شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ «ئېھسان ياغچىلىق چەكلىك شىركىتى» ھەمكارلاشقان «دەۋىر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى ۋە مۇھەممەتجان راشىدىن شىئېرلىرى مۇشائىرە -مۇھاكىمە پائالىيىتى »نىڭ 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن غۇلجا شەھىرى «ئىلى ئالى مېھمانسارىيى» دا ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەت توغرىسىدا ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىم
بىز ئانا تۇپراق تورى نامىدىن ئېھسان ياغچىلىق چەكلىك شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئىلى ئوبلاستلىق خەلقھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جۇمان، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىليار ساتتار، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى باقىت مۇقامەتقان، غۇلجا ناھىيەلىك پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مىنەۋەركېرىم قاتارلىق رەھبەرلەر، شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ۋە ئىلىدىكى شائىر، يازغۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق ئادەمقاتناشتى.
پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى باقىت مۇقامەتقان سۆز قىلدى.شائىرلىرىمىزدىن سەمەتئابدۇراخمان قۇچىغۇن، ئەسقەر ياسىن، ئادىل تۇنىياز، ئەركىن نۇر، ئابلەت ئابدۇللا، شاۋكەت ئىبراھىم، دولقۇن روزى قاتارلىقلار ئۆز ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئىلى كەسپىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو»، ئاتاغلىق شائىرتىيىپجان ئېلىيوفنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»ناملىق شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
ئازات سۇلتان، ئابدۇۋەلى كېرىم، قاسىم سىدىق، نىجات سوپى قاتارلىق ئوبزورچى ۋە تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەتجان راشىدىن ئىجادىيىتى ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقىدى.تاشمۇھەممەت باتۇر، بىلال، خۇيزۇ ناخشىچى خاركى، مۇيەسسەر، ئىكرام قاتارلىق ناخشىچى – سەنئەتچىلىرىمىز شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىئېر ۋە ناخشا تېكىستلىرىگە ئىشلەنگەن ناخشىلىرىنى نەق مەيداندا ئورۇنداپ پائالىيەتكە تېخىمۇ ھۆسۈن قوشتى.
پائالىيەتتە يەنە،شىنجاڭ «ئېھسان ياغچىلىق چەكلىك شىركىتى»بىلەن غۇلجا ناھىيەلىك پارتىكوم بىلەن خەلق ھۆكۈمىتى مۇھەممەتجان راشىدىنغا ئالاھىدە تون ۋە ئاتلارنى تەقدىم قىلىپ شائىرغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىلىدىكى ئابلەت ئابدۇللا، تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن،قېيۇم سوپى قاتارلىق ئۈچ نەپەر پىشقەدەم شائىرغىمۇ ھۆرمەت تونى ياپتى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئاينۇر مۇھەممەد خەۋىرى؛
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ئېھسان ياغچىلىق چەكلىك شىركىتى ھەمكارلاشقان "دەۋىر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى ۋە مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى مۇشائىرە-مۇھاكىمە پائالىيتى" 11-نويابىر ئىلى ئالىي مىھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن كەلگەن ئەدىبلىرىمىز،ھۆرمەتكە سازاۋەر يۇرت كاتتىلىرىدىن بولۇپ 300گە يېقىن كىشى پائالىيەتكە قەدەم تەشىرىپ قىلدى.
