ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن مۇنداق دېگەن: شىنجاڭلىقلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ IS كە قاتناشقانلىقى ھەقىقەتەن بار ئىش، بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ، شىنجاڭمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بىز يېقىندا بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىپ جەڭ قىلىپ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پىلانلىغان جىنايەت توپىنى بايقىدۇق.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پاتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن مۇنداق دېگەن: ھازىر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ۋەزىيىتى «ئۈچ مەزگىل ئۆز ئارا بىرلىشىپ كەتكەن»، تىرولۇق جىنايەت ۋەقەلىرى جانلىنىپ قالغان دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا يەنە تىرولۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى ناھايىتى كەسكىن دەۋردە تۇرماقتا. ھازىرقى جىنايەت ۋەقەلىرىنىڭ %95 نىڭ ھەممسىنى ئالدىن بايقاۋاتىمىز ياكى تارمار قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى خەلق ئاممىسى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن، مەسىلەن تىروچىلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى، قوشنىلىرى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغاندا مۇنداق دېدى: تېررورلۇق ۋەقەلىرى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا كۆپىيىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدا مەدەنىيەت، تارىخ قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، بىر كۈن ئىچىدىلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى ساقچىلارنىڭ قۇربان بولۇش نىسبىتى ئىچكىرىدىكى ساقچىلارنىڭ قۇربان بولۇش نىسبىتىنىڭ 5.4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، 2013- يىلى شىنجاڭدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن كادىرلارنىڭ سانى 230 دىن ئاشىدۇ، بۇ ئوتتۇرىچە ساندىن خىلىلا كۆپ، شىنجاڭدا قۇربان بولغانلار پۈتۈن جۇڭگونىڭ %31 نى ئىگىلەيدۇ.