ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: ياشىن تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق «خەلق رازى بولغان مەمۇرىي» ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» نى تەقدىرلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. رەشىدە ئابلا قاتارلىق 31 نەپەر يولداش «خەلق رازى بولغان مەمۇرىي» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە جەمئىيەت كاپالەت ئىدارىسى قاتارلىق 15 مەمۇرلار كوللېكتىپى «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
«بۇ يالغۇز مەن بىر ئادەمنىڭلا شەرىپى ئەمەس، بۇ بارلىق ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ شەرىپى.» رەشىدە ئابلا شۇنداق دەيدۇ. 1988- يىلى، رەشىدە ئابلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونىغا تەقسىم قىلىنىپ ئىشقا چۈشىدۇ، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سايباغ رايونلۇق 1- ئاۋغۇست كوچىسى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى، خوڭمىياۋزى كوچىسى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى، پىڭدىڭشەن ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلەيدۇ. مەيلى قەيەرگىلا بارسۇن، ئۇنىڭ قىزغىنلىقى ئەزەلدىن ئۆزگەرمەيدۇ. رەشىدە ئابلا مۇنداق دەيدۇ: ئاساسى قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنمەن، ئۇنداقتا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىشلىشىم كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئاندىن ئاممىغا ئەڭ يېقىن ئادەم بولالايمەن.