ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: ياشىن تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەپ كېتىشى، كىچىك تىپتىكى كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى قىيىن بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى جىيەنگو ئىككى يىغىندا تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت چەت رايونلىرىنىڭ سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك، دېدى.
لى جىيەنگو مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سۈت كالىسى سورتىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەۋزەللىكى بار بايلىقلارنى بىرلەشتۈردى، «ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانى»، سۈت كالىسى نەسلىگە تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق يۆلەش سىياسىتى قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، سۈتچىلىك كۆلىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى ۋە سۈتچىلىك تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ئەمما 2014- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سۈتچىلىك كەسپى تەرەققىياتى تۈز سىزىق بۇيىچە تۆۋەنلەپ، سۈت باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، دېھقانلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى.
«چارۋىچىلىق كەسپى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ يوشۇرۇن كۈچى بار ئەۋزەل كەسىپلەر ھېسابلىنىدۇ، سۈتچىلىك چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى دېھقانچىلىق كەسپى ۋە يېزا ئېىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ چەت رايۇنىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەگەر دۆلەتنىڭ باشقىلار بىلەن پەرقلىنىدىغان سىياسىتىنىڭ قوغدىشى ۋە يۆلىشى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ سۈتچىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بولۇپ قالىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سۈتچىلىككە تايىنىپ بېيىشىمۇ قىيىن بولۇپ قالىدۇ.
ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان مېخانىزم تۈزۈپ چىقىپ، سۈتچىلىكنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، يېڭى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كۈزەتچلىك قىلىشنى كۈچەيتىش؛ ئۈچىنچىدىن، قاراتمىلىق بىلەن شىنجاڭ قاتارلىق غەربتىكى رايونلارنىڭ سۈتچىلىك تەرەققىياتىنى يۆلەش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش؛ شىنجاڭنىڭ «ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىغان سۈت پىلانى» نى تەسىس قىلىپ، تولۇقلىما ياردەم بېرىدىغان تۈرلەرنى كېڭەيتىش.