سىنا تورىنىڭ 10-مارت خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سىياسەتكە ئارىلىشىشى» قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى.
1-ئاينىڭ 28-كۈنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ ئېرچېڭ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىغا بېرىپ مەركەزنىڭ چېن جىنىڭنى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەپ، جو شېڭشيەننى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىق قارارىنى ئېلان قىلدى. چېن جىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىدى.
شۇ كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا پەقەت 12 خەتلىك «خو جيەنگو پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىر ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ» دېگەن ئۇچۇر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى تور بېكىتىگە چىقىرىلدى. بۇ خو جيەنگونىڭ جۇڭگو پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 20 يىللىق مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقتىن دېرەك بېرەتتى. 2015-يىلى 2-ئايدا بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى خۇەي جىنپېڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تەيىنلەندى.
2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان قىسقىغىنا ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ نەپەر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى ئارقىمۇ ئارقا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەشكىلىي بۆلۈملىرىدە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى، بۇ جۇڭگو سىياسىي سەھنىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ياخشى ئۆگىنىپ ئاندىن ئەمەلدار بولۇش» نىڭ باشلانغانلىقى دەپ قارالدى. ئەمەلىيەتتە ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلىشىشىدە چېن جىنىڭ، خو جيەنگو ۋە خۈەي جىنپېڭ تۇنجى كىشىلەر ئەمەس.
تەرجىمىدە: ھاجىم