خۇش خەۋەر: قارلۇقتىن يېڭى ئويۇن «چاپ پاقلان!»
ھېكىم قاسساپنىڭ ئارغامچىسىدىن پاقلاننى قۇتقۇزۋېلىڭ!
ئەپ نامى: چاپ پاقلان
ئەپ تىلى: ئۇيغۇرچە
ئەپ ئىشلىگۈچى: قارلۇق شىركىتى
ۋاقتى: 2015-يىلى 8-يانۋار
ئەپ نەشىرى: 1.0
ئەپ سىغىمى: 17MB
ھېكىم قاسساپ ھويلىدىكى پاقلاننى سويماقچى بولۇپ، پاقلاننىڭ ئارغامچىسىنى ئاستا تارتتى، بىراق ئەقىللىق قوشقار بۇنىڭغا ئەلۋەتتە يول قويمايدۇ دە……ئۇ ھېكىم قاسساپنىڭ ئەتراپىدا تېز چۆرگىلەپ، ئارغامچا بىلەن ھېكىم قاسساپنىڭ پۇتىنى بىر بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، ئۇنى يىقىتتى ۋە كۈچەپ بوينىدىن ئارغامچىنى بوشىتىپ، قېچىشقا ئاتلاندى.
باشقا ئۆي ھايۋانلىرى پاقلاننىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى ھەم ھەممەيلەن تەڭلا:
-قاچ پاقلان!قاچ! -دىيىشتى.
ھېكىم قاسساپ بولسا، ئاچچىقىدا قولىدىكى ئارغامچىدا سىرتماق ياساپ پاقلاننى قوغلىدى…
دوستۇم، ئەمدى گەپ سىزدە قالدى! ئەقىللىق پاقلاننى ھېكىم قاسساپنىڭ تۇتىۋىلىشىغا يول قويماڭ! توسۇقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ پاقلاننى قۇتقۇزۇپ قېلىڭ!!!
قارلۇق شىركىتىنىڭ بۇ يېڭى ئويۇنىنى چۈشۈرۈۋېلىپ، ئانا تىل ھوزۇرىنى سۈرۈڭ!
ئانجروئىد ئابونتلىرى تۆۋەندىكى ئادرېسنى چەكسىلا چۈشۈرەلەيدۇ
چاپ پاقلان (ئانجروئىد نۇسخىسى)
ئالما ئابونېنتلىرى تۆۋەندىكى ئادرېسنى چەكسە چۈشۈرەلەيدۇ
قارلۇق شىركىتىنىڭ باشقا ئەپلىرىنى چۈشەرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېسنى چېكىڭ!