تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10-مارت خەۋىرى: قىش ۋە ئەتىياز ئالمىشىۋاتقان مەزگىللەردە، ھاۋارايىدا تولا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ بۇ ھەپتىلىك تېمپېراتۇرىسى ئازراق بىنورمال بولۇپ، ھاۋاراينىڭ ئۆزگىرىشى تۇراقسىز بولۇپلا قالماستىن يەنە پەيشەنبە كۈنى (3-ئاينىڭ 12-كۈنى) ئازراق قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا 4℃ قا يېقىن تۆۋەنلەيدۇ.
3-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ئىسسىپ كەتتى. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە تورى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 3℃ بولغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 8℃ قا يېتىدىكەن. بۇ پېتى كېتىۋەرسە ھاۋا ناھايىتى تېزلا ئىللىپ كېتىدۇ. ئەمما قىش ۋە ئەتىياز پەسلى ئالمىشىۋاتقان مەزگىلدە ئاتموسفېرا ھاۋا ئېقىمى تۇراقسىز بولۇپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىمۇ بىر قەدەر كۆپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ چارشەنبە كۈنى (3-ئاينىڭ 11-كۈنى) بىر سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۈرۈمچىگە تەسىر قىلىشنى باشلايدىغان بولۇپ، بۇ تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى توسۇپ قالىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئازراق قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرا ھال قار ياغىدۇ، 4 بالغا يېقىن غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، ھەر قايسى جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 4℃ قا يېقىن تۆۋەنلەيدۇ. 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە ھاۋا دەسلەپ بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئازراق قار ياغىدۇ، شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 3℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -3℃ ئەتراپىدا بولىدۇ. 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ھاۋا ئېچىلىپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا -5℃ ئەتراپىدا بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى كېچىدىن 11-كۈنىگىچە، ئىلى دەريا ۋادىسى، تارباغاتاينىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي، بورتالا، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇرا ھال قار ياغىدۇ.
3-ئاينىڭ 11-كۈنى كېچىدىن 12-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونى، قۇمۇلنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئازراق يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغنى چۆرىدىگەن ئەتراپلىرىدا، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئوتتۇرا ھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ. شىمالىي، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 8 ~ 9 بال شامال چىقىدۇ. تېمپېراتۇرا 5℃ ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.
تەرجىمىدە: ھاجىم