ئىلى ئۆزىنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى، كەڭ ۋە مۇنبەت زىمىننى بىلەن بىلەنلا ئەمەس يەنە باي ۋە رەڭدار مىللىي مەدەنىيىتى بىلەنمۇ جۇلالىقتۇر. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئەپەندى مۇنداق دېدى:ئەدەبىيات-سەنئەت نۇقتىسدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىلى دىيارى ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى دىراماتورگيىسى،رىيالىستىك پروزىسنى يېڭى بىر ئېراغا ئېلىپ كىرگەن يۇرت. زۇنۇن قادىر يازغان دىرامملار بىزنىڭ ئۇيغۇر زامانىۋى دىراماتورگىيسىدە باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىنكىلارنىڭ پروزىسى بىزنىڭ ھىكايچىلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدى.ئويغۇر پروزىچىلىقى شۇ ئاساستا راۋاجلىنىپ تەرەققىي قىلدى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ناخشا-كۈيلىرى بۇ يەردە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەپ،بېيىپ ھەر خىل مەدەنىيەتنىڭ ئامىللىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن. بۇ غۇلجا خەلقىنىڭ ئىجاتكار، ئىشچان، ئەقىللىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئازات سۈلتان ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان "دەۋىر مىلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى"مۇشائىرە پائالىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەت نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانات يايدۇرىۋاتقان "ئەلراينى بىلش،ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش"پائاليىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى،ئاساسىي قاتلاملاردىكى خەلق ئاممىسنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخمۇ بېيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەقسەت قىلىپ ئويۇشتۇرۇلغان.پائالىيەت بۇ يىل 5-ئايدا شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ زالىدا باشلىنىپ قەشقەر،خوتەن ،ئاقسۇ،كورلا،تۇرپان ۋە قومۇل قاتارلىق جايلاردا داۋام قىلدى.بۇ پائالىيەتنىڭ دىيارىمىزدىكى ئېلىپ بېرىلىشى ھەر مىللەت ئاپتورلىرىنىڭ ئىجادىيتىگە زور مەدەت ۋە ئىلھام بولۇشى بىلەن بىرگە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ قېتىم بۇ پائالىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ،ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شىئىرىيتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بېرى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋىر شىئىرىيىتىدە خاس ئورۇن ۋە تەسىرگە ئىگە، يېقىشلىق ، ئاممىباب ئەسەرلىرى بىلەن شېئىرخۇمار خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان پىشقەدەم مۇھەممەتجان راشىدىن ئەسەرلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە باشلاندى.
-تالانتىلىق شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇقراق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئۆزىنى شېئىرىيەتكە بېغىشلىغۇچى شائىر سۈپتىدە ھارماي-تالماي ئىزدىنىپ ،يۇقىرى سۈپەتلىك ،مۇل مەزمۇنلۇق شېئىرىي مىۋىلىرى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر ئەدەبىيات مۇنبىردىكى خەلق ئاممسىى ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇنەۋۋەر شائىرغا ئايلاندى.ئۇنىڭ قويۇق مىللىي پۇراققا ،يۈكسەك جەلپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەدەبىي ئۇسلۇبى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدىلا ئەمەس قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىچىدىمۇ جەلپىكار شائىرغا ئايلاندۇرىدى –دېدى ئىلى پىداگوكىكا ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ پرافىسورى ، ئەدەبىي ئوبزورچى ئابدۇۋەلى كېرەم ئۆزىنىڭ "شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ ئەدەبىي ئۇسۇللىرى توغرىسىدا"ناملىق ماقالسىدا.
ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇر مۇنداق دېدى :مەمەتجان راشىدىن ئەل سۆيىدىغان ۋە ئەلنى سۆيگەن بىر شائىر.مەن ئۆزۈم ئۇنىڭ شىئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن.مەمەتجان راشىدىن ناھايتتى ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىللار بىلەن خەلقنىڭ تەلپىنى،ۋەتەنگە،ئاتا -ئانىغا بولغان مېھىرى قاتارلىقلارنى شېئىرىي تىل ئىپادىلەپ بەردى. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرىنىڭ ناخشا تېكسىتىغا ئايلىنىپ مۇزىكا بىلەن تېخمۇ خەلقنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلدى.ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۇزىكا بولۇپ تۇراق،قاپىيەلەر ناھايتتى تويۇنغان.مەن مەمەتجان راشىدىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ۋە ئۆمۈرىگە بەرىكە ت تىلەيمەن.
پائالىيەتتە سەمەت ئابدۇراخمان،شاۋكەت ئىبىراھىم،ئادىل تۇنىياز،ئابلەت ئابدۇللا قاتارلىق ،ئەسقەر ياسىن ،ئەركىن نۇر ،دولقۇن روزى قاتارلىق شائىرلىرىمىز "سەن ئابرالنىڭ ئاشىق بۇلبۇلى" قاتارلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل لېرىكلىرىنى ئوقۇپ پائالىيەتنىڭ مەزمۇننى تېخمۇ بېيتتى .
ئىلى پىداگوكىكا ئىنستۇتى ئەدەبىيات فاكولتتىنىڭ دوسىتسنتى ئابىدە ئىبىراھىم مۇنداق دېدى: تەتقىقاچىلاردىن ئابدۇۋەلى كېرەم،نىجاد سوپى قاتارلىق تەتقىقاچىلار مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شېئىرىيتىگە نەزەرىيىۋى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئىنتايىن ياخشى باھا بەردى ھەم مۇھەممەتجان راشىدىنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ خەلقنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭ ياڭراق كۈيلىرىنى يەنە بىر قىتىم ياڭراتتى.مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شىئىرلىرى ئۇنىڭ تۆمۈر قەلىمىدىن ئەمەس بەلكى يۈرەك تومۇرلىردىن ئېقىپ چىقىدۇ.ئۇ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا،كۆڭۈل كۈيىگە ھەققىي چۆككەن شائىر.شۇڭلاشقامۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ يازغان شېئىرلىرى خەلقنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدۇ. ئۇنىڭ شىئىرلىرى ھەققىي تۇرمۇشتىن يەكۈنلىگەن پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ يەكۈنى بولغاچقا خەلق ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقىغان چاغدا خۇددى مۇھەممەتجان راشىدىن خۇددى ئۆزىنىڭ كەچۈرمەشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك ھىسياتقا كېلىدۇ.ھەمدە مۇھەممەتجان راشىدىننى ئۆز قەلبىنى، ئۆز كەچمىشنى تونۇپ يېتەلەيدىغان شائىر دەيدىغان ھېس-تۇيغۇغا كېلىدۇ.بۇ نۇقتىدىن بىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرىنى خەلقنىڭ كۈيى، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى دەپ باھا بەرسەك بولىدۇ.
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىغا ئىشلەنگەن ناخشلار، ناخشچىلىرىمىز تەرىپىدىن تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا ياڭراپ،خەلقىمىزگە مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كەلمەكتە. پائالىيەتتە تاشمۇھەممەد باتۇر،سايتىجان سادىق،خاركى،مۇيەسسەر،بىلال،بەھرام قاتارلىق ناخشچىلىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئاكىنىڭ شېئىرلىرىغا ئىشلەنگەن ناخشلارنى ئورۇنداپ پائالىيەتنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى ئەۋجىگە چىقاردى.
شىنجاڭ ئېھسان ياغچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم بۇ پائالىيەتنىڭ ھۆرمەت ساھىبى ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىغا شۇنىڭدەك ئىلىدىكى پىشقەدەم شائىرلاردىن ئابلەت ئابدۇللا، تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن، قېيۇم سوپى قاتارلىقلارغا تون كەيدۇرىدى.
كۆپچىلىكنىڭ گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا مۇنداق دېدى: مەن خەلق ياقتۇردىغان شېئىرلارنى يازدىم. مېنى خەلقىم قەدىرلىدى،مېنىڭ شېئىرلىرىمغا يۇقىرى باھا بېرىپ "خەلق شائىرى"دەپ نام بەردى. بۇنىڭغا مەن قانچىلىك رەھمەت ئېيتسام ئەرزىيىدۇ.مېنىڭ شېئىرلىرىمدىن سۆيۈنگەن خەلقىم ماڭا تون كەيگۈزدى.بۇلار مەن ئۈچۈن كاتتامۇكاپات. بىر ئادەمنىڭ شېئىر يېزىپ بۇنچىلىك ئابرۇيغا ئېرىششى ئاسان ئەمەس.مەن بۇنىڭدىن ناھايتتى خوشال.
مۇھەممەتجان راشىدىن يەنە ئۆزىنىڭ "ياشايلى"دېگەن شېئىرىنى ئوقۇپ بەرگەندە كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ بۇ سۈيۈملۈك شائىرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئۆمۈرىگە بەرىكەت تىلەشتى.
ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئەپەندى پائالىيەتنى خۇلاسىلاپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئەدەبىيات ئەڭ چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.ئەدەبىيات تارىخىنى ئەمەلىيەتتە شېئىرىيەت تارىخى دېيشىكىمۇ بولىدۇ."قوتادغۇبىلىك"تىن تارتىپ ھازىرغا كەلگۈچىلىك بىزگە شان-شەرىپنى كەلتۈرۈگەن ئەسەرلىرىمىز نەزمە شەكلىدە كەلگەن شېئىرلار.خەلقمىز ئۇنتۇلمايدىغان تۆھپىكارلارمۇ شائىرلار.بىراق يېقىنقى يىللاردا بازار ئىگىلىكى تۈپەيلى بىزنىڭ شېئىرىيتىمىز ئازۇر-كۆپتۈر تەسىرگە ئۇچرىدى.بىر قىسىم شائىرلىرىمىز شىئىرىيەت سېپىدىن چىكىنىپ چىقىپ كەتتى.بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شېئىرىيىتىمىز يىگىلەپ قىلىۋاتقاندەك بىر ھالەتنى سەزدۇق.بىز بۈگۈنكى پائالىيەت ئارقىلىق ھۆرمەتكە سازاۋەر ،خەلق بىردەك ئېتىراپ قىلدىغان بايراقدار شائىرىمىزغا تون كەيدۈرۈپ، كىشلەرگە شائىرلارنى قانداق ئۇلۇقلاشىنى بىلدىغان خەلق ئىكەنلىكىمىزنى تونۇتتۇق.مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندى ھەقىقەتەن خەلقنىڭ كۆزلىگىنى ،ئويلىغىنى، ئىنتىلىگىنىنى يېزىپ كەلگەن شائىر. ئۇنىڭ شىئىرلىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر ناۋايى بىلەن ئابدۇقادىر دامۇللام،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،تېيىچان ئېلىيۇپ بىلەن يىلتىزداش، تومۇرداش.
شىنجاڭ ئېھسان ياغچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم مۇنداق دېدى: غۇلجا مىللىي سانائەتنىڭ بۆشۈكى.2012-يىلى بىز سۈيدۇڭ ناھيسىگە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشنى پىلانلاپ ئىشقا كىرشكەندىن بويان ئىلى دىيارىدىكى خەلق بىزگە كەڭ قۇچاق ئېچىپ،بىزنى قوينىغا ئېلىپ كۆپ مەددەتلەرنى بەردى ۋە قوللىدى. خەلقنىڭ قوللاپ –قۇۋەتلىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلدۇق. ھەر قايسى ئۇستازلارنىڭ بىزگە بەرگەن مەدىتى بىزنىڭ مەبلىغىمىزنى كۆپەيتىشمىزگە سەۋەپجى بولدى. ھازىر بىز 50مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ئىككى يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ ئىشلەپچقىرىشقا كىرشتۈرۈپ مەھسۇلاتلىرىمىزنى بازارغا سالدۇق. بىز قېينىچلىقى بار ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىشىغا، ئوقۇشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتىن سىرىت يەنە ئىلى دىيارىدىكى خەلقىگە ئازىراق بولسىمۇ بىر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش مەقستىدە ،خەلقىمىز ئۈچۈن ئۈن-تېنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق تۆھپىكارلىرىمىزغا ئۆز ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈشىنى توغرا تاپتۇق.