سۇمۇرغ تورى خەۋىرى ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئون ئىككىنچى قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيى ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنى مېدىيا مەركىزىدە مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى ۋە مۇناسىۋىتى ھەققىدە جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، ۋاڭ يى: ئۆتكەن يىلقى بۈگۈن، مالايشىيا 370 ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئايروپىلان تېخى تېپىلمىدى، لېكىن ئىزدەش داۋاملىشىۋاتىدۇ. مالايشىيا ئايروپىلانى يولۇچىلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا نىسبەتەن بۈگۈن ئازابلىق بىر كۈن. بىزنىڭ يۈرىكىمىز كۆپچىلىك بىلەن بىللە. مالايشىيا ئاۋئاتسىيەسى تۆلەم خىزمەتلىرىنى باشلاپ بولدى، بىز ھەربىر ئائىلە تاۋاباتلارغا لازىم بولغان بارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيمىز، كۆپچىلىككە ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئادىل، قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى قوغدايمىز.