ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايۇنىغا 250 نەپەر ياردەمچى ساقچى ئېلىنىدىكەن

ۋاقتى : 2015-03-12  مەنبەسى : iyaxin.com  يوللىغۇچى : ئەمەتجان  

xiejing.gif

ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: ياشىن تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك تارماق ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىنىڭ چارلاش- مۇداپىئە كۆرۈش چوڭ ئەترىتىگە 250 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
قوبۇل قىلىش شەرتى: قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورنى تەلەپ قىلىدىغان ئاساسى بىلىمى بولۇشى، ياخشى بولغان كەسپى ئەخلاقى، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلالايدىغان بەدەن ساپاسى بولۇشى كېرەك. تىزىملاتقانلارنىڭ نوپۇس تەۋەلىكى، مىللىتى چەكلەنمەيدۇ، تۇلۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە بولۇشى، يېشى 18-35 ياشلار ئەتراپىدا (1980- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1997- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلغان، بۇنىڭىدا نوپۇس كىنىشكىسىدىكى تۇغۇلغان ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ) بولۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزاسى، كەسىپ ئالماشقان ھەربىي ياكى ئالاھىدە ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكى بار كىشىلەرگە شەرتنى كېڭەيتىشكە بولىدۇ.
ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئاساسى مائاشى ھەر ئايدا 3500 يۈەن (جەمئىيەت سۇغۇرتىسىنىڭ شەخسلەر تاپشۇرغان قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولىدۇ، ئورۇن بەلگىلىمىگە ئاساسەن «5 خىل سۇغۇرتا» نى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ؛ يىللىق باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلارغا بەلگىلىمىگە ئاساسەن يىلدا ئاساسى مائاشىغا 50 يۈەن قوشۇپ بېرىشكە بولىدۇ؛ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ ئارام ئېلىش، تۇغۇت ئارىمى ئېلىش، تۇغقان يوقلاپ كېلىش ئارىمى ئېلىش قاتارلىق پاراۋانلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. 
چارلاش- مۇداپىئە كۆرۈش چوڭ ئەترىتى يېرىم ھەربىيلەش تۈزۈم بۇيىچە باشقۇرىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ياتاق ۋە ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، فورما شەكلىدىكى كىيىم ۋە ساقچىلار ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى تارقىتىپ بېرىدۇ؛ ئىش ئورنىدا ئۇدا 2 يىل توشقۇزۇپ خىزمەت قىلىپ، يىللىق باھالاشلاردا لاياقەتلىك بولغانلارنى ئۈرۈمچى نوپۇسىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ؛ بۇ ئىش ئورنىدا ئۇدا 3 يىل ئىشلەپ، يىللىق باھالاشلاردا لاياقەتلىك بولغانلار، شەرتكە ماس كەلسە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەشكىللىگەن كەسپى ئورۇنلاردا شىتاتقا كىرگۈزۈش ئېمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.
تىزىملاش ۋاقتى: 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە (ئارام كۈنلىرى ئارام ئالمايدۇ)، ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 10:30 دىن 18:00 كېچە. تىزىملاش ۋە ئېمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىش ئورنى: ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە جەمئىيەت كاپالەت ئىدارىسى.
نەق مەيداندا تىزىملاتقانلار ئېلىپ كېلىشكە تېگىشلىك ماتېرىياللار: ئۆزىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، ئەسكەرلىكتىن چېكىنىش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش 1 سۇڭلۇق رەسىمدىن 3 پارچە، ئىككى يۈزىنى چىقىرىپ تولدۇرۇپ تاماملىغان «ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونلۇق چارلاش- مۇداپىئە كۆرۈش چوڭ ئەترىتىگە ياردەمچى ساقچلىققا تىزىملىتىش جەدىۋېلى» دىن بىر نۇسخا، ئىككى يۈزىنى چىقىرىپ تولدۇرۇپ تاماملىغان ھەمدە ساقچىخانا ۋە ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي تامغىسى بېسىلغان «يېڭى شەھەر رايونلۇق چارلاش- مۇداپىئە كۆرۈش چوڭ ئەترىتى ياردەمچى ساقچىسىنى سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش جەدىۋېلى» دىن بىر نۇسخا.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا