ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: غەلىتە ئۇرۇشنىڭ بىرىنچىسى، 1896- يىلى ئەنگىلىيە بىلەن شەرقى ئافىرىقىدىكى ئارال دۆلەت زانزىبار (ھازىر تانزانىيەدىكى بىر ئاپتۇنۇم رايۇن) ئارىسىدا دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا ئۇرۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش پەقەت 40 مىنۇت داۋاملاشقان بولۇپ، زانزىبار تەرەپ تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ قىسقا ئۇرۇش ئەنگىلىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.
غەلىتە ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچىسى: بىر چوشقا سەۋەبىدىن پارتىلىغان ئۇرۇش بولۇپ، يەنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئارىسىدىكى 1859 يىلىدىكى ئۇرۇش. ئۇرۇش مۇنداق پارتىلىغان: بىر ئامېرىكىلىق دېھقان مەلۇم بىر ئارالغا بېرىپ، بۇ ئارالنى ئۇنىڭ مۈلكى دەپ جاكارلىغان ۋە بۇ ئارالدىكى بىر چوشقىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەمما بۇ چوشقىنىڭ ئۈستىدە ئېگىسى بار بولۇپ، ئېرلاندىيەلىك بىر ئادەمنىڭ ئىدى (ئەينى چاغدا ئېرلاندىيە ئەنگىلىيەگە تەۋە) . شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەت بىر- بىرسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان، بىراق ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ئۇرۇشمىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇرۇش توختۇتۇش كېلىشىمى ئېمزالىغان، بۇ چوشقا بۇ قېتىملىق جەڭدىكى بىردىنبىر «قۇربان» بولغۇچى بولۇپ قالغان.
غەلىتە ئۇرۇشنىڭ ئۈچىنچىسى: ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان، ئەمما ئادەم ئەڭ ئاز ئۆلگەن ئۇرۇش بولۇپ، بۇ ئۇرۇش 335 يىل داۋاملاشقان. ئۇرۇش قىلغان ئىككى تەرەپ گوللاندىيە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى ئارال Scily ئىكەن، بۇلار 1651- ئۇرۇش ئېلان قىلىشىپ، 1986- يىلىغا كەلگەن ئاندىن تېنىچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكەن. ئۈچ ئەسىر داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشتا بىر پاي ئوقمۇ ئېتىلمىغان. بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئەنگىلىيەنىڭ 2- قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
غەلىتە ئۇرۇشنىڭ تۆتىنچىسى، ئىشقا چۈشۈش بىلەن ئارام ئېلىش ناھايىتى ئېنىق بولغان ئۇرۇش. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان مولدوۋادا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلايدۇ، غەربكە يېقىن كۈچلەر بىلەن روسىيەگە يېقىن كۈچلەر ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلايدۇ. كۈندۈزى ئۇلار قاتتىق ئۇرۇش قىلىشسا، ئەمما ئاخشىمى ئۇلار قوراللىرىنى تاشلاپ، دۈشمەنلەر بىلەن بىرگە قاۋاقخانىغا كېلىپ، بىرگە ھاراق ئىچىشىدۇ. تاڭ ئاتقاندا ئۇلار قوللىرىغا قايتىدىن قورال ئېلىپ، يەنە ئېتىشىدۇ.
غەلىتە ئۇرۇشنىڭ بەشىنچىسى، ھايۋانلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئۇرۇش بولۇپ، ئاۋستىرالىيە بىلەن ئاۋستىرالىيە تۆگىقۇشى ئارىسىدا يۈز بەرگەن. 1932- يىلى شۇ يەرلىك ئامما ئاۋستىرالىيە تۆگىقۇشىنىڭ سانى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، يىمەكلىك ۋە تاتلىق سۇنىڭ كەم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەرز قىلىشقان. نەتىجىدە ئاۋستىرالىيە ئارمىيەسى ئاۋستىرالىيە تۆگىقۇشىغا جەڭ ئېلان قىلغان، ئارمىيە ئۇرۇش قىلغان ئەسكەرلەرگە 2 پىلىموت ۋە 10 مىڭ تال ئوق بەرگەن، ئەسكەرلەر پىلىموت بىلەن ئاۋستىرالىيە تۆگىقۇشىنى قىرغان، ئەمما ئاۋستىرالىيە تۆگىقۇشى سائىتىگە 50 كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئوقتىن ئۆزىنى قاچۇرغاچقا، بىر ھەپتىدە ئاران نەچچە ئاۋستىرالىيە تۆگىقۇشى ئۆلتۈرۈلگەن، بۇنى كۆرگەن قۇماندان ھەيران قالغان ۋە ئەسكەرلەرنى چېكىنىشكە بۇيرىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاۋستىرالىيە تۆگىقۇشى بۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان .