، ھەر بىر گاز سائەت ھەققى ۋە ئورنىتىش ھەققى تەخمىنەن 400 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.
نۆۋەتتە ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان گاز سائىتىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چېن جۈنشياڭنىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە شىركەت ئابونېنتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى رەتلەۋاتقان بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز سۈرئەتتە كۆپچىلىك ئۈچۈن گاز سائىتىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا نىزامدا بەلگىلىنىشىچە، ئاھالىلەر ئىشلەتمەيدىغان ئۆي ئىچىدىكى گاز ئەسلىھەلىرىنى يىلدا ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم تەكشۈرۈش، ئاھالىلەر  ئابونېنتىنى ھەر ئىككى يىلدا ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم تەكشۈرۈش، بەش كۈن بۇرۇن ئابونېنتقا ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەمدە ئابونېنتلارنىڭ بىخەتەر گاز ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋاقتىدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىردەك بەلگسىى بار كىيىم كىيىپ، ئىناۋەتلىك خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىش قاتارلىقلار بەلگىلەندى.
تەرجىمىدە: ھاجىم
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا