مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ تۇنجى ئاياللار ‹‹ئالاھىدە قىسمى›› بولغان ‹‹قار بۈركۈتى ئاياللار جىددىي ئەھۋال تارماق ئەترىتى›› 11-مارت شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى مەشىق بازىسىدا قۇرۇلدى. شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ‹‹قار بۈركۈتى ئاياللار ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال تارماق ئەترىتى›› شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى 2012-يىل ئاپرېلدا تەشكىللىگەن ئاياللار ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال تارماق ئەترىتى بولۇپ، ئايال جەڭچىلەر 3 يىلدىن بۇيان قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىي جەڭ مەشىقى جەريانىدا ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان، ئۇرۇشتا ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان، جاپالىق مەشىق ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرەلەيدىغان خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا تۆھپىلەرنى قوشقان، ھازىر بۇ قوشۇن شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ بىر بايرىقى بولۇپ قالدى.